FluentPlex

ئويۇن

Latin: oyun noun A1
  1. a game · ۋالىبول ياخشى ئويۇن volleyball is a good game
    • بالىلار ئويۇنى a children's game
    • ئات ئويۇنى a circus
    • ئويۇنغا بېرىلمەك to love playing, be given to play
    • سۆز ئويۇنى play on words, juggling with terms
  2. an act, performance, concert
    • ئويۇن تەييارلىماق to rehearse a performance
    • ئويۇن قويماق to put on a performance
  3. trick, intrigue, manoevre, fraud · بۇ ئويۇننى ئۇ ستىلىق بىلەن ئويناپ چىقتى he played this fraud (out) very expertly
    • ئويۇن كۆرسەتمەك to resort to tricks, use deceit
  4. an item (on TV)
+ Save to review

Forms

ئويۇنلار
plural
ئويۇنى
his, her, their
ئويۇنۇمغا
my · to (⁨-غا⁩)
ئويۇندا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

ئى ① كۆڭۈل ئېچىش ، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەركىن مەشغۇلات ، ھەرىكەت : ئويۇننىڭ ئېزى ياخشى (ماقال) . ②ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش ، بەسلىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ، بەلگىلىك قائىدە- تەرتىپلەر ئاساسىدا بولىدىغان تۈرلۈك مەشغۇلات ، پائالىيەت : ئۇنىڭ دوستلىرى دائىم دېگۈدەك «تاش تەرمە» ، «توپ چاكىم» دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينايتتى . ③كىشىلەرگە مەنىۋى جەھەتتىن زوق بېرىدىغان ، توپلانغان تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناخشا- ئۇسسۇل ، چېلىشىشقا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى : ئويۇن كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار ئۇلارنى كۆرۈپلا دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى . ④كۆڭۈل ياساپ ياكى قىزىقچىلىق قىلىپ قىلىنغان گەپ- سۆز ياكى ھەرىكەت ، چاقچاق ، ھەزىل : ئويۇن قىلماق . - * بۇ ئويۇن ئەمەس! راست شۇنداق بولۇۋاتىدۇ ، - دېدى ئۇ رەنجىگەندەك قىلىپ . ⑤كۆچمە . ئاسان ، ناھايىتى ئوڭاي ئىش ، تاماشا ، كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدىكى ھەرىكەت- پائالىيەت : مۈشۈككە ئويۇن چاشقانغا قىيىن (ماقال) . ⑥كۆچمە . مەلۇم بىر تەرەپكە قارشى بەلگىلىك دەرىجىدە مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن پائالىيەت ، قەستەن باشقا مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ، ھىيلە- مىكىر ، نەيرەڭ ، سۇيىقەست : ھەقىقەتتە بولسا تاغدىن مەرگەن توپلاپ ئەۋەتىش تۆمۈر خەلپىنىڭ ئويۇنى ئىدى .

From the library

مەسىلەن، شاھمات ئۇستىلىرى ھەقىقىي ئويۇندىن ئېلىنغان ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر قاراپلا ئەستە قالدۇرالايدۇ، شاھمات تاشلىرى قالايمىقان تىزىلغاندا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى دېگۈدەك يوقىلىدۇ.
نوتىسىز ئەستە ساقلانغان مۇزىكا, p. 1
ئەڭ مۇھىمى، بۇ ئائىلىلەردە تىل مەجبۇرىيەت بىلەن ئەمەس، خۇشاللىق بىلەن باغلىنىدۇ: چۆچەك، ناخشا، ئويۇن ۋە مومىنىڭ لەغمىنى.
تىل ئائىلىدە قانداق ياشايدۇ؟, p. 1

Learn ئويۇن in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.