بىر
Latin: bir adverb C2- a little while, a short while
-
(repeated) now...... then....., now...., now......
- بىر تۇرۇپ بارىمەن دەيسەن، بىر تۇرۇپ بارمايمەن دەيسەن، زادى قانداق قىلىسەن؟ now you say you're going, now you say you're not, just what are you going to do?
In Uyghur
① سان < مات > ئەڭ كىچىك ساناق سان ۋە بۇ ساننى ئىپادىلىگەن «1» رەقىمى : گەپ بىر ، قۇلاق ئىككى (ماقال) . * بىرنى بىرگە قوشسا ئىككى بولىدۇ . ② ئى . ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى «ى» بىلەن كېلىپ مەلۇم بىر«كىشى ، ئادەم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ : بىرىدىن قۇتۇلۇپ ئونىغا تۇتۇلدۇم (ماقال) . ③ ئال . ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كېلىپ «شۇ» ، «مۇشۇ» ، «ئوخشاش بىر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : ھېيتەم ئەر - خوتۇن بىر مەكتەپتە ئىشلەيدۇ . ④ ئال . ئېنىقسىز قوشۇمچە ۋەزىپىسىدە كېلىپ «قانداقتۇر ، ئاللىقانداق ، قايسىدۇر ، قاچاندۇر»غا ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ : بىر كۈنى . بىر ئاخشىمى . ⑤ رەۋ. پېئىللارنىڭ ئالدىدا ھالەت بولۇپ كېلىپ ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ : بۇ خەۋەر مەھەللىگە بىر كەلدى . ⑥ ئال «كىم» ، «نېمە» سوئال ئالماشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئېنىقسىز ئالماش رولىدا كېلىدۇ : ئايگۈل يولدا تونۇش بىركىم ئۇچراپ قالسا بولاتتى ، دەپ پات - پاتلا ئەتراپىغا قاراپ قوياتتى . ⑦ سۈپ . ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىپ ئېنىقلانغۇچىنى گەۋدىلەندۈرۈش ، بەلگە ۋە خۇسۇسىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ : بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە . ⑧ يۈك . «يالغۇز» ، «پەقەت» دېگەن مەنىدە تەكىتلەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ : بۇ ئىشنى بىر تۇرسۇنلا بىلىدۇ ، باشقىلار بىلمەيدۇ . ⑨ سۈپ . ئىسىملىق جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ «ئورتاق» ، «ئوخشاش» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ : ئەرەبلەر 23 دۆلەت ۋە رايونغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تىلى بىر ، يېزىقى بىر ، ئېتىقادى بىر . ⑩ رەۋ . باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ سۆز ياساش رولىنى ئوينايدۇ : بىر ئاز . بىر قۇر . ⑪ باغل «بىردە» ، «بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ ، ئايرىغۇچى باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ : - بىر ئۇنداق دەپ ، بىر مۇنداق دەپ دىققىتىمنى چېچىۋەتتىڭىز ئەپەندىم ، - دەپتۇ ھەسەن زەرگەر .
Other matches
Learn بىر in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.