باشلىماق
Latin: bashlimaq verb A2-
to begin, to start
· بىز ناخشا ئېيتىشنى باشلىدۇق we started singing· ئۇلار بۇ ئويۇنىنى باشلاپ قويۇپ.... having begun this game, they......· قاراڭ، يولدىكى قارلار ئېرىگىلى باشلاپتۇ look, the snow on the road has started to melt
- دەريانىڭ باشلىنىش ئورنى the source of the river
- ئىش باشلىماق to start work, go into operation
- باشلاپ قويماق to make a start, set smth. in motion
-
to lead, to conduct, to guide
· بۇ ئىشلار كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ۋە تۈرلۈك پاسات خىياللار كوچىسىغا باشلايدۇ thees things really are worrying and lead to wild scandals on the street
- يول باشلىماق to show someone the way, lead the way
- ئۆيگە باشلىماق (i) to lead smb. to one's house; (ii) to take (smb.) home (by invitation, to eat)
- to take (smb.) (home), to invite · يپرسىلە، ئۆيگە باشلاي please, please come in· ۋاي، ئۆيگە باشلىماي قاراپ تۇغىنىمگە كاراڭلار، قېنى ئۆيگە كىرىڭلار Why dear me, look at me standing not inviting you in, please come in
- to take the lead, to show the way · بۇ ئىشنى ئەڭ داسلەپ كىم باشلىغان، بىلەمسىز؟ who first showed the way in this, do you know?· ئۇ قورقۇپ باشلاپ ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىدى he being afraid, dared not to lead an attack
-
to teach, instruct, to discipline, subject to discipline
- بالىنى باشلىماق to discipline a child, instruct a child
Forms
- باشلايمەن
- present-future · I (مەن)
- باشلىدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- باشلاۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- باشلىمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① بىرەر ئىشقا كىرىشمەك : سۆز باشلىماق . * ئەگەر رازى بولسىڭىز بۈگۈنلا ئوپېراتسىيىنى باشلايمىز . ② يول كۆرسىتىپ ، باش بولۇپ ، يېتەكلەپ بارماق ، ئەگەشتۈرمەك : ئاشپەز ئوتۇنچىنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردى . ③ تەكلىپ قىلماق : ۋاي خۇدايىم ، ئۆيگە باشلىماي قاراپ تۇرغىنىمنى قاراڭلار ، قېنى ئۆيگە ، ئۆيگە كىرىڭلار . ④ بىرەر ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ باشقىلارغا باش بولۇپ يېتەكلىمەك : بۇ ئىشنى ئەڭ دەسلەپ كىم باشلىغان ، بىلەمسىز؟ ⑤ كۆچمە . باشقۇرماق ، تەربىيە بەرمەك : بالىنى باشلىماق . ئاتا باشلىمىغاننىڭ پوردىقى چوڭ ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى چوڭ (ماقال) .
From the library
ئانام ماڭا بۇ ھۈنەرنى مەن ئون ياشقا كىرگەندە ئۆگىتىشكە باشلىغانىدى.
شۇڭا ئۇ يانچۇق پۇلىنى يىغىشقا باشلىدى.
سازەندىلەر بىرلىكتە چېلىشقا باشلىدى.
ئاندىن قولىدىكى كىتابنى ئېچىپ، ئاستا-ئاستا ئوقۇشقا باشلىدى: «بىر كۈنى ئەپەندى ئېشىكىگە مىنىپ بازارغا بېرىپتۇ…»
ئۇ بىر-ئىككى يەردە توختاپ قالدى، لېكىن گۈلنار ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىدى.
Other matches
Learn باشلىماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.