FluentPlex

داغ

Latin: dagh noun B1
  1. a mark, spot · ئۇنىڭ يۈزىدە قارا دېغى بار he has a black mark on his face
  2. stain, dirt, filth · بۇ كىيىمدە ماي دېغى بار there is a grease stain on the dress
    • قان دېغى a blood stain
  3. a pregnancy mark; birth mark (?)
  4. a sunspot
  5. a stain, a blot, a smear (on smb.'s character) · قىز ئۇنى داغدا قويدى his girl's ditched him
    • داغ چۈشمەك (i) to get a birth mark ; (ii) to give rise to doubts, to be doubtful
    • كۆڭۈلگە داغ چۈشمەك to have suspicions, to be suspicious
    • داغ سۇ (i) plain boiled water; (ii) cold water
    • داغ تەگمەك (i) to get stained; (ii) to corrupt; to besmirch, to disgrace (smb.'s reputation)
+ Save to review

Forms

داغلار
plural
دېغى
his, her, their
دېغىمغا
my · to (⁨-غا⁩)
داغدا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

ئى [پ] ①نەرسىلەرنىڭ يۈزىدە باشقا رەڭدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە جاي : قۇياش دېغى . ②نەرسىلەرنىڭ باشقا ماددىلار تېگىپ بۇلغانغان جايى : ياش دېغى . قولىمىز ئاھۇزار ئىچىدىكى خەلقنىڭ قېنىغا مىلەنگەن ، بىزنىڭ يەۋاتقان ، كىيىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇ قاننىڭ داغلىرى بار . ③يارا ئىزى ، جاراھەت ئىزى : ئايشەمنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقايدى . پەقەت پېشانىسىنىڭ سول تەرىپىدە بىلىنەر - بىلىنمەس داغ پەيدا بولدى . ④ كۆچمە . ئەيىب ، نۇقسان ، گۇناھ : ئۆزىدە قىلچە داغ يوق دەپ قارايدىغانلار ، ئەمەلىيەتتە ، ئەڭ پاسكىنا ئادەملەر بولۇشى مۇمكىن . ⑤كۆچمە . ئۆتمۈشكە مەنسۇپ ئىللەتلەرنىڭ رېئاللىقتىكى قالدۇقى : كونا جەمئىيەتنىڭ داغلىرى . ⑥كۆچمە . كىشىنى نومۇس - بەتنامغا قويىدىغان ، نامىنى بۇلغايدىغان ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز : نومۇس دېغى . * ياخشىدىن باغ قالىدۇ ، ياماندىن داغ قالىدۇ (ماقال) . ⑦كۆچمە . ئېغىر مۇسىبەت ، قايغۇ-كۈلپەت ، جۇدالىق - ھىجران ، ئىشق - مۇھەببەتتىن كۆڭۈلدە قالغان دەرد - ئەلەم ؛ ھەسرەت : سىزنىڭ چەكسىز بەختكە تەلپۈنگەن قەلبىڭىزدە ئارمان ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەس دېغىلا قالىدۇ .

Learn داغ in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.