ئىچ
拉丁字母:ich 名词 A2-
内部,里面
· سومكىنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟ what's inside the bag?
- ئۆي ئىچى the inside of the house
- زالنىڭ ئىچى the inside of the hall
- زال ئىچىدە in the hall
- ماشىنىنىڭ ئىچى the inside of the vehicle
- 胃,腹部,内脏 · كۆكتاتلار بەدەنگە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش، ئىچىنى بوشىتىش خىزمىتىنىمۇ ئۆتەيدۇ vegetables also provide the body with fluid and perform the work of cleaning out the insides
-
内心(比喻),感情,个人想法
· ئۇ ئىچىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ I wonder what he's thinking· بۇ گەپ ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقمىدى he said this insincerely· ئىچىمگە پاتمىغان خۇشاللىق my uncontainable happiness
- يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، بېرەي دېسە ئىچى ئاغرىيدى (prov.) if he says, I'll eat, his tooth hurts, if he says I'll give, it pains his pocket - miserly
- 自己人,自己圈子里的人 · بۇ توققۇز ئۇيغۇرلار توققۇز چوڭ سۇ ئېقىن بويىغا جايلىشىپ، ئىچىلىرىدىن بىردىن خان سايلاپ ھايات كەچۈرۈشكەن these nine Uygurs settled by nine streams and lived, choosing one from among their own to be khan
- 某个区域内的所有东西 · مەھەللە ئىچى دېگەن مەھەللەدە؟؟ within the neighbourhood
-
在……之内,在……期间
· كېيىنكى بىرقانچە كۈئ ئىچىدە موماينى بىر قېتىممۇ كۆرەلمىدىم I didn't see the old lady even once for some days
- سەپەر ئىچىدە during the journey
- ئىككى ياش ئىچىدىكى ئوغۇل بالىلار the male children under two years old
- within the number of, from among, of, among (people or things) · ئادەملەردىن ئىچىدىن بىرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى one of the men looked at him and smiled· خەلقنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋال the situation among the people· گۈل ئىچىدە، بۇ ئەڭ چىرايلىق بولىدۇ among the flowers, this is the most beautiful
-
inside, being inside
- ئىچ كىيىم underwear
- ئىچ كۆينەك an undershirt
- ئىچ كۆڭلۈك (i) an undershirt; (ii) an underskirt, slip
- ئىچ ئات a carthorse, shaft horse (in the middle, in the shafts, other horses pulling on ropes at each side)
-
(with locative case) expressing "being in the state of" "amidst" "in an atmosphere of", etc.
· سىرتتىن بېرىلگەن خۇشال ناخشا ساداسى ئىچىدە پەردە ئېچىلىدۇ the curtain opens to the sound of a happy song coming from outside, while a happy song comes from outside· ئالىم ئاكا سۆزى سۆزلىدى، خۇشاللىق، ئالقىش، كۈلكە، چاقچاق، تەنتەنە، ئۈمىد، ئىستەكلەر ئىچىدە »ئەدىبىيات كېچىسى« ئاخىرلاشتى Alim spoke, and thus the "literary evening" ended happily amidst applause, laughter, jesting, pomp, hope and aspirations· بۇ ۋەقەدىن كېيىن، سادىرنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا ئۇنىڭ ئانىسى رەۋىخان ئاغرىپ، ئالەمدىن ئۆتكەنىدى after this incident, his mother Rewihan became ill in her anxiety over him, and had passed away
- ئىچ ئات a carthorse, shaft horse (in the middle, in the shafts, other horses pulling on ropes at each side)
- ئىچ ئاغرىق (ئىچ ئاغرىقى) worry, anxiety, inner torment
- ئىچ ئاغرىقى تارتماق to worry, to be anxious, to suffer inner torment
- ئىچ ئاغرىتماق to cause to pity on, to feel sorry for, to touch one's heart
词形
- ئىچلەر
- 复数
- ئىچى
- 他的、她的、他们的
- ئىچىمگە
- 我的 · 向格(-غا)
- ئىچتە
- 位格(-دا)
维吾尔语释义
① ئى . ئىچكى بوشلۇق : ئۆينىڭ ئىچى . زالنىڭ ئىچى . ماشىنىنىڭ ئىچى . ② ئى . نەرسىلەرنىڭ ئىچكى بۇيۇم ئېلىنىدىغان قىسمى : باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە (ماقال) . ③ ئى . نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى ، ئارىسى : تاۋۇزنىڭ ئىچى . خېمىرنىڭ ئىچى . ناننىڭ ئىچى . ④ ئى . ئاشقازان ، قارىن ، قورساق ، مەيدە : كۆكتاتلار بەدەنگە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش ، ئىچىنى بوشىتىش خىزمىتىنىمۇ ئۆتەيدۇ . ⑤ ئى . كۆچمە . كىشىنىڭ ئىچكى ، روھىي دۇنياسى ؛ كۆڭۈل ، يۈرەك ، دىل ، قەلب : يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ ، بېرەي دېسە ئىچى ئاغرىيدۇ (ماقال) . ⑥ ئى . يېقىن كىشىسى ، يات بولمىغان كىشىلەر ، ئۇرۇق ، جەمەت : ئون ئۇيغۇرلار ئون چوڭ ئېقىن بويىغا ، توققۇز ئۇيغۇرلار توققۇز چوڭ سۇ ئېقىن بويىغا جايلىشىپ ، ئىچىلىرىدىن بىردىن خان سايلاپ ھايات كەچۈرۈشكەن . ⑦ ئى . بىرەر دائىرىدىكى كەڭلىك : مەھەللە ئىچى دېگەن مەھەللە-دە ، ئويۇن-كۈلكىسى بىللە ، تەڭتۇش قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ . ⑧ ئى . مەلۇم ۋاقىتنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان ۋاقىت : كېيىنكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە موماينى بىر قېتىممۇ كۆرەلمىدىم . ⑨ ئى . بىر توپ ئادەم ياكى نەرسىلەر ئارىسى : ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى . ⑩ سۈپ . بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ، ئىچىدە بولىدىغان : ئىچ كۆڭلەك . ئىچ ئات . 11 ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ «ئىلكىدە» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ : ئالىم ئاكا مىننەتدارلىق سۆزى سۆزلىدى ، خۇشاللىق ، ئالقىش ، كۈلكە ، چاقچاق ، تەنتەنە ، ئۈمىد ، ئىستەكلەر ئىچىدە «ئەدەبىيات كېچىسى» ئاخىرلاشتى .
来自图书馆
چوڭ قازاننىڭ ئىچىدە كىچىككىنە بىر قازان بار ئىدى.
ئەگەر ئۇلار بىلەن كەتكەن بولسا، ئۇمۇ قار ئىچىدە قالغان بولاتتى.
خوجايىنى بەرگەن ناننى سۇندۇرسا، ئىچىدىن يەتتە يىللىق ئىش ھەققى بولغان ئالتۇنلار چىقىپتۇ.
نەتىجىدە، تاشيول بۈگۈنمۇ ئوچۇق، يولۇچىلار قۇملۇقنى بىر كۈن ئىچىدە كېسىپ ئۆتەلەيدۇ.
在真实文章中学习ئىچ
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。