كەڭ
Latin: keng adjective A1-
wide, broad (in width)
- كەڭ ئېكرانلىك كىنو a wide screen cinema
- كەڭ پېشانىلىك ئادەم a person with a broad forehead
- كەڭ كوچا a wide street
- كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمانلىق a broad-leaved forest
-
broad, wide, large in area/size, vast, extensive
· ۋاھ ئەجەب قوينى ئۇنىڭ ئالەمچە كەڭ! why, his embrace is as wide as the world!
- كەڭ ئېتىز a broad field, extensive field, large field
- كەڭ جاھان the wide world, the vast universe
- كەڭ زېمىنىسىدا ياشىماق to live in a vast land
-
big, too big, loose (clothes)
- كەڭ پەلتو a big coat, loose coat
- كەڭ كىيىم loose clothes
-
broad, wide (in scope, including much within it)
- كەڭ دېھقانلار سىنىپى the broad class of the peasants
- كەڭ خەلق ئاممىسى the broad mass of the people
- كەڭ ھەر مىللەت خەلق the wide spectrum of peoples
-
with much available, well-supplied
- داستىخىنى كەڭ his table is well-supplied, he is very hospitable
-
abundant, much, in full supply
· ئۇ كەڭ بىلىمگە ئىگە بولدى he's acquired much knowledge
- »گەنسۇ« دېگەن رايون بەلكىم ئەسلىدە »كەڭ سۇ« دەپ ئاتالغان probably "Gansu" originally was called "keng su" (abundant water)
-
extensive(ly), wide(ly), widespread
· ئۇيغۇر فولكلورى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ Uygur folklore has a very extensive content· قەغەز پۇلى كەڭ ئىشلىتىشكە باشلانغانىدى paper money began to be widely used
- خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالماق to be spread widely among the people
- كەڭ مۇزاكىرە (i) a wide-ranging discussion, broad discussion; (ii) discussion on an extensive scale
- كەڭ تۈردە in a broad manner, extensive manner
-
general, broad in general terms, in broad terms
- كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى the general theory of relativity
-
(meta.) generous, open-minded, tolerant, understanding
- كەڭ قورساق generous, open-minded, easygoing, tolerant, understanding
- كەڭ قورساقلىق easygoingness, tolerance, understanding (noun)
- كەڭ قورساقلىق قىلماق to be easygoing, to be tolerant, to practice understanding
- كەڭ قول generous, liberal
Forms
- كەڭلەر
- plural
- كەڭدە
- in, at (-دا)
In Uyghur
سۈپ ① ئېنى ، توغرىسى يوغان ؛ ئەنلىك ، توغرىلىق : ئاش تەڭ ، نان تەڭ ، سول نېمىشقا كەڭ؟ (ماقال) . ②ھەجمى ، سىغىمى ، دائىرىسى چوڭ ؛ ئۆلچىمى چوڭ ، كاتتا بولغان : كەڭ ئېتىز . كەڭ جاھان . كەڭ زېمىن . كەڭ ئەنلىك رەخت . كەڭ پەلتو . كەڭ كۆڭلەك . ③ كۆچمە . ھەممىسىنى ياكى مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، نۇرغۇنلىغان ، كۆپلىگەن : بۇنداق ئەھۋاللار ئامېرىكىنىڭ كەڭ رايونلىرىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت . ④ كۆچمە . مول ، تولۇق ، نازۇنېمەتلەر بىلەن تولغان : داستىخىنى زەپ كەڭ ئىكەن تاغ خەلقىنىڭ ، مېھمېنىنى كۈتەر شۇنداق ئىززەت بىلەن . ⑤ كۆچمە . يېتەرلىك ، تولۇق ، كۆپ ، زور : يىراقتا «گەنسۇ» دەپ بىر جاي بار ، چىنلەر «گەنسۇ» دەيدۇ . بىز تۈركلەر «كەڭ سۇ» دەيمىز . ئەسلى ئۇ جاينىڭ سۈيى كەڭ بولغانلىقتىن «كەڭ سۇ» دېگەن نام بىرىلگەن . ⑥ كۆچمە . ھەر تەرەپلىمە ، زور ؛ مول ، كۆپ ھەم مۇكەممەل ، تولۇق ھەم ئەتراپلىق : ئۇيغۇر فولكلورلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كەڭ . ⑦ ئومۇميۈزلۈك ، زور دائىرىلىك : كەڭ مۇزاكىرە كۆپچىلىككە كۈچلۈك تەربىيە بولدى . * ئۇنىڭ نامى ئىشچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى .
From the library
ئۇنىڭ پۇتلىرى كەڭ ۋە يۇمشاق.
ئۇنىڭ ياپراقلىرىمۇ قىزىق: ياش شاخلاردىكى ياپراقلار تال ياپرىقىدەك ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە، قېرى شاخلاردىكىلىرى بولسا تېرەك ياپرىقىدەك كەڭ ۋە يۇمىلاق بولىدۇ.
دېڭىز ئاسماندەك كۆك ۋە كەڭ!
بۇ ساراي ئوتتۇرىسىدا كەڭ ھويلىسى بار، ئېگىز تام بىلەن قورشالغان چوڭ بىنا ئىدى.
Learn كەڭ in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.