بۇزماق
拉丁字母:buzmaq 动词 B2-
打破,拆毁,拆除
- كونا ئۆينى بۇزماق to pull down an old house
- تام بۇزماق to demolish a wall
-
损坏,破坏,毁坏
- مۇناسىۋەتنى بۇزماق to break off relations
-
打扰,打断
· پۇلنى بۇزماي قويسىڭللارچۇ! don't waste your money!
- ئۇيقۇنى بۇزماق to disturb one's sleep
- جىمجىتلىقنى بۇزماق to shatter the silence, to disturb the peace
- بۇزۇپ چاچماق to waste, to use extravagantly
- پۇلنى بۇزۇپ چاچماق to throw money away, to waste money
词形
- بۇزىمەن
- 现在将来时 · 我(مەن)
- بۇزدى
- 过去时 · 他、她、他们(ئۇ)
- بۇزۇۋاتىمىز
- 现在进行时 · 我们(بىز)
- بۇزمايدۇ
- 现在将来时 · 否定 · 他、她、他们(ئۇ)
维吾尔语释义
پ ① بىر يۈرۈش ياكى بىر پۈتۈن نەرسىنى پارچىلىماق ، چۇۋۇماق ، سۆكمەك ، ئاغدۇرماق ، ۋەيران قىلماق ، كېرەكتىن چىقارماق : ئۆينى بۇزماق . ماشىنىنى بۇزماق . ② يوق قىلىۋەتمەك ، يوقاتماق : ئۇ شىمىنىڭ قىرىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن تىزىنى ئۈستىگە سەل تارتىپ ئاۋايلاپ ئولتۇردى . ③ يارامسىز ، لايىقسىز ، سۈپەتسىز قىلىپ قويماق ؛ ئەپلەشتۈرەلمەي قالماق : ئۇ تۇزنى تەڭشىيەلمەي ، ئاشنى بۇزۇپ قويۇپتۇ . ④ ھەقىقەتتىكىدىن ، ئەسلىدىكىدىن باشقىچە قىلىپ ئىپادىلىمەك (گەپ - سۆز ھەققىدە) : ئۇ يېتىپ كېلىپ نادەمنىڭ مەيدىسىگە نوقۇپ : - ما ياققا ماڭ ، بىزنىڭ سەينى ئالىدۇ مەن پۇل بېرىدۇ ، - دېدى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەپ . ⑤ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ، كەيپىياتنى ، ھالەتنى ئۆزگەرتمەك ؛ دەخلى قىلماق : تىنچلىقنى بۇزماق . جىملىقنى بۇزماق . تەلەتىنى بۇزماق . ⑥ ماس كەلمەي قالماق ، نۇقسان يەتكۈزمەك : يېڭى سېلىنغان بىنالار ئارىسىدىكى بۇ قەدىمىي ئۆيلەر قورۇنىڭ يېڭىچە ھۆسنىنى بۇزۇپ تۇراتتى . ⑦ بەربات قىلماق ، بىكار قىلماق ، يوققا چىقارماق : پىلاننى بۇزماق . * ئىشنى يەنىلا نۇرمۇھەممەت بۇزدى . ⑧ رىئايە ، ئەمەل قىلماي ، خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماق : قانۇننى بۇزماق ، ۋەدىنى بۇزماق . ⑨ سوغۇقچىلىق چۈشۈرۈپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلماق ؛ يامانلاشتۇرماق ، چاتاقلاشتۇرماق ، ئايرىۋەتمەك : ئارىنى بۇزماق . ئائىلىنى بۇزماق . * يامان ھارۋا يول بۇزار ، يامان ئادەم يۇرت بۇزار (ماقال) . ⑩ئەسلىدىكى چەكنى بۆسۈپ ئۆتمەك ؛ ھالقىماق : رېكورتنى بۇزماق . ⑪ روھىي جەھەتتىن چىرىتمەك ؛ توغرا يولدىن ئازدۇرماق ؛ ئاينىتماق : چاقنى بۇزغان خانىسى ، قىزنى بۇزغان ئانىسى (ماقال) . ⑫ ئىپپەت - نومۇسىنى دەپسەندە قىلماق ، ئىپپەت - نومۇسىغا تەگمەك ، ئاياغ ئاستى قىلماق (قىزلار ھەققىدە) : نامەتنىڭ پۇل بىلەن ياش قىزلارنى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىيالغا ئاساسەن يېقىندا ساقچى ئىدارىسى ئۇنى قولغا ئالدى . ⑬ بىھۇدە سەرپ قىلماق ، ئىسراپ قىلماق ، زايە قىلماق : پۇلنى بۇزماق .
在真实文章中学习بۇزماق
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。