چىڭ
Latin yazısı: ching i̇sim C2- Çing Hanedanı (1616-1913)
Biçimler
- چىڭى
- onun, onların
Uygurca açıklama
① سۈپ . مۇستەھكەم ، چىداملىق ، پۇختا ، پىششىق : چىڭ رەخت . ② سۈپ . ئىچى مەلۇم بىرنەرسە بىلەن لىق تولدۇرۇلغان ؛ بوش ياكى كاۋاك ئەمەس ، لىق : ھارۋا چاقىنىڭ يېلى چىڭ . ∥ھەرقانداق چاغدا ، قورساقنى چىڭ تويغۇزۇپلا جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ياخشى ئەمەس . ③ رەۋ . كۈچ بىلەن ، مەھكەم ، قاتتىق ، بوشاشتۇرۇپ قويماي : ئۇ خۇددى يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكلا ، ئالدىدىكى تۆمۈرنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ④ رەۋ . يۇقىرى ، قاتتىق ، ئۈنلۈك(ئاۋاز ھەققىدە) : تاڭمۇ ئاتتى ، كۈن چىقتى ، قول كانىيىدىن ئۈن چىقتى . كانايچىنىڭ ئاۋازى ، كۈندىكىدىن چىڭ چىقتى . ⑤ سۈپ . ياراملىق ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان : ھەممىدىن چىڭ چىققىنى ئەنۋەر ئەپەندى بولدى . ⑥ سۈپ . قاتتىق ، جىددىي : بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقسا ، ئىش باشقىچە . شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ . ⑦ سۈپ . ئۆز ئىشىغا پۇختا ؛ باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان ، بېخىل ؛ پىششىق : ئۇنىڭ مۇنچىۋالا چىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەپتىمەن . ⑧ سۈپ . دەل ، تازا ، قاق ؛ چىڭقى : مەن بۇ يەرگە ئاش ۋاقتى بىلەن كەلگەن ئادەم تا چىڭ چۈشكىچە ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇردۇم . ⑨ سۈپ . ھالقىلىق ، مۇھىم ؛ يامان : چىڭ يېرىگە چىقماق . - ئىش چىڭ يېرىگە بېرىپ تاقىلىپ قالدى . ئەمدى بۇيرۇق قىلسىلا تەقسىر ، مەن بېرىپ كۆرەي ، - دېدى ئۇ .
Diğer eşleşmeler
چىڭ kelimesini gerçek metinlerde öğrenin
Ücretsiz bir hesapla kütüphanedeki herhangi bir kelimenin üzerine gelerek anlamını görün, sesli okunuşunu dinleyin, kelimeleri hafızanıza göre zamanlanan tekrarlar için kaydedin ve her kitabın ne kadarını zaten bildiğinizi görün.