شۇنداق
Latin: shundaq adjective A2-
like that, in that way, so
· نۇرغۇن يىللار مانا شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى many years passed like this
- شۇنداق بولسۇن OK, that's settled then! all right! that's agreed then! OK then! so be it!
- شۇنداق چىرايلىق (i) so beautiful, as beautful as that; (ii) so very beautiful, with such beauty (emphatic)
- شۇنداق قارىسا... when he had a good look.... when he had a look....
- شۇنداق قىلايلى! OK, let's do that (then)! let's do it that way!
-
that kind of, such a
· ئۇ شۇنداق ئادەم he's just such a man
- شۇنداق ئىش that kind of thing
-
Yes! right! true!
· شۇنداق، ئېيتقىنىڭىز توغرا (yes,) that's correct· سىزگە خەت يازغانمىدىم؟ - شۇنداق didn't I write I a letter to you? - yes (yes, you did)
- - شۇنداق! - دەپتۇ ئۇ. "Yes, that's right!" he said
- very, extremely, so very, so · بۇ كىتاب شۇنداق ياخشى this book is so very good
- such a..., such a great..., so (great)..., very (much) · ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويلىغاندا شۇنداق قورققۇم كېلەتتى thinking about killing people I used to get such a fear, get so afraid
- an emphatic particle · ئەلى بابا غارغا كىرىپ شۇنداق قارىغان ئىكەن، غار ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ as Ali Baba came into the cave and looked, behold, it was full of gold and silver
Forms
- شۇنداقلار
- plural
- شۇنداقتا
- in, at (-دا)
In Uyghur
① ئال . ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ، كۆزدە تۇتۇلغاندەك ، كۆز ئالدىدىكىدەك ، ئاشۇنداق : - تاشۋاي ئاكاڭ ماڭماقچى ، مەن گۆش ، سەۋزە تېپىپ كېلىپ ، ئۆز قولۇم بىلەن پولۇ ئېتىپ بېرەي . بىزنىڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىمىز شۇنداق ئۆتسۇن ، - دېدى سالىخ ئاكا قىزى گۈلچېھرىگە . ② رەۋ . ئېيتىلغان ياكى كۆزدە تۇتۇلغان تەرتىپتە ؛ شۇ بويىچە ، شۇ تەرتىپتە ، شۇ تەرزدە : كۆپچىلىك : «شۇنداق قىلايلى »دىيىشىپ ، لەيلىگۈلنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى . ③ تەستىقلىغۇچى جاۋاب ئورنىدا قوللىنىلىپ «ھەئە ، توغرا ، ئەلۋەتتە ، دېگىنىڭ راست» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ : - بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە دەمدۇلا ؟ - شۇنداق . ④ رەۋ . شۇ قەدەر ، شۇنچىلىك : شۇ دەرىجىدە ئۆتتى كۆپ يىللار شۇنداق قايغۇدا ، شۇنداق ئازابتا ، بىزنىڭ بۇ باشتىن ، ئەمما تاپمىدۇق ھەم تاپالمىدۇق ، ھېچبىر يورۇق يول ، يىغلاپ قاقشاشتىن . ⑤ رەۋ . ئادەتتىكىدەك ، باشقىچە ، شۇ دەرىجىدە : ئۇ شۇنداق قارىسا ، بىر چىرايلىق قىز كېلىۋاتقۇدەك .
From the library
شۇنداق قىلىپ، بىر ئەتلەستە بەزىدە بەش-ئالتە خىل رەڭ بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن بارخان شامال بىلەن بىللە ئاستا-ئاستا ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.
ئەزىزە: دادا، بىلىمەن، سىزلەر مېنى ئويلاپ شۇنداق دەۋاتىسىزلەر، بۇنى چۈشىنىمەن.
شۇنداق بولسىمۇ، «قۇم دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ زېمىندا ھايات ئۈزۈلۈپ قالمىغان؛ ئۇ پەقەت كۆزگە ئانچە چېلىقمايدۇ، خالاس.
Learn شۇنداق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.