FluentPlex

ئۆتمەك

Latin: ötmek verb A2
  1. to pass, to pass through, to cross, to go through, to go over · دەريادىن ئۆتتۇق we crossed the river, went over the river· دەريا شەھەردىن ئىقىپ ئۆتىدۇ the river flows through the city· ئاقسۇدىن ئۆتتۇق we passed through Aksu
    • شامال ئۆتمەك to pass wind to be ventilated ex
  2. to go along, to pass along · چوڭ يولدىن ماشىنىلار ئۆتۈپ تۇرىدۇ vehicles are constantly passing along the main road
  3. to pass (in time) · بىر يىل ئۆتتى a year passed· ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەك to remember former things· غەم قىلماڭ، بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كېتەر don't worry, these things will pass
    • ئۆتكەنگە سالاۋات! let bygones be bygones, forget the past!
    • ئۆتكەن يىل last year
    • ئۆتكەن پۈتۈن بىر يىل all last year
    • ئۆتكەن زامان پېئىلى a verb in the past tense
  4. to pass, to get through (an exam), to come before (for approval) · ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم I passed the exam· بۇ مەسىلە مېنىڭ ئىدىيمدىن ئۆتتى I've become convinced about this· ئوغۇل بالا قىزنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدا ئۆتۈش كېرەك a boy must come before the girl's parents (to get permission to marry)
    • سىناقتىن ئۆتمەك (i) to undergo a test, to experience a trial; (ii) to pass a test, get through a test
    • تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەك to pass an inspection
    • ئىدىيىدىن ئۆتمەك to think through, to be convinced
  5. to go past, to overtake · موتسىكلىت يۈك ماشىنىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى the motorcycle overtook, passed the lorry
  6. to exceed, to surpass · ئىشچانلىقتا ئۇنىڭدن ئۆتىدىغان ئادەم يوق no-one surpasses him in hard work
    • ئۆتۈپ كەتكەن جازانىخور a hardened criminal, a thoroughgoing criminal
    • ئۆتۈپ كەتكەن ئەسكى thoroughly wicked, bad beyond description, excessively wicked
  7. to teach, to give (a lesson)
    • دەرس ئۆتمەك to teach a lesson
  8. by the agency of (smth.), smb.
    • ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرمەك to understand essence from phenomena
  9. to be of effect, to be valid, to have effect · بۇ بېلەت ئۆتىدۇ this ticket is valid· ئۇنىڭ گېپى ئۆتىدۇ his word is law, his word is carried out· ھەممە يەردىن ئۆتىدىغان پۇل currency valid anywhere
    • گەپ ئۆتمەك to be carried out (a person's comand or word)
    • تاياق ئۆتمەك to hurt, affect by beating
    • قەدرى ئۆتمەك to become valuable (to)
  10. to leak through, to seep through
    • يامغۇر ئۆتتى the rain is leaking through, getting through
    • سۇ ئۆتتى the water is seeping through, getting through
  11. to listen to, obey, to believe · جامائەتكە لەۋزىم (گېپىم) ئۆتمىدى the people didn't listen to me
    • گەپ ئۆتىدىغان بالا an obedient child
  12. to forgive, pardon · مەن ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتىم I've forgiven him
    • گۇناھىدىن ئۆتمەك to forgive a sin
  13. to be produced, to be done, to be made (a fault or good result) · بۇ ئىشتا مەندىن سەۋەنلىك ئۆتتى I was to blame in this matter· بۇ ئىش سەندىنمۇ ئۆتتى! you are also to blame for this!· مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىدا نۇرغۇنلىغان مەشھۇر كەشپىياتچىلار ئۆتكەن in our country's history there have been many famous inventors
    • سەۋەنلىك ئۆتمەك to make a mistake, to produce a fault
  14. to pass into the possession of, to become someone's possession · بۇ ئۆي بىزگە ئۆتتى this house has become ours
  15. to be conducted, to pass through
    • توك ئۆتمەك to pass (of electricity)
    • بۇ مېتالدىن توك ئۆتىلىدۇ electricity can pass through this metal
  16. to move into, switch to, change to, pass (in), come into · چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۆتمەك to pass into foreign hands· سان ئۆزگىرىشىدىن سسۈپەت ئۆگىرىشىگە ئۆتمەك to pass from a quantitative to a qualitative change· زۇلمەت ھۆكۈمرانلىققا ئۆتتى darkness has come to power
    • ھۇجۇمغا ئۆتمەك to switch to the attack, to begin to attack
    • دۆشمەن تەرەپكە ئۆتمەك to switch sides, change to the enemy side
    • سوتسىيالىزمدىن كوممۇنىزمغا ئۆتمەك to pass from socialism into communism (the last stage of Marxist social development theory)
    • نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتمەك to pass from one generation to another
  17. to cut through, to bite through · پىچاق گۆشكە ئۆتىدۇ the knife cuts through the meat· بۇ گۆشكە چىش ئۆتمەيدۇ! this meat is unchewable!
    • پىچاق ئۆتمەيدۇ the knife won't cut (it)
    • ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر (prov.) the dull knife still cuts the hand - inept people can still harm others
  18. to eat, to swallow down (lit., pass (down), go in) · كېسەل تۈپەيلىدىن تاماق ئۆتمىدى being ill he couldn't eat· قورسىقلىرى تويۇپ ئۆتمىگىدەك بولغىچە يېيىشتى they ate until their stomachs were full and no more food could go in!
  19. to live, pass one's days · ياخشى ئۆتۈشكە دەۋەت قىلماق to advise to live in harmony· ئۇ قەبىلىنىڭ ئەرلىرى ئوۋچىلىق، ئاياللىرى دېھقانچىلىق قىلىپ ئۆتكەن the men of this tribe lived by hunting, the women by farming
  20. in passing, (doing smth.) in passing · بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئوشۇقلۇق قىلمايدۇكى،.. it is not out of place to point out in passing here that....· بۇ ئىش ئۈستىە بىر نېمە دېمەي ئۆتكىلى بولمايدۇ it would not be right to pass over this without saying something about it· بۇ يەردە بىر ئىشنى ئېيتىپ ئۆتكۈم بار... (ئېيتىپ ئۆتەي) here I would like to mention something in passing,..
    • دەپ ئۆتمەك (i) to describe (fully); (ii) to say in passing
    • ئۇنىڭغا يولۇقۇپ (يوقلاپ) ئۆتتىم I went to see him in passing
+ Save to review

Forms

ئۆتىمەن
present-future · I (⁨مەن⁩)
ئۆتتى
past · he, she, they (⁨ئۇ⁩)
ئۆتۈۋاتىمىز
doing now · we (⁨بىز⁩)
ئۆتمەيدۇ
present-future · not · he, she, they (⁨ئۇ⁩)

In Uyghur

پ ① بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن ، ئارىسىدىن ، ئۈستىدىن ياكى يېنىدىن يۈرۈپ ، ئۇچۇپ يەنە بىر تەرىپىگە يەتمەك : سۇدىن ئۆتمەك . ئېرىقتىن ئۆتمەك . دەريادىن ئۆتمەك . ئېگىزدىن ئۆتمەك . * ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە قازىنىم نەزىر (ماقال) . ② كۆچمە . بىرەر ئارتۇق تەرىپى ، ئارتۇقچىلىقى بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرماق : - خوتەن بويىچە ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان باي يوق ، - دېدى ئۇ . ③ بىرەر نەرسىنىڭ باشقا تەرىپىگە سىزىپ ياكى تېشىپ چىقماق : سۇ كاناپتىن ئۆتتى . ④ نەرسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تېشىپ چىقماق : مىخ ئۆتمەك . * بېخىلنىڭ تېكىگە بىگىز ئۆتمەس (ماقال) . ⑤ كېسىش ، كىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولماق ؛ كەسمەك : لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر (ماقال) . * بۇ قايچا چىرايلىق بولغىنى بىلەن تىرناققا ئۆتمەيدىكەن . ⑥ كۆچمە . ئىناۋەتكە ئېلىنماق ، ئاقماق : بۇ پۇل بۇ يەردە ئۆتىدۇ . ⑦ كۆچمە . تەسىر قىلماق ؛ ئاقماق : يالغۇزنىڭ سۆزى ئۆتمەس (ماقال) . ⑧ كۆچمە . باشقا بىر تەرەپكە قوشۇلماق ، باشقىلار تەرەپدارى بولماق ؛ ئاغماق ، مايىل بولماق : دېھقانلار بىز تەرەپكە ئۆتتى . ⑨ بىرەر نەرسىگە تەسىر قىلماق ، يۇقماق (كېسەللىك قاتارلىقلار ھەققىدە) : قوقاق ئۆتمەك . * ئۇنىڭدىكى كېسەل ئەمدى ماڭا ئۆتتى . ⑩بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا كىرىشمەك : مۇداپىئەگە ئۆتمەك . ھۇجۇمغا ئۆتمەك . ھەرىكەتكە ئۆتمەك . ⑪ تەلىم بەرمەك ، ئۆگەتمەك : دەرس ئۆتمەك . * - سەن بۈگۈن قايسى دەرسنى ئۆتتۈڭ؟ - دەپ سورىدى ماڭا يېقىنراق ئولتۇرغان بىرى يەنە بىرىدىن . ⑫ قوبۇل قىلىنماق ، كىرمەك : پارتىيىگە ئۆتمەك . ئىتتىپاققا ئۆتمەك . ھەربىيلىككە ئۆتمەك . ئالىي مەكتەپكە ئۆتمەك . ⑬ۋاقىت ، پەيتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىلغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ داۋام قىلىپ تۈگىشىنى بىلدۈرىدۇ : ۋاقتى ئۆتمەك . * ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئەنۋەر شەھەرگە كىرىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى . ⑭ياشاپ ، مەلۇم بىر ياشقا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن ھالقىماق ، ئاشماق : ئۇ ھازىر 50 تىن ئۆتتى . ⑮كۆچمە . تۇرمۇش كەچۈرمەك ، ياشىماق : ئۇ بوۋاي بالىلىرى يوق ، يالغۇز ئۆتىدۇ . ⑯ئۆلمەك ، ۋاپات بولماق : ئالەمدىن ئۆتمەك . * ھۈسەيىن ئاكىنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى دۇنيادىن ئۆتكەنىدى . ⑰تۈگىمەك ، تامام بولماق ، ئاخىرلاشماق : ياز ئۆتمەك . قىش ئۆتمەك . ئىش ئۆتۈپ كەتمەك . ⑱چىقىۋا...

From the library

باغلانغان جايلارغا بوياق ئۆتمەيدۇ، شۇڭا يىپ بويالغاندىن كېيىن ئۇ يەرلەر ئاق قالىدۇ.
ئەتلەس سەنئىتى, p. 1
لېكىن ئون يىللىق تەجرىبە ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى ئۆگەتتى: سۆز بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ھەرگىز يالغۇز ئۆتمەيدۇ، ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە بىر پۈتۈن دۇنيانى ئېلىپ ماڭىدۇ.
تەرجىمان, p. 1
كىشىلەر كۆپىنچە تەرجىماننى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر كۆۋرۈك دەپ ئويلايدۇ: سۆزلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ بولسا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايدۇ.
تەرجىمان, p. 1

Learn ئۆتمەك in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.