تىزىلماق
Latin: tizilmaq verb B1- to be strung together · بۇ مارجان ئوبدان تىزىلىپتۇ this necklace is well strung
- to get oneself into order, to arrange oneself · ئوقۇغۇچىلار تىزىلدى the students got themselves into order· كومماندېر »سەپكە تىزىلىڭلار« دېيىئى بىلەنلا، جەڭچىلەر سەپكە تىزىلماق as the commander ordered, the soldiers got into their ranks· تۈتتىن بولۇپ تىزىلغان ئۇزۇن ئەترەت the long team set in rows of four
-
to queue, to line up
· كىشىلەر يولنىڭ ئىككى چېتىگە تىزىلىپ، مېھمانلارنى قارشى ئالدى people lined up on either side of the road and welcomed the guests· ئۇلار كۇلۇب ئالدىدا تىزىلىپ تۇراتتى they were queueing outside the club
- تىزىلىش تەرتىپى (i) the order of listing, arrangement; (ii) order of queueing
-
to be in line
- (بىردىن) تىزىلىپ ماڭماق to walk in (single) file
- چىغىر يولدا تىزىلىپ ماڭماق to walk in (single) file along the path
- to be set out, to be displayed · بۇ رەسىملىرىڭىز رەتسىز تىزىلىپتۇ your pictures are not set out in any order· ماگازىنغا ھەر خىل ماللار تىزىلىپتۇ all kinds of goods were on display in the shop· ئۆتكەن ئىشلار خىيالىدىن تىزىلىپ ئۆتتى the former things passed one by one before her mind
- to be stuck, to be jammed (in a line) · مەيدەمگە نان تىزىلىپ قالدى there's some nan stuck in my throat
- to come in order, to appear in order · ئۇنىڭ ئۆتمىشى خىيالىدىن بىر-بىرلەپ تىزىلىپ ئۆتتى his past doings appeared one by one in his mind
Forms
- تىزىلىمەن
- present-future · I (مەن)
- تىزىلدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- تىزىلىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- تىزىلمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
① «تىزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى : ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدا گۈل ئۈستىدىكى ئۇششاق شەبنەم دانلىرىدەك تەر تامچىلىرى تىزىلىپ تۇراتتى . ② «تىزماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى : غېرىب بىلەن شاھى ئابباس ۋە نۆكەرلەر رولىنى ئالغان ئارتىسلار كۇلۇب ئالدىغا تىزىلىپ ، خەلقنىڭ كۇلۇبقا كىرىۋېلىشىغا يول ھازىرلاپ بەردى . ③ كۆچمە . كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەك : سابىرنىڭ كۆز ئالدىدىن نىياز قۇرباننىڭ بەش بارماقتەك ئېنىق بولغان تارىخى تىزىلىپ ئۆتتى .
From the library
مەسىلەن، شاھمات ئۇستىلىرى ھەقىقىي ئويۇندىن ئېلىنغان ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر قاراپلا ئەستە قالدۇرالايدۇ، شاھمات تاشلىرى قالايمىقان تىزىلغاندا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى دېگۈدەك يوقىلىدۇ.
يۇقىرىدىن قارىغاندا، بۇ قۇدۇقلار قۇملۇقتا تىزىلغان مارجانغا ئوخشايدۇ.
كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كىچىك دۇكانلار تىزىلىپ كەتكەن.
داستىخان دېگەندە، يېيىلگەن رەختمۇ، ئۈستىگە تىزىلغان نان، مېۋە ۋە چايمۇ، ھەتتا مېھمانغا كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتمۇ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
Learn تىزىلماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.