FluentPlex

يىللىق

Latin: yilliq noun B2
  1. an anniversary
    • ئونىنچى يىللىق the tenth anniversary
  2. yearly, annual, of a year · ئۇزۇن يىللىق قېرى دەرەخ an old tree of many years
    • بىر يىللىق مۇددەت for a period of a year
    • بەش يىللىق پىلان a five year plan
    • يىللىق ئىمتىھان a yearly exam, annual exam
    • يىللىق باھالاشى خىزمىتى yearly assessment (of employees' work)
  3. yearly salary
  4. of a certain year (birth sign) · سەن نېمە يىللىق؟ what is your birth year? what is your birth sign?
+ Save to review

Forms

يىللىقلار
plural
يىللىقى
his, her, their
يىللىقىمغا
my · to (⁨-غا⁩)
يىللىقتا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

① سۈپ . بىر يىلغا مۆلچەرلەنگەن ؛ بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ئەھۋاللارغا ئائىت ، كۆرسىتىلگەن يىلغا ، شۇ يىلدىكى ئەھۋال - ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك : ئۇ چاغدا بىزلەردىن يىللىق ئىمتىھان ئېلىنىۋاتاتتى . ② سۈپ . مىقدار ۋە ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ «شۇنچە يىلغا مۆلچەرلەنگەن ؛ شۇنچە يىل داۋام قىلىدىغان ياكى قىلغان ؛ شۇنچە يىل بولغان» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : ئاخىرى مېنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ۋاقتىم توشۇپ ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم . ③ ئى <مائار> مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن يىل چەكلىمىسى ئاساسىدا بۆلۈنگەن دەرىجە ئايرىمىسى : 92 - يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپى . 3 - يىللىق 2-سىنىپ . ④ ئى . يىل بويى سەرپ قىلغان مېھنىتى ، ئەمگىكى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ھەق ، مائاش : قوناق بىلەن يارچەنگە ، بىر يىللىقىم كېتىدۇ . يەتتە يىللىق ئىش ھەققىم ، ماڭا پۈتۈن قايتىدۇ . ⑤ ئى . بىرەر تارىخىي ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ كۆرسىتىلگەن ياكى سۆزلەنگەن يىلغا توشقانلىق خاتىرە كۈنى ياكى خاتىرە يىلى : ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى . ل . مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى .

From the library

خوجايىنى بەرگەن ناننى سۇندۇرسا، ئىچىدىن يەتتە يىللىق ئىش ھەققى بولغان ئالتۇنلار چىقىپتۇ.
ئۈچ ئېغىز نەسىھەت, p. 1
دوپپىچى: بازار ئەمدىلا كۆزىنى ئاچقاندا، مەن دۇكىنىمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، يىگىرمە يىللىق ئادىتىم بويىچە، ئاخشام تۈگىتەلمىگەن دوپپامنى قولۇمغا ئالىمەن.
بەش ساتقۇچى, p. 1
تۇرپان ئەتراپىدىن تېپىلغان مىڭ يىللىق يازما ھۆججەتلەر بۇ يەردە قەغەزنىڭ بالدۇرلا كەڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يىپەك يولىدىن ئۆتكەن نەرسىلەر, p. 1
لېكىن ئون يىللىق تەجرىبە ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى ئۆگەتتى: سۆز بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ھەرگىز يالغۇز ئۆتمەيدۇ، ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە بىر پۈتۈن دۇنيانى ئېلىپ ماڭىدۇ.
تەرجىمان, p. 1

Learn يىللىق in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.