ئۆلچىمەك
Latin: ölchimek verb A1-
to measure, to measure up
- بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەك to take smb.'s temperature
- ئۆلچەپ بېكىتىش to fix a standard
- قۇرۇلۇش مەيدانى ئۆلچىمەك to mark out a construction site
- to gauge, to estimate, to assess (abstract) · بىلەلمىدىم، كومىسسىيە دېگەنلەر ئىرادىمنى يېشىم بىلەن ئۆلچەمدىكىن I wasn't sure if the commission would take account of my determination as well as my age
- to weigh, to weigh out
- to try on, to judge (clothes) · سەيپۇڭ مېنى ئۆلچىۋالدى the tailor measured me (up)· ماشىنىچى ئۇستام مېنىڭ بېلىمنى ئۆلچىدى the tailor measured my waist· مەن سەيپۇڭغا كىيىم ئۆلچەش ئۈچۈن باردىم I went to the tailor's to be measured up for clothes
Forms
- ئۆلچەيمەن
- present-future · I (مەن)
- ئۆلچىدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- ئۆلچەۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- ئۆلچىمەيدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، چوڭ-كىچىكلىكى ، ئېغىرلىقى ، ھەجمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئېنىقلىماق : سۇنىڭ مىقدارىنى ئۆلچىمەك . پاختىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك . *يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس (ماقال) . * سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە (ماقال) . ② كۆچمە . بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزمەك ، ئۇنىڭ پايدىلىق ياكى زەرەرلىك تەرەپلىرىنى ھېسابقا ئالماق ؛ مۆلچەرلىمەك : سابىر ، قاسىمنىڭ پىكىرىنى ئۆلچەپ كۆرۈۋاتقاندەك قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىپ تۇردىدە ، قاسىمغا قارىدى .
From the library
كىتابنىڭ ئىسمىنى مومىسى ئۆزى قويدى: «كۆز ئۆلچىمى».
شۇڭا ئەقىل ئارىلىقنى ئۆلچەشتىن ۋاز كېچىدۇ.
قۇملۇقنىڭ ئۆز ۋاقىت ئۆلچىمى بار، ئۇ بىزنىڭ سائىتىمىزگە ئوخشىمايدۇ.
ئۇلار يولنى كىلومېتىر بىلەن ئەمەس، كۈن ۋە قونالغۇ بىلەن ئۆلچەيتتى، بىر قۇدۇقتىن يەنە بىر قۇدۇققىچە بولغان ئارىلىق ئۇلار ئۈچۈن بىر پۈتۈن دۇنيا ئىدى.
Learn ئۆلچىمەك in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.