FluentPlex

ئېيتماق

Latin: éytmaq verb A2
  1. to tell, to say, to inform · بۇ تاغلارنىڭ ھېكايىسىنى ئيتىپ بېرەي I'll tell you the story of these mountains· ئۇ ماڭا يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن پويىز شەھەرگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى he told me the train would come into the city in another half an hour· ئۇ بۇ ھەققىدە ماڭا ئېيتمىدى he didn't tell me about that
    • راستنى (راستىنى) ئييتسام،... to tell the truth,..
    • ئېيتىشلارغا قارىغاندا as I hear tell,.... the word is that.... I hear that....
    • ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك as has (just) been said,..
    • ھازىرقى تەخنىكىسىدىن ئېيتقاندا،.. speaking with reference to modern technology,..
  2. to say, to pronounce · بىرەر تىلنى يېڭى ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرا ئېيتىش كېرەك in learning any new language the learner should speak properly
  3. to tell, to instruct (to do smth.) · تاپشۇرۇقلارنىڭ يىغىنلاقلىقىنى ئېيتتى he told them to collect up their homework· كىشىلەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى the people rebuked him, telling him to be quiet· ئۇ ئوفىتسېرلىرىنى ئۆيىگە چايغا ئېيتىپتۇ he told his officers to come to tea
  4. to sing, to recite · ئۇلار بىر خور ئېيتتى they sang in (a) choir
    • ناخشا (غەزەل) ئېيتماق to sing a song
    • خور ئېيتماق to sing in a choir, to sing in unison, in chorus
  5. to invite, to make an invitation to · ئۇ ئوفىتسېرلىرىنى ئۆيىگە چايغا ئېيتىپتۇ he told his officers to come to tea
    • مېھمانغا ئېيتماق to invite to eat(at home or in a restaurant)
    • چايغا ئېيتماق to invite to eat
    • تويغا ئېيتماق to invite to a wedding
  6. with certain nouns, making fixed expressions
    • سالام ئېيتماق to greet
    • ئۆزرە ئېيتماق to apologise (for smth., giving a reason)
    • گەپ ئېيتماق to tell, to relate
+ Save to review

Forms

ئېيتىمەن
present-future · I (⁨مەن⁩)
ئېيتتى
past · he, she, they (⁨ئۇ⁩)
ئېيتىۋاتىمىز
doing now · we (⁨بىز⁩)
ئېيتمايدۇ
present-future · not · he, she, they (⁨ئۇ⁩)

In Uyghur

پ ① ئوي -پىكرىنى ، مەقسىتىنى ئاغزاكى بايان قىلماق ، گەپ قىلماق ، دېمەك : ئاشىق ئايالغا ئۆزىنىڭ كەلگەن يېرىنى ۋە كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ . ② تەلەپپۇز قىلماق : بىرەر تىلنى يېڭى ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرا ئېيتىش كېرەك . ③ تەكلىپ قىلماق ، چاقىرماق : تويغا ئېيتماق . چايغا ئېيتماق . نەزىرگە ئېيتماق . ④ بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى پېئىللاشتۇرۇپ «يوللىماق ، يەتكۈزمەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : سالام ئېيتماق . ئۆزرە ئېيتماق . گەپ ئېيتماق .

From the library

كېيىن قىزىڭ تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئۆز تىلىڭدا چۆچەك ئېيتىپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭنى بىلىپ ھەيران قالىسەن.
ياش ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمگە خەت, p. 1
ئەڭ ئېنىق پەرق بولسا قېرىنداشلىق سۆزلىرىدە: ئىنگلىز تىلىدا قېرىندىشىڭىزنىڭ سىزدىن چوڭ ياكى كىچىك ئىكەنلىكىنى ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا بولسا بۇنى ئېيتماي تۇرۇپ ئۇنى ئاتىغىلىمۇ بولمايدۇ.
تەرجىمىگە سىغمايدىغان سۆزلەر, p. 1
ئۇ پەقەت بىر تىل بىر سۆز بىلەن ئېيتقاننى يەنە بىر تىلنىڭ بىر جۈملە بىلەن ئېيتىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تەرجىمىگە سىغمايدىغان سۆزلەر, p. 1
لېكىن بۇ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستىدا بىرلا ئوي ياتىدۇ: مېھماننى ئۆزۈڭدىن ئەلا بىلىش، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇ ئېيتماي تۇرۇپلا سېزىش.
مېھماندوستلۇقنىڭ مەنىسى, p. 1

Learn ئېيتماق in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.