FluentPlex

ئاچماق

Latin yazısı: achmaq fiil C2
  1. acıkmak
    • قورسىقىم ئاچتى I'm hungry
    • قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ are you hungry?

Biçimler

ئاچىمەن
geniş-gelecek zaman · ben (⁨مەن⁩)
ئاچتى
geçmiş zaman · o, onlar (⁨ئۇ⁩)
ئېچىۋاتىمىز
şimdiki zaman · biz (⁨بىز⁩)
ئاچمايدۇ
geniş-gelecek zaman · olumsuz · o, onlar (⁨ئۇ⁩)

Uygurca açıklama

پ ① توسۇپ تۇرغان توساقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويماق ياكى ئېلىپ تاشلىماق : پەردىنى ئاچماق . يول ئاچماق . * قورقما ، ھەي زۆرەم ! مەن سادىق ، ئىشىكنى ئاچ . ② ئورالغان ، يېپىلغان ، چىگىلگەن ، كۆمۈلگەن نەرسىلەرنى شۇ ھالەتتىن خالىي قىلماق : ساندۇقنى ئاچماق . قۇلۇپنى ئاچماق . ئورىنى ئاچماق . * ئون قەدەم ئالدىدا كېتىۋاتقان ئايال ئارقىسىغا قاراپ ، بېشىدىكى پەرەنجىسىنى ئېچىپ بىر قارىدى - دە ، يەنە گەپ قىلماي ئالدىغا قاراپ كېتىۋەردى . ③ قاتلانغان ، يىغىلغان ، پۈكۈلگەن ، پوملانغان نەرسىلەرنى يايماق ، كەرمەك : كىگىز ئاچماق . قۇچاق ئاچماق . * ئانار ئۆزىمۇ ئانىسى ئېلىپ چىققان داستىخاننى ئېچىپ ، ئانىسىغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇردى . ④قۇرۇپ ، ياساپ ، پۈتتۈرۈپ ئىشقا چۈشۈرمەك ، پائالىيەت باشلىماق : مەكتەپ ئاچماق . دۇكان ئاچماق . ⑤ نەرسە ، ۋەقە ، ھادىسە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ماھىيىتى ، خۇسۇسىيىتىنى ، سىرىنى ئاشكارىلىماق ؛ ئېنىقلىماق ، يەشمەك : تەبىئەتنىڭ سىرىنى ئاچماق . ئەپت - بەشىرىسىنى ئاچماق . زىددىيەتلەرنى ئاچماق . ⑥ بىرەر نەرسىنىڭ ھەرىكىتىگە يول بەرمەك ؛ باشلىماق ، ئاققۇزماق : گەپ ئاچماق . سۆز ئاچماق . سۇ ئاچماق . ⑦ ئۆزلەشتۈرمەك ، پايدىلانغۇدەك قىلماق ، ئىشقا كىرىشتۈرمەك : يەر ئاچماق . كان ئاچماق . نېفىتلىكنى ئاچماق . ⑧ كۆپچىلىكنى بىريەرگە يىغىپ مۇزاكىرە قىلماق ياكى بىرەر ئىشنى ، مەقسەتنى ئۇقتۇرماق : مەجلىس ئاچماق . ⑨ خۇشال قىلماق ، شادلاندۇرماق : ئۇلار ئوۋ ئوۋلاپ ، سەيلە - تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىپ باشقا يەرگە يۈرۈپ كېتىپتۇ . ⑩كۈچەيتمەك ، راۋاجلاندۇرماق ، ئۆستۈرمەك : كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ زېھنىنى ئېچىپ ، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ . ⑪ماڭدۇرماق ، ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك : رادىئونى ئاچماق . تېلېۋىزورنى ئاچماق . ⑫ھۆسنىگە ھۆسن قوشماق ، گۈزۈللەشتۈرمەك : ئىران نۇسخىلىق يېڭى گىلەم ئۆينى بەك ئچېىپتۇ .

Diğer eşleşmeler

ئاچماق kelimesini gerçek metinlerde öğrenin

Ücretsiz bir hesapla kütüphanedeki herhangi bir kelimenin üzerine gelerek anlamını görün, sesli okunuşunu dinleyin, kelimeleri hafızanıza göre zamanlanan tekrarlar için kaydedin ve her kitabın ne kadarını zaten bildiğinizi görün.

Ücretsiz hesap oluştur
Kelimeler, anlamlar ve örnekler lughet'in Uygurca–İngilizce sözlüğünden alınmış olup sahibinin izniyle kullanılmaktadır. Bu sözlük FluentPlex tarafından hazırlanmıştır.