قايتماق
Latin: qaytmaq verb A1-
to return, to go (back)
· مەن قايتسام بولغىدەك I think I should be going back, it seems I should be going
- ئۆيگە قايتتى he returned home
- to bounce back, to rebound, to come back (off) · ئۇ توپنى كۈچ بىلەن تېپپىۋېدى، ۋارتانىڭ ئۈستۈنكى ياغىچىغا تېگىپ كەينىگە قايتتى he hit the ball strongly, it hit the crossbar and bounced back· تاملاردىن قايتقان جاراڭلىق ئەكس سادا the sound echoing back off the walls
- to return to original state, to be as before, to recover (a state) · ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلسا، ياخشىلىقىمغا قايتىمەن if my request is accepted, I will recover my former prosperity
-
to become cold, to disappear (emotions, affections)
- دىلى قايتماق to cease to love, to change one's mind about smb.
- ئىخلاسى قايتماق to lose faith, to lose confidence
-
to abandon, to give up
- پىكرىدىن قايتماق to change one's mind, to abandon one's opinion
- نىيىتدىن قايتماق to change one's mind, to abandon one's intention
-
to disappear, to subside, to lessen, to decrease
- ئىسسىقى قايتماق his "internal heat" subsided
- ئىششىقى قايتماق his inflammation subsided
- ئۇنىڭ ئاچچىقى قايتتى his anger subsided
-
to come back unsold (goods)
- قايتقان مالدا بېرىكەت بار (prov.) there is a blessing in goods that have come back
Forms
- قايتىمەن
- present-future · I (مەن)
- قايتتى
- past · he, she, they (ئۇ)
- قايتىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- قايتمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① ئەسلى كەلگەن ياكى تۇرغان يېرىگە بارماق ، دەسلەپكى يېرىگە كەلمەك : ئۆيگە قايتماق . ② بىرەر نەرسىگە تېگىپ يانماق : ئۇ توپنى كۈچ بىلەن تېپىۋېدى ، ۋارىتانىڭ ئۈستۈنكى ياغىچىغا تېگىپ كەينىگە قايتتى . ③ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلمەك ، بۇرۇنقى ھالىتىگە ئوخشاش بولماق : ناۋادا ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلسا ، مەن 20 نەچچە يىللىق بۇرۇقتۇرمىلىقنى ئاخىرلاشتۇرىمەندە ، ياشلىقىمغا قايتىمەن . ④ كۆچمە . يانماق ، سوۋۇماق : دىلى قايتماق . كۆڭلى قايتماق . ⑤ كۆچمە . ۋاز كەچمەك ، يانماق : پىكرىدىن قايتماق . نىيىتىدىن قايتماق . خاتا يولدىن قايتماق . ⑥ كۆچمە . كەتمەك ، يوقالماق ، تۈگىمەك : ئىسسىقى قايتماق . ئىششىقى قايتماق . * ئۇنىڭ ئاچچىقى قايتتى . ⑦ سېتىلىپ تۈگىمەي ئېلىپ كېلىنمەك (تىجارەت ھەققىدە) : قايتقان مالدا بەرىكەت بار (ماقال) .
From the library
ئۇ ئۆيىگە قايتماقچى بولغاندا، خوجايىنى ئۇنىڭدىن: «ئىش ھەققىڭنى ئالامسەن، ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا ئۈچ ئېغىز نەسىھەت ئالامسەن؟» دەپ سوراپتۇ.
Learn قايتماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.