ئوتتۇرا
Latin: ottura noun A1-
average, middle, medium; between
· ئوتتۇرا قولدەك بىر ئات سېتىۋاپتۇ I've bought a horse that's first rate!· ئۇنىڭ ئوتتۇرا قولدەك بىر ئېتى بار he has a great horse· ئۇ ئوتتۇرا قولدەك بىر قىز تېپىۋاپتۇ! he's found a wonderful girl!
- قورا ئوتتۇرىسىدا in the middle of the yard
- ئوتتۇرا قاتلام the middle layer
- ئوتتۇرا يولدا توختاپ قالماق to stop halfway
- ئوتتۇرا مەكتەپ a middle school
-
the midst (of), the middle (of), between
· ئۇ ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاتىدۇ he's standing in the middle· ئوتتۇرىدا پەرزەنت بولماسلىق having no child between them· ئۇنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، تەربىيە بەردى (among friends, etc.) he criticised him publicly, giving him a lesson
- سېنىڭ ۋە مېنىڭ ئوتتۇرىمدا between you and me
- ئوتتۇرىغا قويماق (سالماق) to propose, put forward, suggest
- ئوتتۇرىغا ئالماق (i) to surround, to take into the midst; (ii) to include in one's circle; ; (iii) to criticize publicly, to censure in public
- ئۇلار مېنى ئوتتۇرىغا ئالمايۋاتىدۇ they treat me as an outsider
-
average, medium
· بۇ كىرىم ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0641 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ this income comes (exactly) to an average of 1460 yuan per family· 5491-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىلىرىغا كەلگەندە،.. by the middle of the year 1945· ئىككى ئوتتۇرىدىكى غەشلىك the bitterness between the two of them
- ئوتتۇرا ھېساب بىلەن on average, the average (is...)
- ئۇنىڭ بويى ئوتتۇرا ھال he's (of) medium, average height
- ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم a middle-aged person
- ئوتتۇرىدا يوق ئادەم (i) an insignificant person, person of no importance or (ii) a person of no stature
Forms
- ئوتتۇرىلار
- plural
- ئوتتۇرىسى
- his, her, their
- ئوتتۇرامغا
- my · to (-غا)
- ئوتتۇرىدا
- in, at (-دا)
In Uyghur
① ئى . مەلۇم بىر دائىرىنىڭ دەل مەركىزىي نۇقتىسى ، مەركەز : قەسىر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆل تۇرغۇدەك . ② سۈپ . ئىسىملارنى ئېنىقلاپ «مەركىزىي ، مەركىزىي قىسىمدىكى ، مەركىزىگە جايلاشقان ، ئارىسىدىكى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : ئوتتۇرا ئاسىيا . ئوتتۇرا جۇڭگو . ئوتتۇرا ئافرىقا . ئوتتۇرا قول . ئوتتۇرا ئىشىك . ③ ئى . بەلگىلىك ئۇزۇنلۇققا ئىگە نەرسىلەرنىڭ ئىككى چېتى ياكى ئۇچىدىن تەڭ ئارىلىقتا بولغان نۇقتىسى : يىراقتا كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئەسكەرلەر توسۇۋېلىپ ، مىلتىقلىرىغا تايىنىپ تۇرۇشاتتى . ④ئى . ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنىڭ ئارىلىق قىسمى : ئۇ مەشۇقى مەلىكە بۈدۈرنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرنى سۆيۈپتۇ . ⑤ ئى . مەلۇم بىر جايدىكى كىشىلەر ياكى نەرسىلەرنىڭ ئارىسى ، قورشاۋ : ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار دەررۇ ئاسىمنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ، ئۇنىڭغا نېمىنىدۇر دېيىشمەكچى بولۇشتىيۇ ، دېمىدى . ⑥ئى . باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشى تەخمىنەن تەڭ ئۇزاقلىقتىكى ۋاقىت ، يېرىم : بىر يىلى قىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىبراھىم ئاكا تۇرسۇن بىلەن گەپ تەگىشىپ قالدى . ⑦سۈپ . ھەممە كىشى ياكى بىرنەچچە كىشى تەڭ پايدىلىنىدىغان ، تەڭ شېرىك : بىرنەچچە ئىش ھايۋانلىرى ، ئىككى دانە سوقا ، بىردانە ئورما ماشىنىسى ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق جابدۇقلار بىردىنلا كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۈلكى بولۇپ قالدى . ⑧ئى «ئۇ ، بۇ ، شۇ ..»قاتارلىق كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن بىللە كېلىپ «ئەتراپ ، كۆرسىتىلگەن جايغا يېقىن يەر ، ئۆپچۆرە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : بۇ ئوتتۇرىدا ئۇنداق ئېسىل بىنا يوق . ⑨سۈپ . مەلۇم بىر پائالىيەت ، تۈر ياكى ھال-ئەھۋالغا نىسبەتەن دەرىجە جەھەتتىن يۇقىرىمۇ ئەمەس ، تۆۋەنمۇ ئەمەس بولغان ، ئارىلىقتىراق تۇرىدىغان : ئوتتۇرا مەكتەپ . * ئۇ ئوتتۇرا بويلۇق ، كېلىشكەن ئادەم ئىدى . ⑩ ئى . ئىككى ياكى بىرنەچچە كىشى ئارىسى ، ئارا : نادىر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھېچقانداق يامان ئىش ئۆتۈلگىنى يوق . *ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ھايات- ماماتلىق كۈرىشىدۇر . ⑪ ئى . مەلۇم بىر ۋەقە ياكى ھادىسە پەيدا بولىدىغان ياكى بولغان پەيت ، مەزگىل : ئوتتۇرىدىن 15 كۈن ئۆتۈپ كەتتى . ⑫ ئى . مەيدان ، سەھنە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇن : قادىر ئورنىدىن تۇرۇپ سالماق قەدەم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى .
From the library
بۇ يەرگە يامغۇر ناھايىتى ئاز ياغىدۇ، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا بولسا بەزى يىللىرى بىر تامچىمۇ چۈشمەيدۇ.
نۇرغۇن گىلەملەرنى ئوتتۇرىسىدىن قاتلىسىڭىز، ئىككى يېرىمى خۇددى ئەينەكتىكى ئەكستەك بىر-بىرىگە ماس كېلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، گىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ نەقىش ئادەتتە ئۆز مەركىزى ئەتراپىدا ئايلاندۇرۇلسىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ.
گىرۋەك خۇددى رامكىدەك گىلەمنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئوراپ، كۆزنى ئىچكىرىگە باشلايدۇ.
Learn ئوتتۇرا in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.