FluentPlex

ئورۇن

拉丁字母:orun 名词 A1
  1. 地方,位置(物理的) · ئورۇن كېلىشتە كەلگەن in the locative case
    • ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن the place where the accident occurred
    • بوش ئورۇن (i) an empty place; (ii) an empty seat
    • ئورۇندا تۇرماق (i) to stand, to stand still; (ii) to occupy a position, to have a position, to be in a post
    • مۇھىم ئورۇندا تۇرماق to be in an important position, post
  2. 座位 · بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز! make room on this side!· ئالدىنكى قاتاردىن ئورۇن ئالماق to take a seat in the front row· ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى his words went deep into my heart
    • بۇ ئورۇن بىكارمۇ؟ is this seat free?
    • ئورۇن ئېلىپ قويماق to reserve, keep a seat
    • ئورۇن بوشاتماق (i) to vacate a seat; (ii) to vacate one's position
    • ئورۇن ئالماق (i) to take a seat, have a seat; (ii) to enter into (smb.'s heart, etc.), make an impression; (iii) to find a place, position
  3. (工作)单位 · سىز قايسى ئورۇندا ئىشلەيسىز؟ which unit do you work in?
    • خىزمەت ئورنى (i) place of work, work unit; (ii) one's post, responsibility
    • خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرماق to keep at one's post, maintain one's responsibility
  4. 代替(代替……) · سىز نېمە ئۈچۈن پويىزدا بېرىشنىڭ ئورنىغا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرمايسىز؟ why don't you fly instead of going by train?· ئايشەم مېنىڭ ئورنۇمدا بارسۇن let Aysham go in my place· ئۇنىڭ ئورنىدا سەن بېرىپ باققىن you go instead of him
    • ئورۇن باسماق (i) to replace, take the place of; (ii) to take over (a role, responsibility; (iii) to be (internally) consistent
    • ئورنى ئالماق to take the place of
    • ئۇنىڭ ئورنىنى ئالماق to take its place, to replace it
    • ئورنىنى دەسسىمەك to step into the place of, to take the place of, to replace, to violate
  5. 床,寝具
    • ئورۇن سالماق (رۇسلىماق) to make a bed, lay out bedding
    • ئورۇن يىغىش to fold up the bedding
    • ئورۇندىن تۇرماق (i) to stand up; (ii) to get up
    • سىز سائەت قانچىدە ئورنىڭىزدىن تۇرىسىز؟ when do you get up?
  6. 职位(工作,社会地位,评价) · تەڭ ئورۇندىكىلەر بىلەن تويلىشىش to marry with those of a similar status (in society)· يېزا ئىگىلىك خەلق ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ agriculture holds an important position among the national enterprises
    • ئورۇن تۇتماق to occupy a position
    • ئۆرنى ئۆسمەك to rise in position, to be promoted
    • تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتماق to hold, to have a special place in history
    • ئەمگەكچىلەرنىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي ئونى the position workers occupy in politics and society
  7. space, leeway, margin, room, room for manoevre, space to act, right to act · بۇ يەردە ئورۇن چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياغلاشتۇرىمىز we will finish here because of lack of space· ماڭ چىق! سەندەك قارا كۆڭۈلگە بۇ ئۆيدە ئورۇن يوق! get out! there's no room for a wicked person like you in this house!· مېنىڭ دېيىشىمنىڭ ئورنى يوق (i) I shouldn't say anything, you don't have the right to go, it's not my place to say anything; (ii) there's no way I can say anything (it would not be listened to) - there isn't any need for me to say anything - it's very obvious
    • ئورۇن قالدۇرماق to leave some leeway, allow for the unforeseen
  8. (original) state, condition · ئىشلار ئۆز ئورنىغا كەلدى things got back to what they were (before)· ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ you can't change something once it's past· بۇ ئىشقا كۆپ پۇل چىقىپتۇ، ئونىغا كەلمەپتۇ a lot of money was spent on this, it couldn't be recovered
    • ئورنىغا كەلمەك to recover the original state, go back to the original state, start afresh
    • ئورنىغا كەلمەسلىك to be unable to restore, to be unable to put right, to be unable to change (back), to be irreversible
    • ئورنىغا كەلمەيدىغان زور يوقىتىش an irreversible loss
  9. location, record, evidence · ھېساب تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ئون مەڭ سومنىڭ ئورنى يوق بولۇپ چىقتى when the accounts were checked, 10,000 yuan could not be accounted for
+ 加入复习

词形

ئورۇنلار
复数
ئورنى
他的、她的、他们的
ئورنۇمغا
我的 · 向格(⁨-غا⁩)
ئورۇندا
位格(⁨-دا⁩)

维吾尔语释义

ئى ① بىرەر ئادەم ، نەرسە ئىگىلەپ تۇرغان ياكى ئىگىلىشى مۇمكىن بولغان يەر ، جاي ، مەيدان ياكى بوشلۇق ، تەكشىلىك : ئۇنىڭ كىيىملىرى ، سەللىسى ئۆزى قويغان ئورۇندا تۇراتتى . ②ئادەم ياكى نەرسە ئۈچۈن تەييارلانغان ياكى بەلگىلەنگەن مەخسۇس جاي : ئۇ كارىۋاتنى يەنە ئۆز ئورنىغا جايلاشتۇردى . ③ئۇخلاش ، يېتىپ دەم ئېلىش ئۈچۈن راسلانغان يوتقان-كۆرپە ، ياستۇق قاتارلىقلار : -ئورۇن سېلىپ قويدۇم ، ئەمدى ئۇخلا بالام ، - دېدى ئانىسى . ④ ياشاش ئۈچۈن باشپاناھ ، تۇرار جاي ، ماكان : كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن بۇ شەھەردىن بىرەر كىشىلىك ئورۇن تېپىلىپ قالار . ⑤ بىرەر نەرسىنىڭ مەلۇم بىر جايى ، قىسمى ، بۆلىكى : قوليازمىنىڭ بەزى ئورۇنلىرى تۇتۇق ئىدى . ⑥ئىدارە جەمئىيەت ، ئورگان ، تەشكىلات : شۇ كۈنكى تازىلىققا 68 نازارەت ، ئىدارە ۋە ئورۇن قاتناشتى . ⑦بىرەر كەسىپ ، ئىش ، تىجارەت تۈرلىرى بويىچە پائالىيەت داۋاملىشىدىغان جاي ، يەر : تەتقىقات ئورنى . داۋالاش ئورنى . مۇلازىمەت ئورنى . ئىش ئورنى . خىزمەت ئورنى . ⑧ بىرەر ئىش ، ھەرىكەت قىلىشتىكى زۆرۈرىيەت ، ھاجەت ؛ ئېھتىياج ياكى شەرت-شارائىت : قەسەم ئىچكەنلىكىم ئۈچۈن ، قارشىلىق قىلىشقا ئورۇن قالمىغانىدى . ⑨ ئىش ، خىزمەت ؛ ۋەزىپە : ئورنىنى ئىگىلىمەك . ئورنىغا ئادەم قويماق . ئورنىنى باسماق . ⑩ بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى نوپۇزى : ھەر ئىككىمىز ناھىيە دەرىجىلىك ئىدارىدا ئىشلەيمىز . ئورنىمىز ، مائاشىمىز ، ھەتتا نام- ئابرويىمىزمۇ ئوخشاش . ⑪مەلۇم ساھەدە ئېرىشكەن دەرىجە ، نام : ئۇ تىياتىر بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق ئارتىس ئىدى . ⑫ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشىدىكى قولاي پۇرسەت ، پەيت ، مۆرىت : سۆزنى ئورنىدا ئىشلەتمەك . ⑬ تەۋەلىك Ⅲ شەخس قوشۇمچىسى ۋە يۆنىلىش ، ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ : 1) «ئەسلى» ، «بۇرۇنقى ھالىتى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : كۆڭلى ئورنىغا چۈشمەك . ئورنىغا كەلمەسلىك . 2) «ئورنىدا ، ئىزىدا ، بەدىلىگە ؛ ۋاكالەت» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : بىر ھەپتە قاسىمنىڭ ئورنىدا ئىشلىدىم .

来自图书馆

مەشرەپ قىسمىنىڭ ئاھاڭى تېز ۋە خۇشال بولغاچقا، ئاڭلىغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
ئون ئىككى مۇقام,第1页
مېھماننىڭ ئولتۇرىدىغان ئورنىمۇ تاسادىپىي ئەمەس.
مېھماندوستلۇقنىڭ مەنىسى,第1页
ئەنئەنىۋى ئۆيلەردە ئىشىكتىن ئەڭ يىراق، ئەڭ ئىسسىق ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورۇن «تۆر» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئورۇنغا ئەڭ ئىززەتلىك مېھمان ياكى ئائىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئادەم ئولتۇرىدۇ.
مېھماندوستلۇقنىڭ مەنىسى,第1页
ساھىبخانا بولسا ئىشىككە يېقىن ئولتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ چاي قۇيۇش، تاماق ئېلىپ كېلىش ۋە مېھماننى كۈتۈش ئۈچۈن دائىم ئورنىدىن تۇرىدۇ.
مېھماندوستلۇقنىڭ مەنىسى,第1页

在真实文章中学习ئورۇن

注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。

创建免费账号
单词、释义和例句来自lughet的维吾尔语–英语词典,已获其所有者许可使用。由FluentPlex整理成本词典。