بىلەن
拉丁字母:bilen 连词 A1-
和,与
· سىز بىلەن بىللە with you· مەن دادام بىلەن ئاپامغا بىردىن ئاياغ ئالدىم I bought my Mum and Dad a pair of shoes each· كىم بىلەن ئوينايدىكەن؟ (i) who are they playing with?; (ii) who are they playing against? (competition)
- بىلەن بىللە with, along with
- شەھەر بىلەن يېزا city and countryside
- 用,以(工具) · كەلەم بىلەن خەت يازماق to write a letter with a pen· ئاپتوبۇس بىلەن كەلدىم I came by bus· ئۇ ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئاچتى he opened the door with a key
- 经由,通过(路线) · مەن ئاۋۇ ئارقا كوچا بىلەن كەلدىم I came by that back way· كەلگەن يولۇم بىلەن كەتتىم I went (by) the way I came
- 与动词过去分词形式连用,表示对比 · بىچارىنىڭ ئۆزى سەت بولغىنى بىلەن كۆڭلى ياخشى though the poor man's appearance was ugly, his heart was kind
-
与动词不定式形式连用,表示事件的同时性或两个动作之间的紧密联系
· كۈننىڭ كۆتۈرۈلىشى بىلەن تەڭ يۈزلەرگە ئۇرىلىۋاتقان ئىزغىرىن شامال توختىدى with the rising of the sun the piercing wind in their faces died down
- كېلىشى بىلەن once he had come,..
- كۆرۈشۈشىمىز بىلەن as soon as we met..
- ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن with the passage of time,
-
与现在进行时连用,表示对某种状态的考虑
- مېنىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنىم بىلەن ھېسابلاشماي... not considering in what state I was....
- dependent on, resting with · بىر ئائىلەنىڭ ئاۋاتچىلىقى ئايال كىشى بىلەن بولۇر the flourishing of a family depends upon the wife· ئاتۇش ئەنجۇر ماكانى بولۇش بىلەن يىراق-يېقىنغا مەشھۇر Atush is famous far and near for being the home of figs
-
to form an adverbial phrase
- نۆۋەت بىلەن in turns, taking turns
- ئاچكۆزلۈك بىلەن greedily, covetously
- باتۇرلۇك بىلەن heroically
- busy, engaged (in) · ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىش ئىشلىرى بىلەن بولدۇق we were engaged in affairs of organising a government· مېنىڭ ئەس-يادىم پاراشۇت ئېچىش بىلەن بولاتتى my thoughts were occupied with the opening of the parachute
维吾尔语释义
باغل ① ئىككى جۈملە ياكى جۈملە بۆلەكلىرىنى تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلاپ كېلىدۇ : مەن ئادىل بىلەن مۇختەرنى بازاردا ئۇچراتتىم . ② «- غان ، -قان ، - گەن ، - كەن» بىلەن ئاخىرلاشقان سۈپەتداشتىن كېيىن كېلىپ ، مەنە جەھەتتىن قارشى بولغان ئەگەشمە جۈملە بىلەن باش جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ : مەن بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بىلەن ، باشقا جايلارغا بارغانمەن . ③ ئىش - ھەرىكەتنىڭ ۋاسىتىسىنى بىلدۈرىدۇ : قولى بىلەن ئېلىپ ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ (ماقال) . ④ ئابستراكت مەنىدىكى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانداق روھىي ھالەتتە ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ : ئۇلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى . ⑤ ۋاقىت مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ قاچان سادىر بولغانلىقىنى ، قانچە ۋاقىت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ : ئۇلار قەشقەرگە تاڭ سەھەر بىلەن يېتىپ كەلگەنىدى . ⑥ ئورۇن ، جاينى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ شۇ جاينى بويلاپ يۆنەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ : مەن بازار بىلەن كەلدىم . ⑦ «بىللە» ، «بىرلىكتە» رەۋىشلىرى بىلەن كېلىپ ، بىللىلىك ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ : ئاسىم ئۆزىنىڭ پارتىزان يىگىتلىرى بىلەن بىللە يېتىپ كەلدى . ⑧ ئىككى تەرەپ قاتنىشىش بىلەن بولىدىغان ئىش - ھەرىكەتنىڭ قارشى تەرىپىنى بىلدۈرىدۇ : مەن تۇرسۇن بىلەن ئىككى سائەت پاراڭلاشتىم . ⑨ ئىش - ھەرىكەتنىڭ ياكى ھالەتنىڭ ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۆزىدىن ئالدىنقى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسە سەۋەب ، ئاساس بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ : قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار (ماقال) . ⑩ رەۋىشداشلار بىلەن بىللە كېلىپ ، مەلۇم بىر ئىش ، ئوي - پىكىرگە بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ : ئۇ خىيال بىلەن ئولتۇرۇپ ، مېنىڭ كىرگىنىمنى سەزمەي قالدى . ⑪ ۋاقىت ، پەيت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەگەشمە جۈملىلەردە ئىسىمداشتىن كېيىن كېلىپ ، ئىش - ھەرىكەتنىڭ باش جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشتىن بۇرۇن بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ : باش ئەتىياز كېلىشى بىلەن مەن سەرسان بولۇپ كېتىپ قالدىم .
来自图书馆
شەنبە، 12-ئىيۇل
بۈگۈن مەن ئاتا-ئانام بىلەن خوتەندە بولدۇم.
ئۆتكەن ھەپتە ئارزۇگۈل سىنىپداشلىرى بىلەن بىر كارىزنى كۆرۈپ كەلدى.
ئارزۇگۈل كارىزنىڭ سۈيىنى قولى بىلەن تۇتۇپ باقتى.
ئاپتوبۇس بىلەن بارسىڭىز، تېزرەك يېتىپ بارىسىز.
在真实文章中学习بىلەن
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。