FluentPlex

تىل

Latin: til noun A1
  1. tongue (in the body) · ئۇ تىلىنىڭ ئۇچىدا بەرگەن ۋەدە this is a promise he did not mean· پەزىۋاتتىن تىلنى يارىدىغان قوغۇنلىرى چىقىدۇ very sweet melons come from Peziwat· ئۇنىڭ تىلىنى قىسقا قىلىۋالىمەن! I'll make him keep quiet!
    • تىلنىڭ ئۇچى the tip of the tongue
    • تىلىمنىڭ ئۇچىدا بار (تۇرىدۇ) it's on the tip of my tongue
    • تىلىنىڭ ئۇچىدا دەپ قويماق (i) to say casually, to say unthinkingly; (ii) to say perfunctorily, to say but not mean
    • تىلىنى تارتماق to shut up, to hold one's tongue
  2. words, what is spoken · ئۇ ئۆزىنى تىلىدا »مەن پادىشاھ« دېدى he said in his own words "I am king"· ئۇنىڭ ئالدىدا تىل تۇتۇقلۇقۇم يوق I've nothing to be blamed for, nothing to be ashamed of, before him (for what I have said)· ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىر، ھازىر تىلىدىن قالدى he's very ill, he can't even talk now
    • ئۇلارنىڭ تىلى بىر they have agreed beforehand (about this -could be good, bad)
    • تىل بىرىكتۈرمەك (i) to collude (in crime, bad purpose); (ii) to collude in evidence (in court)
    • تىل ياغدۇرماق to rain down words - to pour out abuse
    • تىلىنىڭ تېگىدە تىلى بار (ساقلىغان) he's double-talking, not direct, devious, he's got ulterior motives
  3. tongue, language · ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىلى يېقىن تىللار Uyghur and Kazak are related languages· ئۇ ئۈچ تىلدا سۆزلىشەلەيدۇ he can speak three languages· ئۇ ئۈچ تىلنى سۆزلىشەلەيدۇ he can speak three languages
    • ئانا تىلى mother tongue
    • چەتئەل تىلى a foreign language
    • ئەدىبي تىلى literary language
    • تىل فاكۇلتېتى the language department
  4. curse(s), oath(s), (bad) words · ئۇ ياسىننى ئېيتقۇسىز تىللار بىلەن ھاقارەتلىدى he cursed Yasin with unspeakable words
    • تىل ئاڭلىماق (ئىشىتمەك) (i) to be cursed; (ii) to be scolded
    • تىل سالماق to curse
    • تىل تەگكۈزمەك to speak against, abuse, slander, hurt with words
    • تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭۈكتىن (prov.) a stick cuts the flesh, a tongue the bone - bad words hurt more than blows
  5. a prisoner captured to get information
    • تىل تۇتماق to capture an prisoner for information
  6. a pointer (watch, etc.)
    • سائەتنىڭ تىلى the pointer of a watch
    • كومپاس تىلى the needle of a compass
  7. a mouthpiece · بىزنىڭ گېزىتىمىز خەلقنىڭ تىلى our newspaper is the mouthpiece of the people
  8. a reed (in a musical instrument), a spring
    • كۇلۇپنىڭ تىلى the spring in a lock
    • ئېغىز گارموننىڭ تىلى the reeds of a mouth organ
  9. a key (of a musical instrument)
    • گارموننىڭ تىلى (i) the keys of the harmonica; (ii) the reeds of a harmonica
    • پىيانونىڭ تىللىرى the keys of the piano
  10. the knack, key (to doing something) · ئۇ سازىنىڭ تىلىنى بىلىدۇ he has mastered the playing of instruments· ئۇ دوختۇرلۇكنىڭ تىلىنى بىلىدۇ he is a master of medicine· ئۇ ماشىنىنىڭ تىلىنى بىلىدۇ he's got a grasp of machinery
+ Save to review

Forms

تىللار
plural
تىلى
his, her, their
تىلىمغا
my · to (⁨-غا⁩)
تىلدا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

ئى <ئانات > ①تېتىش ، چايناش ، تەلەپپۇز قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئەزا . ئۇ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاستى قىسمىدا بولۇپ ، ئۇنىڭ تۈۋ قىسمى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئاستىغا تۇتاشقان . ② ھايۋانلارنىڭ گۆش ئورنىدا يېيىلىدىغان ئاشۇنداق ئەزاسى . ③ ئىنساننىڭ ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گەپ-سۆزى : گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى ئۇقار (ماقال) . * دىلى بىرنىڭ تىلى بىر (ماقال) . < ④تىل> ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە بىر - بىرىنى چۈشىنىش قورالى . تىل تاۋۇشى ، لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىدىن تەركىب تاپقان بىر سىستېما : ئۇيغۇر تىلى . خەنزۇ تىلى . ⑤ نۇتۇقنىڭ ئۆزىگە خاس ۋاسىتىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن تۈرى ، ئۇسلۇبى : ناۋايىنىڭ قولى تۇتقان قەلەمدۇر ، ئۇنىڭ ھەربىر تىلى بىر ئىشق-ئەلەمدۇر . ⑥ ئاغزاكى مەلۇمات ، پاكىت : مەنسۈرنىڭ ھېلىقى ماتېرىيالى ياخشى رەتلەنگەنغۇ-ھە ، چەت ئەلنىڭ خېتى ، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات ماتېرىياللىرى - مانا بۇلار بىزنىڭ تىلىمىز! ⑦ كۆچمە . باشقىلارنى ھاقارەتلەپ قىلغان سۆز ، ئاھانەت : تۆتەيلەن تىلنىڭ دەستىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قالدى . ⑧ كۆچمە . بىرەر ئەسۋابنىڭ ئېسىلىپ ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئۇچلۇق قىسمى : سائەتنىڭ تىلى . ⑨ مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس پىكىر قىلىش ، سۆزلەش ئادىتى : دېھقانلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ، بۇ تېرىماي ئورىمەن دېگەنلىك . ⑩ بىرەر نەرسە ، كەسىپ ، ئىشنىڭ ماھىيىتى ، سىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋاسىتە ، ئۇسۇل ، چارە : بۇ قورالنىڭ تىلىنى مەنلا بىلىمەن . ⑪ قارماقنىڭ ئۇچىغا قارىمۇقارشى چىقارغان ئىلمىكى : قارماقنىڭ تىلى چىقىرىلمىغاچقا ، ئى-لى-نگەن بېلىق يەنە قېچىپ كەتتى . ⑫ ئاككوردىيون ، پىئانىنو ۋە باشقىلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، قولدا بېسىش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان كىچىك كۇنۇپكا : ئاككوردىيوننىڭ تىلى .

From the library

دوستلىرىم ھەر خىل تىللاردا سۆزلەيدۇ.
تاغامنىڭ قىزىغا خەت, p. 1
ئىنگلىز تىلىڭ تېز ياخشىلانمايدۇ، دەرسلەردە بەزىدە ھېچنېمە چۈشەنمەي ئولتۇرىسەن.
ياش ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمگە خەت, p. 1
سىلەر كۇتۇپخانىدا بىللە كېچىلەپ ئوقۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئۆز تىلىڭلارنى ئۆگىتىسىلەر.
ياش ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمگە خەت, p. 1
ئۈچىنچى، ئەڭ مۇھىم گېپىم: تىلىڭنى ساقلا.
ياش ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمگە خەت, p. 1

Learn تىل in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.