FluentPlex

ئارا

拉丁字母:ara 代词 C2
  1. 叉子(餐具)
    • تۆمۈر ئارا an iron fork
    • ياغاچ ئارا wooden fork
+ 加入复习

维吾尔语释义

① Ⅰئى . ئىككى نەرسە ياكى ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە ، ئارىلىق : بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارىسى 40 كۈنلۈك يول (ماقال) . ② ئى . قاتار ، سەپ ؛ ئوتتۇرا : ئارىغا ئالماق . ئارىغا قاتماق . * مەن ئۈچ ئوغۇل ئارىسىدا بىرلا قىز ئىدىم . ③ ئى . ئىككى ۋەقە ، ھادىسە ياكى پەيت ئوتتورىسىدىكى ۋاقىت ؛ پۇرسەت : ئارىدىن ئالتا ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، زۇلال ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلىمىدى . ④ئى . كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت ؛ ئالاقە : ئارىنى بۇزماق ، ئارىنى ئۈزمەك . ⑤ سۈپ . ياخشىمۇ ئەمەس ، يامانمۇ ئەمەس ، چوڭمۇ ئەمەس ، كىچىكمۇ ئەمەس ، ئېگىزمۇ ئەمەس ، پەسمۇ ئەمەس ؛ ئوتتۇرا ھال : ئارا پاشنا . ئارا بوي . * بۈگۈن بازاردىن سېتىۋالغان ماللىرىمىز ئالاھىدە مالمۇ ئەمەس ، ئارا نەرسىلەر . ⑥ سۈپ . قولى بوش ، قولىدا ئىش يوق ؛ بىكار : - مەريەم ھەدە ، خىزمەتنىڭ ئارا ۋاقىتلىرىدا يېڭى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭ . مۇنداق كىتابلار مەندە بار ، - دەپ مەسلىھەت بەردى ئايتۇرسۇن . ⑦ تىر 1) باش كېلىشتىكى ئايرىم ئىسىملارنىڭ كەينىگە تىركىلىپ كېلىپ «ئارىسىدا ، ئارىلاپ» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ : باغ ئارا سەيلە قىلشتىن مەڭگۈ ئەلا كەشپىيات ، ئاتىغىن ئۆمرۈڭنى پەنگە مەنىلىك ئۆتسۈن ھايات . 2) باش كېلىشتىكى ئايرىم ئىسىملارغا تىركىلىپ كېلىپ ، «ئوتتۇرىسىدا» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ : كىممۇ بىلمىسۇن بۇ ئۆيدە شۇ كۈن ، ئەر - خوتۇن ئارا بولغان تەنىنى .

其他结果

在真实文章中学习ئارا

注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。

创建免费账号
单词、释义和例句来自lughet的维吾尔语–英语词典,已获其所有者许可使用。由FluentPlex整理成本词典。