FluentPlex

قارىماق

Écriture latine : qarimaq verbe A1
  1. regarder, examiner · ئۇ ئويغىنىپ قارىسا،..... when he woke up and looked,..· ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلى قاراپ چىقىدىغان بولدۇق we have thoroughly examined his affairs· قاراڭ ماۋۇ گەپنى! (just) listen to what you're saying! (disbelief, disgust)
    • يەرگە قاراپ تۇرماق to look at the ground
    • يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىماق to look down from above
    • دەرىزىدىن قارىماق to look out of the window
    • قاراپ چىقماق (i) to have a good look at, to look over; (ii) to examine (thoroughly), to weigh carefully
  2. s'occuper de, surveiller, subvenir aux besoins de · بالىغا قاراپ تۇر، مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي look after (watch) the child for me, I'm just going out for a bit· ئاتا-ئانامغا مەن قارايمەن I'm providing for my parents· كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ be careful as you go
    • ئاتا-ئانىغا قارىماق to look after one's parents
    • ھويلىغا قارىغۇچى the yard keeper, gardener
    • ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ! look after him (for a while )
  3. penser, estimer, avoir une opinion, considérer · مېنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارايدىغانلار بارمۇ are there any who think my opinion is correct?· سىز نىكادىن ئاجرىشىشقا قانداق قارايسىز؟ what do you think of divorce?· بۇ يىتىم بالا ئۇنى ئانا دەپ قارىدى this orphan considered her his mother
  4. donner sur, faire face à, être orienté vers · ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ دەرىزىسى كوچىغا قارايدۇ his window looks onto the street· ئۇلار خلايىققا قاراپ سۆز قىلىۋاتقان چاغدا،.. as they were speaking to the people (or specially thinking of them in particular)
  5. attendre · بىز ساڭىلا قاراپ تۇردۇق we're waiting for you· تاماقىڭنى تېز يە، كۆپچىلىك ساۈىلا قاراپ قالدى hurry up and eat your food, everyone's waiting for you now· كەلسىلە ئەمىسە، مەن قارارمەن! come any time, I'll be waiting! (threat )
  6. dépendre de · ئۆيۈمدە ئون بالام ماڭا قاراپ ئولتۇرىدۇ ten children depend on me at home· باشقا قولىغا قارىماسلىقىمىز كېرەك we should not depend on others
  7. to be managed by, overseen by · بۇ مەكتەپلەر مائارىپ ئىدارىسىغا قارايدۇ these schools are overseen by the education unit
  8. to belong to, be affiliated to (?)
  9. to be based on, be according to (<قاراپ>)
    • قاراپ (i) looking at; (ii) according to, based on: (iii) towards, with a view to
    • دارامەت سانىغا قاراپ according to the amount of income
    • قىزىقارلىققا قاراپ قىلغان
  10. to consider, to weigh up, to take account of, to heed, to pay attention to · نەسرەددىن ئەپەندى قارىماققا بۇ لەتىپلەرنىڭ ئاپتورىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە.. it seems that Ependim is himself the author of these anecdotes, but in fact,...· بۇ خەۋەرگە ئەستايدىل قارىماي not listening thoroughly to this information,· ئىچمە دېگىنىمگە قارىماي ئۇچۇۋالدى he paid no heed to what I said and had a drink
    • ھازىرقى ئەھۋالغا(دىن) قارىغاندا،..... looking at, in light of, the present situation
    • بۇ ئىشقا قارىماي،.. in spite of this,
    • قارىماققا (قاراشقا) it seems (that)
    • ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي،.. not caring about one's own life, not counting one's own life dear
  11. to be aware of (<قاراپ تۇرۇپ> - see below) · بۈگۈن ئەھمەتنى كېلىدۇ دەپ، قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ قالدىم saying Ahmed was coming (I repeated another's words, subsequently proved untrue), lo and behold I've been made a liar in front of him· سىلەر قاراپ تۇرۇپ ئۇ ئادەمنىڭ نەدىن كەلگىنلىكىنى بىلمىسەڭلار، بۇ بىر ئاجايىپ ئىش بولدى! lo and behold you don't know where this man is from, that's a strange thing!I.K.105· ئۇ نېمە ئادەم. قاراپ تۇرۇپ خەقنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلالايدىغان؟! what kind of man is he, just sitting there (as if it's nothing) can forgive other's sins?
    • قاراپ تۇرۇپ (i) watching for a (short) time; (ii) lo and behold, in a short time....(expressing a surprising turn of events) ; (iii) being aware of....(nevertheless); (iv) for no reason, without cause
    • بۇنىۈغا قاراپ تۇرۇپ،.. watching this for a short time,...
+ Garder pour réviser

Formes

قارايمەن
présent-futur · je (⁨مەن⁩)
قارىدى
passé · il, elle, ils (⁨ئۇ⁩)
قاراۋاتىمىز
en train de · nous (⁨بىز⁩)
قارىمايدۇ
présent-futur · négatif · il, elle, ils (⁨ئۇ⁩)

En ouïghour

پ ① كۆرۈش ئۈچۈن كۆزىنى بىرەر تەرەپكە ، نەرسە ياكى بىركىمگە قاراتماق ؛ كۆز تاشلىماق : يىراققا قارىغاننىڭ كۆزى ئۆتكۈر (ماقال) . * ئالدىڭغا ماڭساڭ ، كەينىڭگە قارا (ماقال) . ② پەرۋىش قىلماق ، باقماق ، خەۋەر ئالماق ، كۈتمەك : كېسەلگە قارىماق . زىرائەتكە قارىماق . ③خىيالەن نەزەر تاشلىماق ، پىكرەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەك ، كۆز تىكمەك : ئۆتمۈشكە بىر قارىماق . كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن قارىماق ④. . . دەپ ھېسابلىماق ، تونۇماق … دەپ بىلمەك ، چۈشەنمەك : ئېتىبارسىز قارىماق . ⑤ ئاساسلانماق ، باقماق : ئىپادىسىگە قارىماق . * چىشىمغا قارىما ، ئىشىمغا قارا (ماقال) . * بىلەككە قارىما ، يۈرەككە قارا (ماقال) . * كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس ، دىلىغا قارا . (ماقال) . ⑥بىرەر تەرەپكە يۆنەلمەك ، توغرىلانماق ، ئۇدۇللانماق : ئۇ كەينىگە داجىپ ، ئورمان ئىچىگە قاراپ قاچتى . ⑦ياردەملەشمەك ، قاراشماق : ئالماس بولسا ، موماي بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ : - شانىياز خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ئۆي ئىشلىرىغا قارىيالماپتۇ ، ياخشى بولماپتۇ ، - دېدى . ⑧ تەلمۈرمەك ؛ ساقلىماق ؛ كۈتمەك : تاغدىن كەلگەن شامالدىن مەن يارىمنى سورايمەن . يارىمنى كېلەرمۇ دەپ يولغا چىقىپ قارايمەن . ⑨ بايقىماق ، سەزمەك : سۇلتان ئۇيقۇ ئىچىدە قوناق شاخلىرىنىڭ شاراق-شۇرۇق قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، چۆچۈپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇردى . قارىسا ، ئىش چاتاق! پۇقراچە كىيىنگەن تۆت - بەش ئادەم بۇ تەرەپكە كېلىۋېتىپتۇ . ⑩ئىتائەت قىلماق ، بويسۇنماق ؛ ئىختىيارىدا ، قارمىقىدا بولماق : خوتۇن ئەرگە قارايدۇ ، ئەر يەرگە (ماقال) . ⑪ كۆڭۈل بەرمەك ، نەزەرىنى سالماق : شۇنداق ئابرويى بولمىغان ئەرگە قىز بالا قارىمايدۇ . ⑫ كۆزدىن كەچۈرمەك ، تەكشۈرمەك : بىز ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە قاراپ چىقتۇق . Ⅱ ⑬ شەخسكە قارىتا ئېيتىلىپ تەئەججۈپلىنىش ، ئەپسۇسلىنىش ، ھەيران قېلىش ۋە نەپرەتلىنىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : ئۇنىڭ شۇنچىۋالا ئەرزان سائەتنى ئالمىغىنىنى قارا . * يېڭى ھەمراھىم يامان نېمە ئىكەن كېلىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتكىنىنى قارىمامسىز . ⑭ چېتىلما رەۋىشداشنىڭ يوقلۇق شەكلىدە كېلىپ ، «پەرۋا قىلماستىن ، پىسەنت قىلماي» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : بوران چىقىۋاتقىنىغا قارىماي ، ھاجى ئۇنى ھۇجرىسىغا چاقىرتىپ كەلدى .

Tiré de la bibliothèque

ھېچكىم ئۇنىڭغا قارىمىدى، چايمۇ بەرمىدى.
يە، تونۇم، يە!, p. 1
بۈگۈن بىر فرانسۇز بالا راۋابىمنىڭ ئۇزۇن بوينىغا قاراپ: «بۇ گىتارنىڭ چوڭ ئاكىسىمۇ؟» دەپ سورىدى.
راۋاب بىلەن ياۋروپا سەپىرى, p. 1
ئەركىن: بۇ يەردە سىز بىلەن قوشۇلىمەن، لېكىن ئەپلەرنى ئادەملەرنىڭ رەقىبى دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك.
ئەپلەرمۇ ياكى ئادەملەرمۇ؟, p. 1
سىنىپتا ئوتتۇز بالىغا قارايدىغان بىر ئوقۇتقۇچى بۇنى قىلالمايدۇ.
ئەپلەرمۇ ياكى ئادەملەرمۇ؟, p. 1

Apprenez قارىماق dans de vrais textes

Avec un compte gratuit, survolez n’importe quel mot de la bibliothèque pour voir son sens, écoutez-le lu à voix haute, enregistrez des mots pour des révisions calées sur votre mémoire, et voyez quelle part de chaque livre vous connaissez déjà.

Créer un compte gratuit
Mots, sens et exemples issus du dictionnaire ouïghour–anglais de lughet, utilisés avec l'autorisation de son propriétaire. Adaptés en ce dictionnaire par FluentPlex.