بۇيرۇماق
اللاتينية الأويغورية: buyrumaq فعل B1-
أَرْسَلَ، بَعَثَ
- ئىشقا بۇيرۇماق to send to do a job
-
أَمَرَ، أَوْصَى
· ئۇ بىزنى تاڭ سەھەر يولغا چىقىشقا بۇيرۇدى he ordered us to leave at dawn· بىراۋنى مەلۇم بىر ئىشقا (خىزمەتكە) بۇيرۇش to order smb. to do smth.· ئۇ ئۇكىسىنى كەل دەپ بۇيرۇپتۇ he commanded his brother to come
- بۇيرۇڭ! as you order!
- طَلَبَ (إِحْضَارَ شَيْءٍ) · بىز تاماقنى؟؟ بۇيرۇۋەتتىق we ordered food· پادىشاھ قاتىلنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، ئۇنىڭ مال-دۇنياسىنى دات بېگىمگە بۇيرۇپ بېرىپتۇ the king ordered the murderer to be executed, and his goods to be given to Dat Beg
الصيغ
- بۇيرۇيمەن
- المضارع والمستقبل · أنا (مەن)
- بۇيرۇدى
- الماضي · هو، هي، هم (ئۇ)
- بۇيرۇۋاتىمىز
- يفعل الآن · نحن (بىز)
- بۇيرۇمايدۇ
- المضارع والمستقبل · نفي · هو، هي، هم (ئۇ)
بالأويغورية
پ ① بىرەر ئىشنى قىلىشقا ، بېجىرىشكە بۇيرۇق بەرمەك ؛ تاپشۇرماق ؛ تاپىلىماق : ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا ، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ (ماقال) . ② ھۆكۈم قىلماق ، ھۆكۈم چىقارماق : خەلىپە ھارۇن رەشىد ئۇنى شۇ يەردە ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ . ③ بىرەر ئىشنى ئالدىن ھاۋالە قىلماق ، زاكاز قىلماق ، بۇيرۇتماق : گۈلخېنىم شەرىخانغا بىر دوپپا بۇيرۇغانىدى . ④ قانۇنىي يول بىلەن ئىگىلىكىدە ، تەۋەلىكىدە قىلىپ بەرمەك : ئېگىچە - سىڭىللار : - بولمىسا ، قازىغا بارىمىز ، قازى قايسىبىرىمىزگە بۇيرۇپ بەرسە يىگىت شۇنىڭ بولىدۇ ، - دەپ دىۋىلەرنىڭ قازىسىغا بېرىپتۇ . ⑤ مەلۇم ئىشنى قىلىش ياكى مەلۇم بىرىنى قىلماسلىقنى ۋەسىيەت قىلماق ، يېزىپ بەرمەك (دوختۇر ، تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ھەققىدە) : دورا بۇيرۇماق . ⑥ بىرەر ئىش ، تاپشۇرۇق بىلەن ئەۋەتمەك : مۇزەپپەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، بىزنى شۇ كۈنىلا تاغقا بۇيرۇدى . ⑦ نېسىپ بولماق ، نېسىپ قىلماق : يۈگۈرگەن قالار ، بۇيرۇغان ئالار (ماقال) . * بۇيرۇسا بالا ، بۇيرۇمىسا بالا (ماقال) .
من المكتبة
ياش ئائىلىلەر بەزىدە ئۆيدە قازان ئاسماي، تاماقنى ئاشخانىدىن بۇيرۇيدۇ، بەزىلەر بولسا مېھماننى ئۆيدە ئەمەس، ئاشخانىدا كۈتۈۋالىدۇ.
تعلّم بۇيرۇماق في نصوص حقيقية
مع حساب مجاني، مرّر المؤشر فوق أي كلمة في المكتبة لترى معناها، واستمع إليها مقروءة بصوت عالٍ، واحفظ الكلمات لمراجعتها في مواعيد تناسب ذاكرتك، واعرف مقدار ما تعرفه من كل كتاب.