FluentPlex

خاتىرە

Latin: xatire noun B1
  1. memory · بۇ ئىش خاتىرىڭىزدە بولسۇن! don't you forget this!
    • خاتىرەم ياخشى I have a good memory
    • خاتىرەم ياخشى ئەمەس I have a bad memory
    • خاتىرىسىدە تۇتماق to keep in memory, keep in mind
  2. a record, diary · ئۇ پۈتۈن سەپىرىدە خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدى he kept a diary of all his travels
    • خاتىرە دەپتەر a diary, record book
    • خاتىرە يازماق to write a diary
    • كۈندىلىك خاتىرە a diary, daily diary
    • يىغىن خاتىرىسى the minutes of a meeting, record of a meeting
  3. a notebook, record · خاتىرەمگىمۇ يېزىۋالاي! I'll write that in my notebook too!
  4. memorial, in memory, as souvenir
    • خاتىرە بويۇمى a souvenir
    • خاتىرە تاش a monument, memorial stone
    • خاتىرە مۇنارە a monument, memorial
    • خاتىرە سۈرەت a souvenir picture, memorial portrait
  5. dignity, "face" · قىلچە يۈز-خاتىرە قىلىڭ! give him a little face (dignity)!
    • يۈز خاتىرە قىلماق to give someone "face", to show respect
  6. a (moral) lesson, instruction
    • ئاچچىق خاتىرە a bitter lesson
  7. state of mind, thoughts · خاتىرەڭنى جەم قىل، ئىشىڭنى جەزمەن ئورۇنلايمەن don't worry, I'll certainly take care of your business· خاتىرىڭ جەم بولسۇن (خاتىرىڭنى جەم قىل) don't worry, everything is all right
    • خاتىرىنى جەم قىلماق to relax, not worry
+ Save to review

Forms

خاتىرىلەر
plural
خاتىرىسى
his, her, their
خاتىرەمگە
my · to (⁨-غا⁩)
خاتىرىدە
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

[ئە] ①ئى . بىرەر ئادەم ياكى بىرەر نەرسە ھەققىدىكى ئىش - ھەرىكەت ، ھادىسىلەرنى ئەستە ساقلاش ، ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتى ؛ ئەس ، ياد ، زېھىن : خاتىرىسىدە تۇتماق . خاتىرىسىگە كەلتۈرمەك .  ئادەمنىڭ خاتىرىسى 18 ياشتىن 29 ياشقىچە تەرەققىي قىلىپ ، چېكىگە يېتىدۇ . ② ئى . بېشىدىن كەچۈرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىش ، ھادىسە ، ۋەقە ۋە شۇ قاتارلىقلار ؛ ئەسلىمە ؛ سەرگۈزەشتە ؛ ئۆتمۈش : ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ، ياش يىگىتلىك چاغلىرىدىكى شېرىن خاتىرىلىرىنى زوق بىلەن سۆزلەشكە چۈشتى . ③ سۈپ . ئەسلەش ، سېغىنىشنى بىلدۈرىدىغان ؛ ئەسلەش ، ياد قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان ، يادىكار قىلىنغان : خاتىرە ھەيكەل . خاتىرە تاش . خاتىرە مۇنار . ④ ئى . مۇھىم ۋە زۆرۈر دەپ ھېسابلانغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تۇتۇلىدىغان دەپتەر : مەن ياتاققا كېلىپ ، جوزا ئۈستىگە تىزىلغان كىتابلار ئارىسىدىن كۈندىلىك خاتىرەمنى ئالدىم . ⑤ سۈپ . مەخسۇس خاتىرىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان ، مەخسۇس تۇتۇلىدىغان : تۆرىخان يانچۇقىدىن كونا بىر خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ، ئۇيان - بۇياننى ۋاراقلاشقا باشلىدى . ⑥ ئى . ئېچىلغان يىغىننىڭ مەزمۇنى ، يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن تۈرلۈك مەسىلە ياكى بىرەر ئىش ، ھادىسە ، ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن يازما ماتېرىيال ، يازما دوكلات ؛ مەسىلە : يىغىن خاتىرىسى . ⑦ ئى . روھىي كەيپىيات ، مىجەز : بۇ ئىشتىن پادىشاھنىڭ كۆڭلى غەمكىن ، خاتىرىسى پەرىشان بولۇپ قالدى . ⑧ ئى . كۆچمە . ئابرۇي ، ھۆرمەت : يۈز- خاتىرە قىلماق .

From the library

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ھەر بىر تال ئۈزۈمنىڭ تاتلىقلىقى ئىسسىق كۈندۈز بىلەن سالقىن كېچىنىڭ بىرلىشىپ يازغان خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ.
تاتلىقلىقنىڭ سىرى, p. 1
بىر ئادەمنىڭ كىتابقا بولغان مۇھەببىتى بەزىدە پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنىڭ خاتىرىسىنى ساقلاپ قالالايدىكەن.
ئىستانبۇلدىن تېپىلغان قوليازما, p. 1
قايسى ئۇستازنىڭ ئورۇندىشى خاتىرىگە ئېلىنغان بولسا، كېيىنكى ئەۋلادلار شۇنى ئۆگىنىدىغان، باشقىلىرىنى بولسا «خاتا» دەپ قارايدىغان بولدى.
ئاغزاكى سەنئەت خاتىرىلەنگەندە, p. 1
بۈگۈن ئامستېردامدا ياكى تورونتودا ياشايدىغان بىر ياش مۇزىكانت ئۇستازنى كۆرمەي تۇرۇپمۇ، خاتىرىلەرنى ئاڭلاپ مۇقام ئۆگىنەلەيدۇ.
ئاغزاكى سەنئەت خاتىرىلەنگەندە, p. 1

Learn خاتىرە in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.