ئىلشات: كەچۈرۈڭ، ھەدە. كۆك بازارغا قانداق بارسام بولىدۇ؟
ئايال: كۆك بازارمۇ؟ ئۇ بۇ يەردىن خېلى يىراق.
ئىلشات: پىيادە بارسام بولامدۇ؟
ئايال: بارالايسىز، ئەمما پىيادە بىر سائەتچە ماڭىسىز.
ئاپتوبۇس بىلەن بارسىڭىز، تېزرەك يېتىپ بارىسىز.
ئىلشات: قايسى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسام بولىدۇ؟
ئايال: ئاۋۇ بېكەتكە بېرىپ، 12-نومۇرلۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇڭ.
ئىلشات: قايسى بېكەتتە چۈشىمەن؟
ئايال: تۆتىنچى بېكەتتە چۈشۈڭ.
ئۇ يەردىن بازار ناھايىتى يېقىن، پىيادە بەش مىنۇتلا.
ئىلشات: بازاردىن نېمە ئالسام بولىدۇ؟
ئايال: ئالمۇتىنىڭ ئالمىسى ئەڭ مەززىلىك!
قۇرۇق مېۋە ۋە ھەسەلمۇ ئالسىڭىز بولىدۇ.
ئىلشات: چوقۇم ئالىمەن! كۆپ رەھمەت سىزگە.
ئايال: ئەرزىمەيدۇ، ئۇكام. يولىڭىز ئوڭ بولسۇن!