FluentPlex

يېيىلماق

Latin: yéyilmaq verb B2
  1. to be spread out, to be scattered, to be dispersed · قويلار تاغ باغرىدا يېيىلىپ ئوتلىماقتا the sheep are grazing, scattered over the hillside· سۇ يېيىلىپ ئاقماقتا water is flowing everywhere· قوزغىلاڭ شىنجاڭ شەرقىي قىسمىغا يېيىلماقتا ئىدى the uprising was spreading to the eastern part of Xinjiang
    • بۇلۇت يېيىلدى the clouds dispersed, scattered
    • پىتنە-ئىغۋا يېيىلدى rumours spread
  2. to spill out over
  3. to soak and spread out into smth. · سىياھ قەغەزگە يېيىلىپ كەتتى (i) ink has spilled out across the paper; (ii) the ink has soaked into the paper· بۇ، سىياھ يېيىلىپ كېتىدىغان قەغەز ئىكەن! this paper really is very absorbent to ink
  4. to be rolled (out)
    • خېمىر يېيىلدى the flour is rolled out
  5. to be hung out, hung up, spread out (to dry) · كىر يېيىلغان ئاغامچا a rope with washing hung on it (to dry)
+ Save to review

Forms

يېيىلىمەن
present-future · I (⁨مەن⁩)
يېيىلدى
past · he, she, they (⁨ئۇ⁩)
يېيىلىۋاتىمىز
doing now · we (⁨بىز⁩)
يېيىلمايدۇ
present-future · not · he, she, they (⁨ئۇ⁩)

In Uyghur

① «يايماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى : نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ، ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى . ② كۆچمە . تارالماق ، ئەتراپقا تارىلىپ ھەممە ياقنى بىر ئالماق ، ھەممىگە ئاڭلانماق ياكى ھەممىگە مەلۇم بولماق : بۇ خەۋەر ھەش - پەش دېگۈچە پۈتۈن مەكتەپكە يېيىلدى . ③ كۆچمە . قاپلىماق ، باسماق ، ئەتراپنى ئۆزىنىڭ ھالىتىگە كەلتۈرمەك (نۇر ياكى قاراڭغۇلۇق ھەققىدە) : ئاستا - ئاستا تولۇن ئاينىڭ ئاقۇچ نۇرلىرى ئەتراپقا يېيىلدى . ④ كۆچمە . خۇشال بولماق ، روھىي جەھەتتىن ئازادىلىك ھېس قىلماق ، خۇشال - خۇرام يۈرمەك : بۇنىلەيلى كۆرۈپ كۈلدى ، يېيىلدى ، نە كۈلدى خۇددى بىر گۈلدەك ئېچىلدى .

From the library

داستىخان دېگەندە، يېيىلگەن رەختمۇ، ئۈستىگە تىزىلغان نان، مېۋە ۋە چايمۇ، ھەتتا مېھمانغا كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتمۇ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
تەرجىمىگە سىغمايدىغان سۆزلەر, p. 1

Learn يېيىلماق in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.