ئولتۇرماق
Latin: olturmaq verb A2-
to sit down
· ئۇ كاڭدا ئولتۇراتتى he was sitting on the kang
- ئولتۇرۇڭ! sit down!
- ئورۇندۇقتا ئولتۇرماق to sit on the seat
- جوزا ئالدىدا ئولتۇرماق to sit at the table, sit in front of the table
- تىك ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزماق to sit up till dawn, see in the dawn, stay awake until dawn
-
to remain, to stay, to wait, to pass the time
· بىز ئوبدان ئولتۇردۇق we had a good time (visit, party, etc.)· مەن سىلەرنىڭكىدە ئولتۇرۇپ قالدىم I have been here in your place a while
- ئولتۇرۇپ قالماق to be detained, held up, delayed
- ( ئۆيدە) ئولتۇرۇپ قالغان قىز a single woman over 30, a woman 'on the shelf'
- to live, to settle · سىز قەيەردە ئولتۇرىسىز؟ where do you live?
- to settle, to settle down, to settle out, to deposit out · چاينىڭ شامىسى پىيالنىڭ تېگىگە ئولتۇردى the tea leaves have settled out at/ settled (out) on the bottom of the cup· ياغنىڭ دۇغى ئولتۇردى the sediment in the oil has settled (out)
- to set (of the sun) · كۈن ئولتۇرىۋاتىدۇ the sun is setting
-
to relieve oneself, to go to the toilet
· سەن ئۇ يەرگە ئولتۇرما! don't relieve yourself over there!
- چوڭ تەرەتكە ئولتۇرماق to relieve oneself
-
to begin (an action)
· ۋاڭلىققا ئولتۇرغاندا،.. as he took up the prefecture,..
- كىتاب ئوقۇشقا ئولتۇرماق to start (to read) the book
- ماقالا يېزىشقا ئولتۇرماق to begin (to write) the article
- كېچلىك تاماققا ئلتۇرماق to begin dinner
- ۋەزىپىسىگە ئولتۇرماق to begin a task, take up a task
-
an auxiliary verb expressing process taking time
· سىز بۇ يەردە نېمە قىلىپ ئولرۇرىسىز what are you doing here?· ئۇ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرىدۇ he is reading a book· بۇ توغرىدا كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن I don't have much to say about this
- كارى بولماي ئولتۇرماق to not give any heed to, be unconcerned
- to be at rest, to relax · بۇ گەپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئولتۇرۇلماي بولدى after he heard this, he could not rest· ئىشىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدا، پەقەت ئولتۇرالمىدىم when I heard what happened to you I just could not relax
Forms
- ئولتۇرىمەن
- present-future · I (مەن)
- ئولتۇردى
- past · he, she, they (ئۇ)
- ئولتۇرۇۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- ئولتۇرمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① ئۆرە تۇرماي يەر ، ئورۇندۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر جاي ياكى نەرسىگە ساغرىسىنى چاپلاپ جايلاشماق ، ئورۇنلاشماق : ئۇلار ئېگىز ھەم بۈك - باراقسان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ . ②كۆچمە . ھېچ ئىش قىلماي ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەك ، بىكار تۇرماق : قاسىم ئۆيگە كىرگەندە خوتۇنى ئىشتىن كېلىپ كىنوغا ئالدىرىغاچقا ، تاماقمۇ ئەتمەي ئولتۇرغانىدى . ③كۆچمە . بىرەر جايغا بېرىپ ياكى يىغىلىپ مۇڭدىشىدىغان ، پاراڭلىشىدىغان ، ساز چېلىپ ، زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىشنى قىلماق ، شۇنداق پائالىيەتكە قاتناشماق : يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممەيلەن يىغىلىپ تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە ئولتۇردۇق . ④كۆچمە . بىرەر ئورۇننى ماكان تۇتۇپ ئورۇنلاشماق ، جايلاشماق ، ھايات كەچۈرمەك ، ياشىماق : - سىلى قەيەردە ئولتۇرىلا؟ - دەپ سورىدى ئالىم . ⑤تۈرلۈك قاتناش قوراللىرىغا چىقىپ ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشماق ، چىقماق : بىز پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا باردۇق . ⑥تاغ ياكى ئېگىزلىكنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كۆرۈنمەي قالماق ، پاتماق (ئاي ، كۈن قاتارلىقلار ھەققىدە) : كۈن ئولتۇردى . ⑦ كۆچمە (ھوقۇق- ئەمەل ياكى تەخت قاتارلىقلارغا) چىقماق ، بەلگىلەنمەك ، تەيىنلەنمەك : ئۇ چوقۇم سوت باشلىقلىقىدىنمۇ يۇقىرىراق مەنسەپكە ئولتۇرۇشى كېرەك ئىدى ، ئۇنىڭغا ئۇۋال بوپتۇ . ⑧ئومۇمەن ئىزىدا جىمراق تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرەر ئىش- ھەرىكەتكە تۇتۇش قىلماق ، شۇنداق پائالىيەتنى باشلىماق : ئۇلار تاغدىن چۈشتى ، ھەممىمىز بىرلىكتە تاماققا ئولتۇردۇق . ⑨ كۆچمە . قونماق : بىر جۈپ تۇمۇچۇق كېلىپ بۇلۇڭدىكى ئانارنىڭ شېخىغا ئولتۇردى . ⑩كۈتمەك ، ساقلىماق ؛ ياتلىق بولماي تۇرماق (ئاياللار ھەققىدە) : ئەقىدە ئۈچۈن ئون تۆت يىل ئولتۇرۇش قىز بالا ئۈچۈن ئوڭايمۇ ؟ ⑪ تۇس ياردەمچىسى رولىدا پېئىلنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ ، شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن مەنىنى تەكىتلەش ، تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ : ئۇ بالا ھەدەپ ئويۇنچۇقىنى ئويناپ ئولتۇراتتى .
From the library
ئۇ ئىشىكنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
ئۇلار ئۇنىڭغا: «مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ!» دېدى.
ئىلشات: قايسى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسام بولىدۇ؟
ئايال: ئاۋۇ بېكەتكە بېرىپ، 12-نومۇرلۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇڭ.
Learn ئولتۇرماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.