يىقىلماق
Latin: yiqilmaq verb A2-
to fall over, fall down
· ئۇ يىقىلىپ دۈم چۈشتى he fell flat on his face· بىراۋنىڭ ئايىغىغا يىقىلماق to fall at somebody's feet, bow before somebody
- يىقىلىپ چۈشۈش to fall, fall down, fall over
- ئوڭدىسىا يىقىلماق to fall on one's back, fall backwards
- كۈلۈپ يىقىلىپ قالماق to fall over laughing
- ئاغرىپ يىقىلغان fallen ill
- to collapse, fall down (of itself) · بۇ كونا ئۆيلەر يىقىلماقتا these old houses are collapsing
-
to collapse, fall from power (govt.)
- تەختتىن يىقىلماق to fall from power
Forms
- يىقىلىمەن
- present-future · I (مەن)
- يىقىلدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- يىقىلىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- يىقىلمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① كۈچ بىلەن ئۇرۇلۇش ، تۈرتۈلۈش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن غۇلىماق ، ئۆرۈلمەك ، يېتىپ قالماق : يېقىلغاننى يەر كۆتۈرەر (ماقال) . ② كۆچمە . ۋەزىپە ، ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قالماق : قاسىم يىقىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنىڭ ئورنىنى يەنىلا ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئاسىم ئىگىلەيدۇ . ③ كۆچمە . ماغدۇرسىزلىنىپ ھالىدىن كەتمەك : ئوغلىنىڭ دەردىدە بىچارە ئانىمۇ ئۆزىنىڭ تېتىكلىكىنى يوقىتىپ ، يىقىلىپ قالايلا دەپ قالغانىدى . ④ كۆچمە . مەغلۇب بولماق ، يېڭىلمەك ، ئارقىدا قالماق : قاسىم يىقىلغانغا تەن بېرىدىغان ئادەم ئەمەسئىدى . ⑤ كۆچمە . ھاياتلىقتىن ياكى مەۋجۇت بولۇشتىن مەھرۇم بولماق ، يوقالماق : چېۋەر قولدا ئاپتومات ، سايرىماقتا «تا-تا-تات» . يىقىلماقتا دۈشمەنلەر ، مەرگەنلەرنىڭ كۆڭلى شاد . ⑥ كۆچمە . مەلۇم مىقداردا پۇل خەجلەشكە توغرا كەلمەك ، زىيان تارتماق : ئۇ بۇ قېتىم ئاز كەم مىڭ يۈەنگە يىقىلغانىدى .
From the library
خەلق ئارىسىدا توغراق ھەققىدە مۇنداق بىر گەپ بار: «توغراق مىڭ يىل ئۆلمەيدۇ، ئۆلسە مىڭ يىل يىقىلمايدۇ، يىقىلسا مىڭ يىل چىرىمەيدۇ.»
يۇلغۇن بولسا شورلۇق تۇپراققا چىداملىق ئۆسۈملۈك؛ ئۇ يىلتىزى ئارقىلىق سۈمۈرگەن ئارتۇقچە تۇزنى ياپرىقى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ.
بىرىنچى كۈنى نىگار ئىككى قېتىم يىقىلدى، ئەمما يىغلىمىدى.
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ پۇتى ئارغامچىغا ئىلىنىپ، يىقىلىپ چۈشتى.
ئەپەندى يەرگە يىقىلىدۇ.
Learn يىقىلماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.