FluentPlex

ئوچۇق

Latin: ochuq adjective A1
  1. open (exposed), open-air
    • ئوچۇق دېڭىز the open sea
    • ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى an open-cast coal mine
    • مەيدىسى ئوچۇق تۇرماق to go bare-chested
    • چاپىنىنىڭ ئالدى ئوچۇق his coat is open
  2. open (to the public)
    • ئوچۇق سوت open court
    • ئوچۇق ئىمتىھان an open-book examination
    • ماگىزىنلار ئوچۇق the shops are open
  3. open, unrestricted (to foreigners) · قەشقەر ئوچۇق شەھەر Kashgar is an open city
  4. fine, clear (weather)
    • ھاۋا ئوچۇق the weather is fine
    • ئوچۇق ھاۋا clear weather
    • كۈن ئوچۇق it's a fine day
  5. clear, ringing
    • ئوچۇق ئاۋاز a clear voice
  6. frank, clear, straightforward, candid
    • ئوچۇقراق سۆزلەڭ please speak more clearly (pronounciation or meaning)
    • ئۇ ئوچۇق ئادەم he's a frank, open, straightforward person
    • ئوچۇق كۈڭۈل frank, straightforward, open
    • ئوچۇق چىراي open-faced, friendly
  7. clear, obvious, unambiguous
    • ئوچۇق نىشان a clear, obvious goal
    • خەتنى ئوچۇق يازماق (i) to write clearly; (ii) to write the letter unambiguously
    • ئوچۇق بەلگىلىمە a clear rule
  8. the obvious, what is obvious · ئوچۇقىنى ئېيىتىشىم زۆرۈر تاپسىڭىز،.... if you want me to state the obvious,....
  9. bright, gay
    • ئوچۇق رەڭگى a bright colour, gay colour
  10. lucky, bringing luck · بۇ ئادەمنىڭ ئالدى ئوچۇق this person brings good luck· بۇ ئادەمنىڭ ئالدى ئوچۇق ئەمەس this person brings bad luck
+ Save to review

Forms

ئوچۇقلار
plural
ئوچۇقى
his, her, their
ئوچۇقۇمغا
my · to (⁨-غا⁩)
ئوچۇقتا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

① سۈپ . تەرەپلىرى ھېچ نەرسە بىلەن توسۇلمىغان : ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇق يەرگە ھەر خىل گۈللەر تېرىلغانىدى . ② سۈپ . ئۈستى يېپىلمىغان ياكى كۆپ قىسمى يېپىلماي قالغان : ئالماس ئوچۇق سەيناغا چىققاندا ، ئۇلار ئالماسنىڭ ئارقىسىدا ئىدى . ③سۈپ . يېپىلمىغان ، ئېتىلمىگەن ياكى تاقالمىغان ، قۇلۇپلانمىغان ، قاناتلىرى ئېچىۋېتىلگەن : ئايروپىلاننىڭ ئىشىكى تېخى ئوچۇق تۇراتتى . ∥دەم ئاپتۇ قاراۋۇللىرى ، ئوچۇق قاپتۇ ئۆي - ھۇجرىلىرى . ④ سۈپ . يالىڭاچ ، ئەت- تېرىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان : ئوچۇق بەدەن . ⑤سۈپ . تۈز ، راۋان ، توسالغۇسىز : دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق ، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق (ماقال) . ⑥ سۈپ . يۇمۇلمىغان ، يېپىلمىغان (كۆز ، ئېغىز قاتارلىقلار ھەققىدە) : ئوچۇق ئېغىز ئاچ ئۆلمەس (ماقال) . ∥ ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىچە ئوچۇق تۇراتتى . ⑦ سۈپ . سۈزۈك ، بۇلۇتسىز ، بۇلۇت ياكى چاڭ-توزانلاردىن خالىي : تاشۋاي ئوچۇق ئاسمانغا زوق بىلەن تىكىلگىنىچە ئەركىن بىر نەپەس ئالدى . ⑧ سۈپ . زىل ، ساز ، جاراڭلىق : مۇشۇنداق قىلغاندا ئاھاڭلار ئوچۇق ، پاكىز چىقىدۇ . ⑨ سۈپ . بۇلغانمىغان ، ساپ ، سۈزۈك ، راۋان : - ئاخشامقى كىشمىش ئۆرۈكتىن ، - دېدى ئومان . - تومۇرىڭىزنىڭ ئوچۇق چېغىدا ئازراق يەپ باقامسىز؟ ⑩ سۈپ . تۈز ، پاك ، ھىيلە - مىكىردىن خالىي ؛ خۇشخۇي ، خۇش چاقچاق ، مۇلايىم ، چىقىشقاق : ئۇ تولىمۇ خۇش چاقچاق ، ئوچۇق يىگىت ئىكەن . ⑪ رەۋ . ئېنىق ، روشەن ، ئاسانلا بىلگىلى ، سەزگىلى بولىدىغان ھالەتتە ، گەۋدىلىك : بۇ يەردە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ئوچۇق ۋە مۇقىم بولىدۇ . ⑫ سۈپ . ھەقىقىي ، راست ، توغرا ؛ ئاشكارا ، ئېنىق : ئۇ بۇ قېتىم ئوچۇق گېپىنى قىلدى . ∥مەن ئۆز پىكرىمنى ئوچۇق ئېيتتىم . ⑬ سۈپ . قېنىق ، تۇتۇقنىڭ ئەكسى (رەڭ ھەققىدە) : -قاراڭ ، - دېدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ ، - رەڭگىمۇ شۇنداق ئوچۇق ، ئايالىڭىزغا ئالغاچ بارسىڭىز خۇش بولماي قالمايدۇ . ⑭ سۈپ . ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە قاتناشسا بولۇۋېرىدىغان ، خالىغانلار قاتناشسا بولىدىغان ، ئادەم چەكلەنمەيدىغان : ئوچۇق يىغىن . ئوچۇق سوت . ⑮ سۈپ . ھېچكىمدىن يوشۇرۇلمىغان ، ئوچۇق- ئاشكارا بولغان : ئوچۇق قارشىلىق . ئوچۇق ھەرىكەت . ئوچۇق مۇناسىۋەت .

From the library

ئەگەر ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولسا، بىز باغقا بارىمىز.
ئامستېردامدىكى يامغۇرلۇق ھەپتە, p. 1
نەتىجىدە، تاشيول بۈگۈنمۇ ئوچۇق، يولۇچىلار قۇملۇقنى بىر كۈن ئىچىدە كېسىپ ئۆتەلەيدۇ.
كۆچىدىغان بارخانلار, p. 1
قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ، ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ساڭا ھەمىشە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما.
ئۇنىۋېرسىتېتقا ماڭىدىغان نەۋرەمگە, p. 1
يەر ئۈستىدىكى ئوچۇق ئۆستەڭدە سۇنىڭ كۆپ قىسمى ئىسسىقتا ۋە شامالدا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
كارىز قانداق قېزىلىدۇ؟, p. 1

Learn ئوچۇق in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.