قارشى
Latin: qarshi postposition B1-
against, in opposition to
· ئۇلار جىنايەتچىلەرگە قارشى تۇرماقتا they are fighting against criminals· قارار ئون ئاۋازغا قارشى ئون بەش ئاۋاز بىلەن ماقۇلاندى the decision was passed by ten votes to fifteen· مەن بۇ قارارغا قارشى تۇرىمەن I oppose the decision
- قارشى پارتىيە the opposition, the opposition party
- پارتىيەگە قارشى ئۇنسۇرلار elements opposed to the party
- قارشىلار those against, the opposition
- قارشى تەرەپ the other party, opposing party
-
opposite, over against
· يولنىڭ قارشىسىدا بىر ماگازىن بار there is a shop on the other side of the road· شامال قارشىمىزدىن چىققانىدى the wind sprang up against us, from (over) against us
- قارشى ئالماق to welcome
- سىزنى قارشى ئالىمىز! welcome!
- قارشى ئېلىنماق to be welcomed, made welcome
- versus, in opposition to, as opposed to · ئۈچ ئاۋازغا قارشى بەش ئاۋاز بىلەن ئالىم سايلاندى Alim was elected by five votes to three
-
in anticipation of, in preparation for, over against (future dificulties)
· بىز ھەممە ئېھتىمالغا قارشى، ئالدىنىمىزنى قورام تالشلارنىڭ توسۇۋېلىش مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتىشىمىز، تەييارلىنىپ قويۇشىمىز لازىم we must make bear in mind and preparations in anticipation (of possibilties) such as rocks blocking our way
- ئېھتىمالغا قارشى تەييارلانماق to make preparations in anticipation, to prepare against possible difficulties
- the other (of two), the oppposite · خاتالىقنىڭ يۈزدە-يۈز قارشى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى تەكتىتلىسە...... if he insists the entire blame is with the other party,...· مۇھەببەت ئۆزىنى ئەمەس، قارشىسىدىكى كىشىنى ئويلايدۇ love does not think of itself, but of the other person
In Uyghur
①[سۈپ . تەرەپدار ئەمەس ، ماقۇللىمايدىغان ، ياقلىمايدىغان ، قۇۋۋەتلىمەيدىغان ؛ نارازى : بۇ ئىشقا كىم قارشى؟ * بۇ تەكلىپكە سىزدىن باشقا قارشى كىشى يوق . ②سۈپ . مەيدانى ، چۈشەنچىسى ، پىكىرى ، مەقسىتى ، مەپكۇرىسى ، مەسلىكى ۋە مەنپەئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ؛ زىت ، خىلاپ : بىر - بىرىگە قارشى تەرەپلەر ، ئۆزئارا قارشى تەرەپلەر . بىر - بىرىگە قارشى گۇرۇھلار . ③ تىر(يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ) بىرەر ئىش ، نەرسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ باشقىسىدىن ساقلىنىش ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قايتۇرۇش ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ : بۈرگىگە قارشى دورا . يانغىنغا قارشى ماشىنا . تانكىغا قارشى قورال . ④تىر (يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ) تەتۈرىچە ، ئەكسىچە : ئېھتىمالغا قارشى . بەختكە قارشى . ⑤سۈپ . قارىمۇقارشى ، روبىرو ؛ ئۇدۇل : كوچىنىڭ قارشى تەرىپى . * ئايگۈل قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ . ∥قارشىسىدا تۇرغان ئادەم .
From the library
ئەمدى ھەممە ئادەم ئۇنى قارشى ئالدى.
لېكىن بوستانلىقنى ياراتقان پىكىر— تەبىئەتكە قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش— ھەر قانداق شەھەرگە ماس كېلىدۇ.
Learn قارشى in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.