ئىش
Latin: ish noun A1-
work, business, enterprise
· ھەپتىدە ئالتە كۈندە مەن ئىشتا I'm at work six days of the week· جىمما كۆزىنى ئىشىدىن ئېلىپ ئۇنىڭغا قارىدى Jimma took her eyes off her work and looked at him· ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ مۇنداق دېدى he commanded him to do thus....
- ئىشقا پىشقان يىگىت a young man matured by work
- ئىشتىن تاشقىرى sparetime, after-hours; amateur
- گەپنى ئاز سۆزلە، ئىشنى كۆپ كۆزلە (prov.) speak few words, pursue much work
- ئىشنى ئادەمگە باغلىق (prov.) the work done depends on the man who does it
-
a responsibility, a task, a job, a thing (to do)
· سىلەرگە مۇنۇ ئۈچ ئىشنى تاپىلايمەن I have these three things for you to do· خېنىمنىڭ بۇيرىغان ئىشىنى قىلمىسام بولمايدۇ I must do what my lady commands· بۇنى قىلىش مېنىڭ ئىشىم - دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا "to do this is my responsibility" - he said decisively
- ئىشقا بۇيرۇماق to set to a task, to put to work
-
handiwork, thing produced, work, workpiece (needlework, tailor's work in progress, etc.)
- ئىش ئالماق to take on work (can be used of any craftsman)
- ئىش ئەۋرىشكىسى a sample of the handiwork
- ئىش تىكمەك to stitch up the work, to make up the work
- ئىش تىكىشكە ئۇستا expert at sewing (things)
-
affair, associated work, matter, the field (of..)
- سۇچىلىق ئىشلىرى the affairs of water conservation, the field of hydrology
- مىللىي ئىشلار ethnic matters
- لوغەتچىلىك - قىيىن ئىش writing a dictionary is a difficult matter
- قۇرۇلۇش ئىشلىرى construction operations, construction enterprises
-
an affair, a business, a matter, a need
· ئۇنىڭدا مۇھىم ئىشىم بار I have something important to ask him· قانداق ئىشىڭىز بار؟ what can I do for you?· نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز؟ what is it? what's the purpose of your visit?
- ئالاقىدار ئىشلار related matters
-
relationship, personal affair, responsibility, something to do with
· مېنىڭ كىملىكىم بىلەن ئىشىڭىز بولمىسۇن it's none of your business who I am, who I am has nothing to do with you
- ئىش ئوڭدىن كەلمەك affairs go well, the thing go well, things go smoothly
-
a case, a matter
- جىنايى ئىشلار criminal matters, criminal cases
- جىنايەتچىلىك ئىشى a criminal case
- an incident, a matter, happening, something which has happened · بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق we inquired from him the reason for the incident· بۇ ئۆيىگە بېرىشنىڭ ئالدىدىلا بولغان ئىش this happened well before I went to his home· بېشىغا ئىش كەلمەك something happens to him
- a matter, personal matter (hidden) · ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى the matter was out in the open
-
things, affairs, (the) situation
- ئىش چاتاق! this is bad! there's a problem! there's a problem!
- ئىشلار قانداقراق؟ how is it going? how are things? how's the situation?
- the way to do smth., the method · بۇنىڭ ئىشى ئوڭاي، يەنى` ياغ پۇرىتىپ روھىي ئەرۋاھلار ھەققىدە دۇئا-تىلاۋەت قىلغۇزسىلى، ئاندىن ھايال قىلماي چوڭراق بىرەر نەرسىنى سەدىقە قىلىۋەتسىلە - دېدى باخشى "the way to do this is quite simple: - just burn off some oil, praying for the spirits of your ancestors, and without too much delay give something large as alms" - said the sorcerer
-
trouble
- ئىش تېرىمەك to sow discord, to cause trouble, to stir up trouble, to sow trouble, to create strife
- (physics) an incident, an occurrence
-
everything
· ئىشتا كەمتەر بولغىنىم سىلەرگە مەلۇم my humility in everything is known to you· ئىشتا سىلەرگە ئۈلگە بولدۇم I have been an example to you in everything· مېنىڭچە ھاپىز ھەقىقىي بىر ئىش ئادىمى in my opinion Hapiz is a real worker
- ئىش ئادىمى a real worker, an assiduous person
- ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسى factory exercises, break-time exercises
- ئىش ئاقماق things go well, affairs go smoothly
- ئىش باسماق affairs are pressing, to be very busy
Forms
- ئىشلار
- plural
- ئىشى
- his, her, their
- ئىشىمغا
- my · to (-غا)
- ئىشتا
- in, at (-دا)
In Uyghur
ئى ① ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىش مۇددىئاسىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەت ، ئىجادىي ئەمگەك ، مېھنەت ياكى مەشغۇلات ، خىزمەت : ئەمەلىي ئىش . ئىلمىي ئىش . ئۆي ئىشى . ئىش كۈنى . ئىش ھەققى . ئىشتىن قالماق . * گەپنى ئاز سۆزلە ، ئىشنى كۆپ كۆزلە (ماقال) . * ئىش ئادەمگە باغلىق (ماقال) . ② تاپشۇرۇق ، ۋەزىپە : ئىشقا بۇيرۇماق . ③ مېھنەت نەتىجىسىدە يارىتىلغان نەرسە ، مەھسۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلار : ئىش ئەۋرىشكىسى . ④ پائالىيەت ، مېھنەت ، مەشغۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسى ؛ كەسىپ ، ھۈنەر : سۇچىلىق ئىشلىرى . مىللىي ئىشلار . ⑤ پائالىيەت ، مېھنەت ، مەشغۇلات ئوبيېكتى : ئىش تەقسىماتى . ئىش تەقسىم قىلماق . ⑥ زۆرۈرىيەت ، ئېھتىياج : ئۇنىڭدا مۇھىم بىر ئىشىم بار . ⑦ مۇناسىۋەت ياكى مەسئۇلىيەت : - مېنىڭ كىملىكىم بىلەن سىزنىڭ ئىشىڭىز بولمىسۇن ، - دېدى ئۇ . ⑧ بۇرچ ، ۋەزىپە : - بۇنى قىلىش مېنىڭ ئىشىم ، - دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا . ⑨ سوت ياكى مەمۇرىي ئورگانلاردا تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەسىلە : جىنايى ئىشلار . خىيانەتچىلىك ئىشى . ⑩ سادىر بولغان ۋەقە ، ھادىسە : بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق . ⑪ ھالەت ، ئەھۋال : ئىش چاتاق . ئىشلار قانداقراق؟ ⑫مەخپىيەتلىك : ئەدىيالنىڭ ئىچىدىن ئەركىننىڭ خىرتىلداپ يىغىلىشى ئاڭلاندى . ئەمدى ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى . ⑬ ئامال ، ئۇسۇل ، چارە : بۇنىڭ ئىشى ئوڭاي . ⑭ ئامەت : ئىش ئوڭدىن كەلمەك . ⑮ مەقسەت ، مۇددىئا : ۋەزىر ئاتتىن چۈشۈپ ، نۇردۇن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە : - قەيەردىن ، نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز ئوغلۇم؟ - دەپتۇ ۋەزىر نۇردۇنغا . ⑯ دۇچ كېلىش ، ئالدىدا تۇرغان ياكى دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ئەھۋال ، مەسىلە : بېشىغا ئىش كەلمەك . * ياز بار ، قىش بار ، ئالدىرىماڭ ، ئىش بار (ماقال) . ⑰ <فىز> بىر كۈچنىڭ جىسىمنى ئۆز يۆنىلىشى بويىچە سىلجىتىشى . ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەسىر قىلغۇچى كۈچنىڭ مىقدارىنى كۈچنىڭ يۆنىلىشىدە جىسىم سىلجىغان ئارىلىققا كۆپەيتكەنگە تەڭ .
From the library
ئاندىن بىز مەكتەپكە ۋە ئىشقا بارىمىز.
بۇ ئىش ناھايىتى قىيىن ۋە ئۇزۇن ئىدى.
ئىش ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۇرپاننىڭ يازى ئىنتايىن ئىسسىق.
بۇ خەتتە سىزگە توقۇشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلارنى يېزىپ بېرەي.
Other matches
Learn ئىش in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.