FluentPlex

ئۆگەنمەك

Latin: ögenmek verb A2
  1. to study, learn · مەن ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىۋاتىمەن I'm learning Uyghur· ئۇ بالىنى مەدرەسكە بېرىڭ، بەلكىم تەربىيەگە ئۆگىنىپ قالار hand this child over to the medressa, he might learn some discipline there
    • ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەك to study Uyghur
    • مەن فىزىكا(نى) ئۆگىنىۋاتىمەن I'm studying physics
  2. to experience, understand,
    • ئۆگىنىپ كېلىش ئۈچۈن to go and learn
    • تۇرمۇش ئۆگەنمەك to learn about life, experience life
    • جەمئىيەتنى ئۆگەنمەك to learn about society
  3. to get used to, adapted to · مۇشۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا ئۆگىنىپ قالدىم I've got used to the weather here· سىز شىنجاڭغا ئۆگىنەلىدىڭىزمۇ؟ can you get used to Xinjiang?· بۇ بالا بىزگەئۆگىنىۈ قاپتۇ this child is used to (being with) us
    • ئۆگىنىپ قالماق to get used to, adjust to
  4. to be tamed, broken, trained
    • ئۆگەنگەن ئات a tamed horse
    • ھارۋىغا ئۆگەنگەن ئات a horse trained to pull a cart
+ Save to review

Forms

ئۆگىنىمەن
present-future · I (⁨مەن⁩)
ئۆگەندى
past · he, she, they (⁨ئۇ⁩)
ئۆگىنىۋاتىمىز
doing now · we (⁨بىز⁩)
ئۆگەنمەيدۇ
present-future · not · he, she, they (⁨ئۇ⁩)

In Uyghur

پ ① بىرەر ئىش - ھەرىكەت قىلىش يولى ، ئۇسۇلى ۋە بىلىم ، تەجرىبە ، ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆزلەشتۈرمەك ، ئىگىلىمەك : ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەك . تېخنىكا ئۆگەنمەك . ئىلىم ئۆگەنمەك . ② دىققەت ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ ياخشى بىلمەك ، چۈشىنىپ يەتمەك ، چۈشىنىۋالماق : جەمئىيەتنى ئۆگەنمەك . تۇرمۇش ئۆگەنمەك . ③ ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ نېمىلىكىنى ، خاراكتېرىنى ، تەبىئىيىتىنى بىلمەك ، تەتقىق قىلماق : ئۇيغۇر شېۋىلىرىنى ئۆگەنمەك . * ئۇ شىنجاڭغا چىقىپ ئىشلىگەن تۆت يىلنىڭ مابەينىدە تىلنىلا ئەمەس ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى ، ئۆرپ- ئادىتىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەنىكەن . ④ ئۆرنەك قىلماق ، ياخشى دەپ قارالغان تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلماق ، ئۈلگە ئالماق : بىز ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىمىز . ⑤ بىرەر نەرسە ياكى ئىش- ھەرىكەت بىلەن دائىم شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالماق ، ئۇنىڭغا ئادەتلەنمەك ، كۆنمەك : يالغۇزلۇققا ئۆگەنمەك . * ئۇ ھەر قايسى بالىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەندى .

From the library

ئوسمان ئۇستا بۇ ھۈنەرنى دادىسىدىن، دادىسى بولسا بوۋىسىدىن ئۆگەنگەن.
دۇتار ياسىغۇچى ئۇستا, p. 1
دېمەك، قۇملۇق قۇرۇق ۋە جانسىز ئەمەس؛ بۇ يەردە ھايات پەقەت تېجەشلىك ۋە سەۋرچان بولۇشنى ئۆگەنگەن.
تەكلىماكاندىكى يوشۇرۇن ھايات, p. 1
ئەمەلىيەتتە، گىلەم توقۇغۇچىلار ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئۆگەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۈنىرىدە گېئومېترىيىنىڭ نۇرغۇن ئاساسىي ئۇقۇملىرى بار.
گىلەمدىكى گېئومېترىيە, p. 1
تاغام كۈلۈپ: «ئالىم، ئالدىرىما، بىر ھەپتىدە ئۆگىنىۋالىسەن» دېدى.
بازاردىكى يازلىق ئىشىم, p. 1

Learn ئۆگەنمەك in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.