ئاچچىق
Écriture latine : achchiq adjectif A1-
aigre, amer
- ئاچچىق ئۈزۈم sour grapes
- ئاچچىق ئۈچەي the small intestine (of sheep, cattle)
- ئاچچىق پەربۇن bitter ? root of Chinese thorowax (bupleurum chinense) (plant) ?
- ئاچچىق تاۋۇز (plant)
- piquant, épicé · بۇ لازا بەك ئاچچىق these peppers are very hot· بۇ سەي بەك ئاچچىق ئىكەن this dish is very hot· بۇ كاۋاپ بەك ئاچچىق ئىكەن these kebabs are very spicy
-
fort, concentré (thé)
- چاينى ئاچچىق دەملىمەك to make the tea strong
-
âcre, fort, intense (pour une odeur)
- ئاچچىق تاماكا strong tobacco
- ئاچچىق ئىس acrid smoke
-
fort, intense, mordant
- ئاچچىق سوغۇق bitter cold
- ئاچچىق شامال a bitter wind, biting wind
- ئاچچىق تولغاق intense (birth) pangs
-
sarcastique, dur, amer (mots, expériences, etc.)
· ئۇ ماڭا ئاچچىق گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى he attacked me with bitter words
- تىلى ئاچچىق ئادەم a man with a sharp tongue, a sharp-tongued person, a sarcastic person
- تاتلىق يالغاندىن ئاچچىق ھەقىقەت ياخشى (prov.) bitter truth is better than sweet lies
- ئاچچىق ساۋاق a bitter lesson
- ئاچچىق خاتىرىلەر bitter memories
-
anger, irritation, vexation
· ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرمە don't irritate her· ئۇ ماڭا ئاچچىق قىلىۋاتىدۇ he's taking it out on me, he's venting his temper on me· مەندىكى ئاچچىقلىرى چىققاندۇ؟ has your anger at me died down? are you still angry at me?
- (بىراۋغا) ئاچچىقى كەلمەك (قىلماق) to get angry (at smb.)
- ئاچچىقىڭ كەلسە بارمىقىڭنى (لېۋىڭنى) چىشلە (proverb) if anger comes, bite your finger (lip)
- ئاچچىقىم كەلدى I got very angry
- ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك to annoy, irritate
Formes
- ئاچچىقلار
- pluriel
- ئاچچىقى
- son, leur
- ئاچچىقىمغا
- mon · à, vers (-غا)
- ئاچچىقتا
- dans, à (-دا)
En ouïghour
① سۈپ . ئېغىزنى ئېچىشتۇرىدىغان ، تەمى ئۆتكۈر ؛ سەزگۈ ئەزالىرىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان : ئاچچىق لازا . ئاچچىق غورا . * بىلىم - ئاچچىق يىلتىزدىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تاتلىق مېۋە . ② سۈپ . جاندىن ئۆتىدىغان ، بەدەننى تىترىتىدىغان : ئاچچىق سوغۇق . ئاچچىق شامال . ③ سۈپ . كۆچمە . كىشىگە قاتتىق تېگىدىغان ، كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان ، خۇش قىلمايدىغان : يىغىندا ماڭا ئاچچىق گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلار بولدى . ④ سۈپ . كۆچمە . دەرد - ئەلەم ، غەم-غۇسسىلىك ، غەم-قايغۇنى ئىپادىلەيدىغان؛ ئەلەملىك : بۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئەسلەشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ خەتكە قارىدىم . ⑤ رەۋ . كۆچمە . مەسخىرىلىك ، نەپرەتلىك : يىگىت ئاستا - ئاستا قۇلىقىغىچە قىزاردى - دە ، بىردىنلا ئاچچىق كۈلۈۋەتتى . ⑥ ئى . غەزەپ ، زەردە ، قەھر: بۈگۈنكى ئاچچىقنى ئەتىگە قوي (ماقال) . * ئۆلگۈدەك ئاچچىقى كەلگەن سەنۇبەر ئۇنىڭغا يالت قىلىپ قارىدى - دە ، قېتىپ قالدى ، ئۇنىڭ ئالدىدا رۇستەم تۇراتتى .
Tiré de la bibliothèque
بۇنى ئاڭلىغان قوشنىلار كۈلۈپ كېتىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئاچچىقىمۇ بېسىلىپتۇ.
مېنىڭ ئاچچىقىم كەلگەنىدى، لېكىن ھاممام: «سەۋر قىل، قىزىم، ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئۆز سەۋەبى بولىدۇ» دېدى.
ئۈچىنچى نەسىھىتى بولسا، ئاچچىقى كەلگەندە ئەتىگەنگىچە ھېچ ئىش قىلماسلىق ئىكەن.
ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ۋارقىرىماقچى بولۇپتۇ، لېكىن ئۈچىنچى نەسىھەتنى ئەسلەپ، كېچىنى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈپتۇ.
Apprenez ئاچچىق dans de vrais textes
Avec un compte gratuit, survolez n’importe quel mot de la bibliothèque pour voir son sens, écoutez-le lu à voix haute, enregistrez des mots pour des révisions calées sur votre mémoire, et voyez quelle part de chaque livre vous connaissez déjà.