ئىز
Alfabeto latino: iz sustantivo B1-
marca, huella, rastro, señal, pisada, pista (hecha por los pies, etc.)
· قار ئۈستىدىكى ئادەم ئىزىغا كۆزۈم چۈشتى my eye fell upon human tracks in the snow· ئۇ دېۋەيلەپ كېلىپ بىر كاچات سالغانىدى، سايىمنىڭ يۈزىدە بەش بارماق ئىزى قالدى he had come swaggering up and slapped Sayim, leaving the imprint of his palm on his face· بۇ ھايۋاننىڭ ئىزىدىن قوغلايمىز we are tracking this animal
- ئاياغ ئىزى a footprint
- تاياغ ئىزى the mark of a beating
- ئىزغا چۈشمەك to follow, be on the trail of
- ئىز قوغلىماق to follow, to track, to follow the trail of
- mancha, mácula (en la reputación de alguien, etc.) · كىيىمدىكى بۇ قان ئىزىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، تازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تەكشڭرڭشنى باشلىغانىدى to wipe off this bloody stain on his character, the DCI had begun his investigations
- marca, huella, impresión (en el corazón) · بۇ ئىش ئۇنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى this affair left a deep mark upon him· ئۇنىڭ كۆڭلىدە قايغۇ-ئەلەم ھېچ ئىزلىرى قالمىدى no trace of grief remained in his heart
-
resultado, rastro, evidencia (de un incidente, etc.)
· ئۇ ساقچىلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۆز ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكەنىدى hearing that the police were on their way, to cover the evidence he had begun working· مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ بارماق ئىزى چۈشۈپ قاپتۇ! he's left a fingerprint here!
- بارماق ئىزى a fingerprint
-
camino, propósito
- يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن (prov.) a true man never goes back on his word, nor a tiger on his tracks
- la manera habitual, la misma forma de siempre · خىلمۇخىل گەپلەر يۈرۈتپتۇ يېزىدا، ئاشپۇزۇل مېڭىۋېرىپتۇ ئىزىدا there was all kinds of talk in the village, but the restaurant just kept going in the same old way
-
old ways, former condition
- ئىزىغا چۈشمەك to go back to one's normal way, normal condition
- old ways, former condition · ئۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىغا بىزنىڭ شىركەتتىن بىرسىنىڭ بالىسى ئورۇنلاشقان after that man died we put the son of somebody in the company in his place
-
a remnant, traces, remains, leftover
- ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى بار (prov.) he who has a son still has his possessions , but he who has a daughter has only the traces
- influence, memory (of smth.) · خەپ توختاپتۇر، سېنىڭ ئىزىڭنى ئوردىدىن يوقاتمىسام! just you wait, I'll destroy even your memory in the palace!
-
(archeological) traces, remains
- قەدەمكى شەھەر ئىزلىرى the remains of the ancient city, traces of the old city
- خارابە ئىزلىرى the old ruins, the broken-down ruins
-
one's way, footsteps, example (left to following generations, etc.)
· بىز ئالدىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ئالغا ماڭىمىز we are advancing forward in the footsteps of the former generations· ئۇ ئۇستىمىزنىڭ ئىزىنى باستى he's following in our master's footsteps, after his example· ئاكىڭىزنىڭ ئىزىنى باسىدىغان بالا تېپىشى كېرەك there have to be children to continue your brother's name
- ئىز قالدۇرماق to leave a trail, to leave an example
- باتۇرلار ئىزىدىن ماڭماق to follow the footsteps of heroes
- ئىز باسماق (i) to follow; (ii) to follow the example of; (iii) to continue the family, to continue the name
- ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلمەك to be hard on the heels of, to pursue, to hunt
Formas
- ئىزلار
- plural
- ئىزى
- su (de él, ella, ellos)
- ئىزىمغا
- mi · a, hacia (-غا)
- ئىزدا
- en (-دا)
En uigur
ئى ① ئاياغ بىلەن يەرنى دەسسىگەندە ياكى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىگە سىزغاندا ، جىجىغاندا ، يازغاندا ياكى قول بىلەن بىرەر نەرسىنى تۇتقاندا چۈشۈپ قالغان بەلگە ، ئىزنا : ئاياغنىڭ ئىزى . ئاتنىڭ ئىزى . قامچا ئىزى . تاياق ئىزى . ئىز قوغلىماق . ② بىرەر نەرسە يۈزىگە يۇقۇشتىن ھاسىل بولغان داغ : كىيىمدىكى بۇ قان ئىزىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ، رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بۈگۈندىن تارتىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى . ③ كۆچمە . كىشى كۆڭلىدىكى ئازاب ، داغ ؛ كۆڭۈلدە قەپقالغان مەنىۋى تەسىر : بۇ ئىش ئۇنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى . ④ كۆچمە . بىرەر ۋەقەنىڭ يىپ ئۇچى : ئۇ ياقۇپ ياساۋۇلنى كۆرۈپ ياكى ئۇنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپلا ، ئۆز ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكەنىدى . ⑤ ئومۇمەن يول ، نىشانە : يولۋاس ئىزىدىن قايتماس ، يىگىت سۆزىدىن (ماقال) . ⑥ بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا تۇتۇپ كەلگەن يولى ، ئۇسۇلى : خىلمۇخىل گەپلەر يۈرۈپتۇ يېزىدا ، ئاشپۇزۇل مېڭىۋېرىپتۇ ئىزىدا . ⑦ ئەسلىدىكى ئورنى ، ئەسلىي ھالىتى : ئىزىغا چۈشمەك . * ھاياتنىڭ ئەگرى-توقاي مۇساپىسى ، ئوخشايدۇ ، تىنىم تاپماس كەڭ دېڭىزغا ، بەزىدە كۆتۈرۈلسە ئۇندا دولقۇن ، بەزىدە چۈشەر پەسلەپ ئۆز ئىزىغا . ⑧ ئورۇن : ئۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىغا بىزنىڭ شىركەتتىن بىرسىنىڭ بالىسى ئورۇنلاشقان . ⑨ قالدۇقى ، ئىزناسى : ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار ، قىزى بارنىڭ ئىزى بار (ماقال) . ⑩ تەسىرى ، تەسىرىي كۈچ ، تەسىر كۈچى : خەپ -توختاپ تۇر ، بۇ ئوردىدىن سېنىڭ ئىزىڭنى يوقاتمىسام مەن خان ئاغىچىلىق ئېتىمنى يۆتكىۋېتىمەن! - دېدى ئۇ قاتتىق ئاۋازدا . ⑪ <ئارخېئول> بۇرۇنقى زامانلاردىن قەپقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ھېسابىدىكى جاي ، قەدىمىي شەھەر قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان ، ساقلىنىپ قالغان قىسمى ، قالدۇقى ، يادىكارلىق ، ئەسەر : قەدىمكى شەھەر ئىزلىرى . خارابە ئىزلىرى . ⑫ كۆچمە . ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ ، پېشقەدەملەرنىڭ ياكى بىرەر شەخسنىڭ ھاياتىدا قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئىش-ھەرىكىتى ، پائالىيىتى ۋە پائالىيەت يۆنىلىشى ؛ يول ، مۇساپە : ئىز قالدۇرماق . باتۇرلار ئىزىدىن ماڭماق . * بىز ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ئالغا ماڭىمىز .
De la biblioteca
كارۋان توختىماي ئالغا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا بولسا قۇم ئۈستىدە ئىزلار قالىدۇ.
بەزىلەر ئۈچۈن كارۋان ئادەمنىڭ ئۆمرىگە ئوخشايدۇ: ئادەم كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئىز بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ ئۆزى خۇددى ئۆز شېئىرىدىكى كارۋاندەك ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئۇ قالدۇرغان ئىز ھېلىھەم ئۆچمىدى.
كىشىلەر كۆپىنچە تەرجىماننى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر كۆۋرۈك دەپ ئويلايدۇ: سۆزلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ بولسا ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايدۇ.
Aprende ئىز en textos reales
Con una cuenta gratuita, pasa el cursor sobre cualquier palabra de la biblioteca para ver su significado, escúchala en voz alta, guarda palabras para repasarlas al ritmo de tu memoria y descubre cuánto de cada libro ya conoces.