FluentPlex

پىششىق

Latin: pishshiq adjective A2
  1. ripe, mature
    • پىششىق تاۋۇز a ripe melon
  2. cooked, ready
    • پىششىق ئاش cooked food, food ready to eat
  3. (fully) baked, baked hard, set
    • پىششىق خىش a brick fully baked
  4. cultivated
    • پىششىق يەر cultivated land
  5. well
    • ئىشنى پىششىق قىلماق to do something properly
  6. good at · ئۇ رۇس تىلىغا پىششىق he's good at Russian· بۇ ھېكايەىنىڭ تىلى پىششىق ئەمەس · ئۇ چەتئەل تىللىرىدىن بىر نەچچىنى پىششىق بىلىدۇ
    • قوغۇن پىششىقىدا تۇغۇلاغان بالا a child born during the melon season (an old way of recording time)
    • تېكىستنى پىششىق ئوقۇماق
    • كەسىپكە پىششىق
  7. used to, versed in, intimate (with) · ئۇ شۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ he knows the situation there extremely well, intimately
    • ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق to be used to the housework
  8. solid, firm, secure, sturdy, durable
    • پىششىق ئارغامچا a sturdy rope
    • پىششىق رەخت durable cloth
  9. stingy, miserly
    • پىششىق ئادەم (i) a mature, well-versed person; (ii) a miserly person
  10. added after the name of a crop, signifying the period of ripeness · قوغۇن پىششىقىدا تۇغۇلغان بالا a child born when the melons were ripe
+ Save to review

Forms

پىششىقلار
plural
پىششىقى
his, her, their
پىششىقىمغا
my · to (⁨-غا⁩)
پىششىقتا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

① سۈپ . پىشىپ يېتىلگەن ، پىشقان (مېۋە-چېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە) : پىششىق تاۋۇز . * پەتتار بوۋاي ، نەۋرىسى ئەكىرىپ بەرگەن پىششىق قوغۇننى كاسا قىلىپ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى . ② سۈپ . پىشۇرۇلغان ، خام ئەمەس ، پىشقان : پىششىق خىش . پىششىق گۆش . ③ سۈپ . كۆچمە . بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى قىلىشقا ماھىر ، ئۇستا : - ئۇ كەسىپتە پىششىق ، سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى ، ئۇ خۇددى تۇپا ئاستىدا بېسىلىپ قالغان ئالتۇن ، - دېدى . ④ رەۋ . پۇختا ؛ مۇكەممەل ؛ تولۇق ؛ راۋان ؛ ياخشى : يېرىم سائەتتىن كېيىن بالىلار بۇ ناخشىنى خېلى پىششىق ئۆگىنىۋالدى . ⑤ سۈپ . يىپتىن - يىڭنىسگىچە ، تەپسىلىي ، تولۇق : يېزا باشلىقى بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان دېھقانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ چىقتى . ⑥ سۈپ . كۆچمە . مول-ھوسۇللۇق ، مۇنبەت : پىششىق يەر . ⑦ سۈپ . كۆچمە . باشقىلارغا بىرنەرسە بەرمەيدىغان ؛ بېخىل : پىششىق ئادەم . ⑧ سۈپ . كۆچمە . پۇختا ، مۇستەھكەم ، چىداملىق ؛ ئوڭاي-ئاسان ئۈزۈلمەيدىغان ، يىرتىلمايدىغان ؛ بەك : پىششىق رەخت ، پىششىق ئارغامچا . ⑨ سۈپ . كۆچمە . ئورۇنلۇق ، مەزمۇنلىق : سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى ، ئاشنىڭ ئىسسىقى ياخشى (ماقال) .

Learn پىششىق in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.