بەرمەك
拉丁字母:bermek 动词 A1-
给,交给
· ئۇ ماڭا ئادرېسىنى بەردى he gave me his address.
- ياردەم بەرمەك to help, assist
- پۇل بەرمەك to pay, to give money
- ئالماقچى بار، بەرمەكچى يوق (prov.) people are always ready to take but not to give
- بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، قازان بېشىدىن چۈشمەس the food of the stingy man is never cooked (but he never leaves the pot!) (describing stingy behaviour or behaviour of smb.who doesn't really want to do smth.)
-
供应,提供
- دارامەت بەرمەك to pay, to give salary
- مائاش بەرمەك to pay, to give salary
- قۇتقۇزۇش بەرمەك to rescue, to provide deliverance
- ئوغۇت بەرمەك to apply fertiliser, to fertilise
-
创造,引起,产生,生成
- نەتىجە بەرمەك to create a result
- پايدا بەرمەك to generate a profit, give a profit
- مېۋە بەرمەك to produce fruit, to bear fruit
- ئۈنۈم بەرمەك to produce a result, give a result
-
交给,托付给,放入,送到
- يەسلىگە بەرمەك to put into a nursery
- (بالىنى) مەكتەپكە بەرمەك to send (a child) to school
-
借出
- بېرىپ تۇرمەك to give for a short time, to loan
- توپىڭنى بېرىپ تۇر! loan us your ball!
- بېرىپ يامان بولغىچە، بەرمەي يامان بولغان ياخشى (prov.) better to endure the anger (of the borrower) from not lending, than to endure the anger (of the borrower) from going (repeatedly) to ask for it back
-
偿还,归还(借来的东西)
- تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي، قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي (prov.) I'll see you born and die, I'll see you borrow and not give back (pessimism )
-
to bring to a certain state
· مۇزىكا مېڭىنى ئارام ئالدرۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ music helps the brain to relax
- تەسىر بەرمەك to influence, to affect
- ئىلھام بەرمەك to inspire
- to publish, to put into print · بۇ ماقالىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانىدا بېرىمىز we will publish this article in the third edition of the journal
- to answer · سوئالغا بېرىپ بولغانلار تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار let those who have answered the questions check them (again) and see
- to teach, to give (lessons), to train · سىز بىزگە خۇش خەت بىلەن ھېسابتىن دەرس بېرەتتىڭىز you have been teaching us calligraphy and calculation (giving us ....... lessons)
- to give (a girl) in marriage · ساڭا چوڭ قىزىمىزنى بېرەي I will give you our eldest girl in marriage
-
to offer, to serve with, to extend (smth.) to
· ئۇ خۇش ياقماسلىق بىلەن قولىنى ئۇنىڭغا بەردى (i) he reluctantly extended his hand to him, offered him his hand; (ii) he reluctantly agreed
- قولىغا سۇ بەرمەك to pour water over the hands
-
to send, to issue
- تېلېفون بەرمەك to call (on the phone), to give (smb.) a (phone) call
- ئەرز بەرمەك to indict, to issue an accusation, to make a charge
- سىگنال بەرمەك to send a signal
- خەت بەرمەك to send a letter
-
to express, to give (in words)
- رازىلىق بەرمەك to express agreement, to agree
- رۇخسەت بەرمەك to give permission, to agree to
- ئىجازەت بەرمەك to permit, to give permission
-
to bestow, confer, award
· ئۇ ئۇلارغا كۆڭلىدىن ئورۇن بەردى she gave them a place in her heart, she included them in her affections
- مۇكاپات بەرمەك to bestow an award, give a prize
- ئۇنۋان بەرمەك to bestow a title
- ۋەزىپە بەرمەك to give (smb.) a task
-
to sell
· كانچە پۇلغا بېرىسىز؟ - ئالسىڭىز بەش كويغا ئېلىڭ، بىر پۇڭ كەم بولسا بەرمەيمەن how much are you selling it for? - if you want it, it's five yuan, and I won't sell (give) it for any less
- قانچىچە بېرىسىز؟ how much are you selling for?
- to broadcast, to give out, to put on (for entertainment, etc.) · بۈگۈن رادىئودا كونسېرت ۋە ناخشا بەردى today there was a concert and songs on the radio, today they put on a concert and songs on the radio
-
together with certain nouns, producing an idiom
- ئەھمىيەت بەرمەك to value, to place value upon, to pay attention to
- تونۇشلۇق بەرمەك to acknowledge, to give a greeting, to say hello
- سالام بەرمەك to greet, to give a greeting
- بەرھەم بەرمەك to cause loss (to), to bring trouble, to obstruct
- an auxiliary verb involving: -
-
(i) an act for, or in place of, someone or something else
· ئۇلار ئۇنىڭ »رەئىس« بولۇپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلدى they requested him to act as chairman (for them)· باشقىلارنىڭ ئوقەتلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىغانلار (باشقىلارغا ئىشلىشىپ بېرىدىغانلار) those working for others, doing business for others
- ئوقۇپ بەرمەك (i) to read for someone else; (ii) to read for smb., to smb.
- يېزىپ بەرمەك (i) to write smth. for smb. else (who is unable to); (ii) to write smth. out for smb.
- ئىشلەپ بەرمەك (i) to work in someone else's place; (ii) to do some work for smb.
-
(ii) the profitability of what is done for someone or smth., or smth. done with smb. else in mind
· بۇ ئاقكۆڭۇل كىشى مېنى ئۆيىڭىزگە باشلاپ بەردى this kind person brought me to your house· سىزمۇ كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ بەرسىڭىز you come too (to join our party)· بىز ئۈچۈن بىر ئۇسسۇل ئويناپ بەرسىڭىز؟ could you perform do a dance for us?
- بىزگە دەپ بېرىڭا! please tell us, eh?
词形
- بېرىمەن
- 现在将来时 · 我(مەن)
- بەردى
- 过去时 · 他、她、他们(ئۇ)
- بېرىۋاتىمىز
- 现在进行时 · 我们(بىز)
- بەرمەيدۇ
- 现在将来时 · 否定 · 他、她、他们(ئۇ)
维吾尔语释义
پ ① ئۆزىدە ياكى يېنىدا بولغان بىر نەرسىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزماق ، ئىختىيارىغا تاپشۇرماق : بېرىپ يامان بولغۇچە ،بەرمەي يامان بول (ماقال) . ② تەمىنلىمەك ،تارقاتماق : دارامەت بەرمەك . مائاش بەرمەك . ③ ھاسىل قىلماق ،نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەك : ئۈنۈم بەرمەك . پايدا بەرمەك . مېۋە بەرمەك . ④ بىرەر مۇئەسسەسەگە ياكى ئورۇنغا كىرگۈزمەك ،ئورۇنلاشتۇرماق : يەسلىگە بەرمەك . مەكتەپكە بەرمەك . ⑤ قەرز ياكى ئۆتنىنى تۆلىمەك ؛ قايتۇرماق : تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي ،قەرزدار بولۇپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي (ماقال) . ⑥ بىرەر تۈس ،كۆرۈنۈش ،كەيپىيات ھاسىل قىلماق ؛ بەخش ئەتمەك ،بېغىشلىماق : ئارام بەرمەك . تەسىر بەرمەك . ⑦ نەشر قىلىدىغان نەرسىگە كىرگۈزمەك ؛ باسماق ،ئېلان قىلماق : بۇ ماقالىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ 3 - سانىدا بېرىمىز . ⑧ ئوقۇتماق ،ئۆگەتمەك ؛ تەربىيىلىمەك : سىز بىزگە خۇش خەت بىلەن ھېسابتىن دەرس بېرەتتىڭىز . ⑨ (خوتۇن - قىزلارنى) ياتلىق قىلماق ،تالالىق قىلماق ،ئەرگە چىقارماق : ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر (ماقال) . ⑩ سۇنماق ،ئۇزاتماق ،ئىلتىپات قىلماق : ئەكبەر خۇشياقماسلىق بىلەن قولىنى ئۇنىڭغا بەردى . ⑪ يوللىماق ،ئەۋەتمەك : تېلېفون بەرمەك . سىگنال بەرمەك . خەت بەرمەك . ئەرز بەرمەك . ⑫بايان قىلماق ،ئېيتماق ،دېمەك ،ئۇقتۇرماق : رازىلىق بەرمەك . رۇخسەت بەرمەك . ئىجازەت بەرمەك . ⑬ ئىگە قىلماق ،ئېرىشتۈرمەك : ۋەزىپە بەرمەك . ئۇنۋان بەرمەك . ⑭ ساتماق : - قانچە پۇلغا بېرىسىز؟- دېدى ئۇ قوينى كۆتۈرۈپ بېقىپ . ⑮ كۆرسەتمەك ،ئاڭلاتماق : بۈگۈن رادىئودا كونسېرت ۋە ناخشا بەردى . ⑯ ئايرىم ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ : ئەھمىيەت بەرمەك . تونۇشلۇق بەرمەك . ⑰ رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . 1) ھەرىكەتنىڭ باشقا شەيئى ئۈچۈن ياكى باشقا بىركىمگە قارىتىپ ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ : ئۇ بولغان ئىشنى خوتۇنىغا دەپ بېرىپتۇ . 2) ھەرىكەت ۋە مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى بىلدۈرىدۇ : مۇشۇ يەردە تۇرۇپ بەرگىنىڭىز بىزنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرگىنىڭىز .
来自图书馆
كېيىن قىزىڭ تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئۆز تىلىڭدا چۆچەك ئېيتىپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭنى بىلىپ ھەيران قالىسەن.
بۇ ئۇسۇللار تېز نەتىجە بەرمەيدۇ: يەر ئاستى سۈيى ئون يىللاپ تۆۋەنلىگىنىدەك، ئۇنىڭ قايتا كۆتۈرۈلۈشىمۇ ئون يىللارنى تەلەپ قىلىدۇ.
نامنىڭ مەنىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ قۇملۇق ئادەمنى ھەقىقەتەن قويۇپ بەرمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇپ قالىدىغىنى بەدەن ئەمەس، دىققەت.
在真实文章中学习بەرمەك
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。