ئوينىماق
Latin: oynimaq verb A1-
to play, to enjoy oneself, to have a good time
· بالىلار سىرتتا ئويناۋاتىدۇ the children are playing outside· شەھەرنى ئايلىنىپ ئويناپ كەلمەك to saunter round the city, have a stroll round the city· ياخشى ئويناپ كەلدىڭىزمۇ؟ did you have a good time?
- ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە (prov.) think before you speak in jest
-
to play at (something), enjoy oneself in/at (smth.)
· ئۇلار ئۇسسۇل ئوينىدى they performed a dance· ئۇلار كىم بىلەن ئوينايدىكەن who are they playing against?
- ئۇسسۇل ئوينىماق to dance
- شاخمەت ئوينىماق to play chess
- توپ ئوينىماق to play ball
- قارتا ئوينىماق to play cards
-
to perform, do
- ئويۇن ئوينىماق to put on, perform, a play
-
to flirt, commit adultery, to philander
· ئۇ باشقا بىرسى بىلەن ئينايدۇ he's fooling with someone else, having an affair
- قىزلار ئوينىماق to trifle with girls
- to dance · سىز دائىم ئويناپ تۇرامسىز؟ do you often dance?
- to jump, skip · يۈرىكىم ئويناپ كەتتى my heart skipped a beat· كۆزى ئويناپ كەتتى his eyes were dancing (with excitement, happiness)· خۇشاللقىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كېتىپتۇ his eyes were dancing with happiness
-
to fulfil, play
- مۇھىم رول ئوينىماق to play, fulfil, an important role
- to play with, play around with · تاڭ شامىلى مەن بولسام، ئوينار ئىدىم چېچىڭنى if I had been the dawn wind, I would have ruffled your hair
Forms
- ئوينايمەن
- present-future · I (مەن)
- ئوينىدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- ئويناۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- ئوينىمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① ئارام ئېلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن مەلىكە بولۇپ ۋاقىتنى ئويۇن-كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزمەك ؛ ئەركىن ھالدا ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىپ كۆڭۈل ئاچماق : قازىنىڭنىڭ قاينىشىغا باق ، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باق (ماقال) . * كۆڭلۈڭ رەنجىسە ، كۈلۈپ ئوينا (ماقال) . ② ئۇسسۇل ، تانسا ، ھەر خىل تەنھەرىكەت تۈرلىرى قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق ، بېجىرمەك : تۆگە ئۇسسۇل ئوينىسا ، يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار (ماقال) . ③سەھنە ئەسەرلىرى ياكى ئالدىن بەلگىلەنگەن بىرەر ئىش- ھەرىكەتتە مەلۇم بىر پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالماق ، شۇنىڭ رولىدا چىقماق : ئۇ بۇ درامىدا قازىنىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى . ④ شوخ ، يېقىملىق ھەرىكەتلەنمەك ؛ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك قىلىق- ھەرىكەتلەرنى قىلماق : تاشۋاينىڭ بارماقلىرى راۋاب پەدىلىرى ئۈستىدە ئوينايتتى . ⑤ بىرەر نەرسىنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەزالار بىلەن تۈرلۈك شەكىلدە ھەرىكەتلەندۈرمەك ، مىدىرلاتماق : ئۇ گەپ قىلماستىن چېچىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ يەرگە قاراپ تۇراتتى . ⑥ كۆچمە . ئۇرغۇماق ، مەۋج ئۇرماق ، كۈۋەجىمەك : ۋۇجۇدىمىز گاڭ پولات ، غەيرەت دېگەن يۈرەكتە . غەيرەت بولغاچ يۈرەكتە ، كۈچ ئوينايدۇ بىلەكتە . ⑦ كۆچمە . ئەكس ئەتمەك ، جىلۋە قىلماق ، ئىپادىلەنمەك : ئەنۋەر بىردىنلا جانلىنىپ لەۋلىرىدە كۈلكە ئوينىدى . ⑧ كۆچمە . يات جىنستىكىلەر بىلەن خۇپىيانە ھالدا بىللە بولماق ، يوشۇرۇن ئۇچرىشىپ كۆڭۈل ئاچماق ، شەھۋانىي قىلىق- ھەرىكەتلەرنى قىلماق : ئۇ بىر دېدەكنى ئويناپ قويۇپ ، دېدەكنىڭ بويىدا قالغاندىن كېيىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىۋالغان .
From the library
ئۇلار پۇتبول ئوينىدى.
ئۇلار بىر سائەت ئوينىدى.
يولدا پەرھات «ئەتە يەنە ئوينايمىز!» دېدى.
بەزى ئادەملەر چاۋاك چېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى.
Learn ئوينىماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.