FluentPlex

ئىش

Latin: ish noun C2
  1. work clothes
+ Save to review

Forms

ئىشلار
plural
ئىشى
his, her, their
ئىشىمغا
my · to (⁨-غا⁩)
ئىشتا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

ئى ① ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىش مۇددىئاسىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەت ، ئىجادىي ئەمگەك ، مېھنەت ياكى مەشغۇلات ، خىزمەت : ئەمەلىي ئىش . ئىلمىي ئىش . ئۆي ئىشى . ئىش كۈنى . ئىش ھەققى . ئىشتىن قالماق . * گەپنى ئاز سۆزلە ، ئىشنى كۆپ كۆزلە (ماقال) . * ئىش ئادەمگە باغلىق (ماقال) . ② تاپشۇرۇق ، ۋەزىپە : ئىشقا بۇيرۇماق . ③ مېھنەت نەتىجىسىدە يارىتىلغان نەرسە ، مەھسۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلار : ئىش ئەۋرىشكىسى . ④ پائالىيەت ، مېھنەت ، مەشغۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسى ؛ كەسىپ ، ھۈنەر : سۇچىلىق ئىشلىرى . مىللىي ئىشلار . ⑤ پائالىيەت ، مېھنەت ، مەشغۇلات ئوبيېكتى : ئىش تەقسىماتى . ئىش تەقسىم قىلماق . ⑥ زۆرۈرىيەت ، ئېھتىياج : ئۇنىڭدا مۇھىم بىر ئىشىم بار . ⑦ مۇناسىۋەت ياكى مەسئۇلىيەت : - مېنىڭ كىملىكىم بىلەن سىزنىڭ ئىشىڭىز بولمىسۇن ، - دېدى ئۇ . ⑧ بۇرچ ، ۋەزىپە : - بۇنى قىلىش مېنىڭ ئىشىم ، - دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا . ⑨ سوت ياكى مەمۇرىي ئورگانلاردا تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەسىلە : جىنايى ئىشلار . خىيانەتچىلىك ئىشى . ⑩ سادىر بولغان ۋەقە ، ھادىسە : بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق . ⑪ ھالەت ، ئەھۋال : ئىش چاتاق . ئىشلار قانداقراق؟ ⑫مەخپىيەتلىك : ئەدىيالنىڭ ئىچىدىن ئەركىننىڭ خىرتىلداپ يىغىلىشى ئاڭلاندى . ئەمدى ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى . ⑬ ئامال ، ئۇسۇل ، چارە : بۇنىڭ ئىشى ئوڭاي . ⑭ ئامەت : ئىش ئوڭدىن كەلمەك . ⑮ مەقسەت ، مۇددىئا : ۋەزىر ئاتتىن چۈشۈپ ، نۇردۇن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە : - قەيەردىن ، نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز ئوغلۇم؟ - دەپتۇ ۋەزىر نۇردۇنغا . ⑯ دۇچ كېلىش ، ئالدىدا تۇرغان ياكى دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ئەھۋال ، مەسىلە : بېشىغا ئىش كەلمەك . * ياز بار ، قىش بار ، ئالدىرىماڭ ، ئىش بار (ماقال) . ⑰ <فىز> بىر كۈچنىڭ جىسىمنى ئۆز يۆنىلىشى بويىچە سىلجىتىشى . ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەسىر قىلغۇچى كۈچنىڭ مىقدارىنى كۈچنىڭ يۆنىلىشىدە جىسىم سىلجىغان ئارىلىققا كۆپەيتكەنگە تەڭ .

Other matches

Learn ئىش in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.