FluentPlex

قىلماق

اللاتينية الأويغورية: qilmaq فعل A1
  1. فَعَلَ، انشغل بـ · سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ what are you doing?· مەندە پۇل نېمە ئىش قىلسۇن! how could I have money?! ?· ئۆلۈكنىڭ ئۈسىگە تەپمەك قىلاي! I'll kick the dead man whan he's down! (note construction with infinitive)
    • ئوقۇتقۇچىلىق قىلماق to teach, to be a teacher
    • مېھنەت قىلماق to work assiduously, to labour
    • ئۇرۇش قىلىشنى قىلماق to wage war, to make war
    • ئىش قىلماق (i) to do smth.; (ii) to be busy, occupied ?; (iii) to produce an effect, have a use
  2. نَفَّذَ، عَقَدَ، أقام (نشاطاً، إلخ)
    • بەزمە قىلماق to have a party, hold a get together
    • ئولتۇرۇش قىلماق to have a party
    • نامايىش قىلماق to demonstrate, to hold a demonstration
    • نەزىر قىلماق to hold a nezir
  3. صَنَعَ، أَعَدَّ
    • كاۋاب قىلماق to make kebabs
    • تاماق قىلماق to cook, to make food, prepare food
    • چاي قىلماق to make tea
  4. أَظْهَرَ، بَيَّنَ، عَبَّرَ عن
    • ئادەمگەرچىلىك قىلماق to show kindness, to act humanely
    • مېھماندارچىلىق قىلماق to show hospitality, to be hospitable
    • باتۇرلۇق قىلماق to show heroism, to act courageously
    • ياردەم قىلماق to help
  5. أَنْتَجَ، أَحْدَثَ، سَبَّبَ
    • جاڭجال قىلماق to (have a) row, to argue, to cause a dispute
    • غوۋغا قىلماق to make a row, to cause a commotion
    • باسقۇنچىلىق قىلماق to pillage and rape
  6. صَوَّرَ على أنه، جَعَلَ منه (عن طريق الاتهام أو الدعاية أو التهم الباطلة، إلخ) · ئۇ بىزنى يامان ئاتلىق قىلماقچى he is wanting to give us a bad name· بۇ كىشىلەر مېنى ئوغرى قىلغان these people made me a thief· ئۇلار »ئىتتىپاق ۋىژدانلىق«نى ئەقىدە قىلغان they made a (great) virtue out of "a conscience for unity"
  7. to obtain, to get, to acquire, to produce · مەن بۇ ئوتۇننى سېتىپ ئون كوي قىلدىم I sold this firewood and made 10 kuai
    • پۇل قىلماق to make money
    • كېلىن قىلماق to acquire as an in-law
    • كۈيئوغۇل قىلماق to acquire as a son in-law
    • بىرىنى بالا قىلماق to adopt smb.
  8. to appoint (to a certain position), to make smb. (into) smth. · ئۇلار ئۇنى سېخىگە سېخ باشلىقى قىلدى they made him chief over the workshop· ئۆيۈمگە خىزمەتكار قىلالمايمەن! I cannot make you steward in my house//you cannot serve in my house as steward ? (in the future - subject aleady is)· ئۇ مېنى خىزمەتكات قىلمىسا،.. if he dosen't allow me to continue as steward... ? (sacks me as as a steward )
    • ۋەكىل قىلماق to make a representative
    • بىرسىنى كادىر قىلماق to make smb. (into) a cadre
    • نازىر قىلماق to make overseer
  9. to cause to be in a certain state · بۇ نەرسىنى كۆزۈمدىن نېرى قىل! get this thing out of my sight!· ۋەزىر شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى قىمىر قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى thus the vizier rendered them unable to move· ئۇ بۇ كىشىنى ئۆلمەيدىغان قىلىاماسمۇ؟ could he not have prevented this man from dying?
    • باي قىلماق to prosper, to make rich
    • كەمبەغەل قىلماق to impoverish, to make poor
    • خاتىرجەم قىلماق to assure, to make calm
  10. to treat (smth.), to deal with smth., to do smth. about smth., to do to (with accusative case) · بۇنى قانداق قىلارمەن؟ what shall I do about this?· ئۇ سېنى نېمە قىلدى؟ what did he do to you?· بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى he did the same with the fish too
  11. to act in a certain way, to treat others in a certain way · ئۇ خوتۇنىغا ئاچچىق قىلىپتۇ he became angry at his wife
    • مەسخىرە قىلماق to mock
    • مازاق قىلماق to mock
    • چاقچاق قىلماق (i) to make a joke, to joke; (ii) to mock, to make a joke at smb.'s expense, to make a laughing-stock
  12. to regard, to reckon (as having certain qualities) · پادىشاھ ئۇنىڭ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەنلىكىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ زىياپەت قىلىپ بېرىپتۇ the king, in honour of his long journey, made him a feast
    • يۈز-خاتىرىسىنى قىلماق to give face to smb.
    • ئىززىتىنى قىلماق to treat with respect, to give respect to
    • ئابرۇيىنى قىلماق to treat with honour, to give honour to
  13. used with < -dek, -tەk> to express the guess or estimate of the speaker · ئۇنى بىر قېتىم كۆرۈنگەندەك قىلىمەن I feel as if I've seen him before· ئۇ مۇشۇ قارىشى بىلەن گويا »بۇ قانچىلىق ئىش ھېسابلىيالىسۇن؟« دېگەندەك قىلاتتى he was giving a look which seemed to say "what does this amount to?"· ئۇ كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ it looks like he's not coming
  14. with onomatopoeic words (describing sounds) to describe a sound or associated event · كۆزلىرى ئىمىر-چىمىر قىلغىلى تۇردى his eyes began to flutter· پولتوڭ قىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتمەك to fall into the water with a splash· پۇتۇم لوق-لوق قىلىپ ئاغرىۋاتىدۇ my foot is throbbing
  15. with certain nouns or adjectives, making them effectively into verbs · مۇھىتنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي ھالەتىگە قىلغان تەسىرى the influence of the environment on people's mental state· چوڭ ئۇرۇش قىلمايلا ئۇنى يەڭدى he overcame him without much struggle
    • بولدى قىلماق to call it a day, to forget smth., give smth. up, call a halt, make a stop
    • بولدى قىل! enough! forget it! leave it (be)!
    • تەسىر قىلماق to influence
    • خەۋەر قىلماق to inform
  16. with a number, signifying the reaching of that number · بىر قولۇمنى بەش قىلالامدىمەن؟ can I make one hand into five?
  17. with a pronoun or personal noun in the dative case, signifying doing harm or wrong to smb.
    • كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس the wrong done to someone won't stay with him (will return to the doer )
    • ماڭا قىلدىم دەمسەن، ئۆزۈڭگە قىلىسەن (prov.) if you say you've done it to me, actually you've done it to yourself
  18. with parts of the body in the accusative case, expressing the setting of them in a certain direction · پۇتىمىز ئاسمانغا قىلىپ بارماقچى بولدۇق we were headed towards the sky ?· ئۇلار قوللىرىمنى ئارقامغا قىلىپ باغلىدى they tied my hands behind my back· سەل نېرىسىدا قاسىم ئېلېكتر چىراغنىڭ سىملىرىنى تۈزگەن بولۇپ، كەينىنى قىلىپ تۇراتتى having adjusted the wires the electric light Kasim was standing with his back turned
    • بېشىنى قىبلىگە قىلماق to set one's head towards the "kible"
    • (بىراۋغا) ئارقىسىنى قىلماق to turn one's back (on)

الصيغ

قىلىمەن
المضارع والمستقبل · أنا (مەن)
قىلدى
الماضي · هو، هي، هم (ئۇ)
قىلىۋاتىمىز
يفعل الآن · نحن (بىز)
قىلمايدۇ
المضارع والمستقبل · نفي · هو، هي، هم (ئۇ)

بالأويغورية

پ ① بىرەر ئىش ، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق ، بەجا كەلتۈرمەك ، ئەمەلگە ئاشۇرماق ، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانماق : ئوقۇتقۇچىلىق قىلماق . مېھنەت قىلماق . * موللىنىڭ دېگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما (ماقال) . ② ئۆتكۈزمەك ، ئېلىپ بارماق : بەزمە قىلماق . ئولتۇرۇش قىلماق . نامايىش قىلماق . نەزىر قىلماق . مۇسابىقە قىلماق . مۇنازىرە قىلماق . ③ تەييارلىماق ، ھازىرلىماق : كاۋاپ قىلماق . تاماق قىلماق . چاي قىلماق . ④ كۆرسەتمەك ، ئىپادىلىمەك : ئادەمگەرچىلىك قىلماق . مېھماندارچىلىق قىلماق . باتۇرلۇق قىلماق . ⑤ مەيدانغا كەلتۈرمەك ، تۇغدۇرماق : جاڭجال قىلماق . غوۋغا قىلماق . باسقۇنچىلىق قىلماق . ⑥ قولغا كەلتۈرمەك ، ئېرىشمەك : پۇل قىلماق . كېلىن قىلماق . كۈيئوغۇل قىلماق . ⑦ مەلۇم ئورۇن ، مەرتىۋە ، خىزمەت قاتارلىقلارغا بەلگىلىمەك ، ئېرىشتۈرمەك : ۋەكىل قىلماق . كادىر قىلماق . نازىر قىلماق . * تەشكىل ئابدۇسالامنى قۇيمىچىلىق سېخىغا سېخ باشلىقى قىلدى . ⑧ مەلۇم ھالەتكە كەلتۈرمەك : باي قىلماق . كەمبەغەل قىلماق . خاتىرجەم قىلماق . ⑨ باشقىلارغا مەلۇم بىر ۋاسىتە ئارقىلىق مۇئامىلە قىلماق : مەسخىرە قىلماق . مازاق قىلماق . چاقچاق قىلماق . ⑩ مەلۇم بىر خىسلەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە دەپ بىلمەك ، تونۇماق : يۈز خاتىرىسىنى قىلماق . ئىززىتىنى قىلماق . ئابرۇيىنى قىلماق . ⑪ «-دەك ، -تەك» بىلەن كەلگەن بەزى سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ پەرەز ۋە مۆلچەرنى بىلدۈرىدۇ : ئۇنى بىر قېتىم كۆرگەندەك قىلىمەن . ⑫ تەقلىد سۆزلىرى بىلەن كېلىپ ئۇلار بىلدۈرگەن ئاۋاز ياكى ھالەتنىڭ سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ : كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر قىلغىلى تۇردى . ⑬ بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى ئانالىتىك شەكلىدە پېئىللاشتۇرىدۇ : خەۋەر قىلماق . غەم قىلماق . تەقسىم قىلماق . قوبۇل قىلماق . ھۇجۇم قىلماق . ⑭ ساناق سانلار بىلەن كېلىپ شۇ مىقدارغا يەتكۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ : بىر قولۇمنى بەش قىلالمايۋاتسام يەنە نېمە ئىشنى پەيدا قىلىپ كەلدىڭىز؟ ⑮ يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن كىشىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ياكى ئالماش بىلەن كېلىپ «زىيان سالماق ، يامانلىق قىلماق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ : كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس (ماقال) . * ماڭا قىلدىم دەمسەن ، ئۆزۈڭگە قىلىسەن (ماقال) . ⑯ كىشى بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر تەرەپنى بىلدۈرىدىغان شەخس قوشۇمچىلىرى ۋە چۈشۈم كېلىش قوشۇم...

من المكتبة

ئاندىن ئاڭلىغان ھەر گەپكە ئىشىنىۋەرمەي، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى نەسىھەت قىلىپتۇ.
ئۈچ ئېغىز نەسىھەت، ص. 1
ئۈچىنچى نەسىھىتى بولسا، ئاچچىقى كەلگەندە ئەتىگەنگىچە ھېچ ئىش قىلماسلىق ئىكەن.
ئۈچ ئېغىز نەسىھەت، ص. 1
ئانا: قىزىم، مۇزىكىنىڭ ياخشى نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ.
مۇزىكىمۇ ياكى تىبابەتمۇ؟، ص. 1
مەنمۇ بىر چاغلاردا رەسسام بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدىم.
مۇزىكىمۇ ياكى تىبابەتمۇ؟، ص. 1

تعلّم قىلماق في نصوص حقيقية

مع حساب مجاني، مرّر المؤشر فوق أي كلمة في المكتبة لترى معناها، واستمع إليها مقروءة بصوت عالٍ، واحفظ الكلمات لمراجعتها في مواعيد تناسب ذاكرتك، واعرف مقدار ما تعرفه من كل كتاب.

أنشئ حسابًا مجانيًا
الكلمات والمعاني والأمثلة مأخوذة من قاموس lughet الأويغوري–الإنجليزي، وتُستخدم بإذن من مالكه. أعدّها FluentPlex في هذا القاموس.