كەچمەك
Latin: kechmek verb B1-
to wade through, to wade across, to trample through
· مەن كېچىكتىن كېچىپ ئۆتۈپ يۈردۈم I waded across the ford· ئۇ دەريادىن سۇ كېچىپ ئۆتتى he waded across the river· بىز دەريانى كېچىپ ئۆتتۇق we waded across the river
- سۇ كەچمەك to wade through the water
- سۇ كېچىپ ئۈتتى he waded through the water
- قار كەچمەك to wade through the snow, to trample through the snow
- دەريانى (دەريادىن) كەچمەك (كېچىپ ئۆتمەك) to cross a river
-
to experience, to go through
· سۈزۈك ئەييامى ئۆمرۈڭدە نە كۈنلەر كەچتى بېشىڭدىن؟ when did you have clear days of happiness in your life?
- باشتىن كەچكەن ئىشلار past experiences
-
to abandon, to give up
- خام خىيالدىن كەچمەك to give up one's illusions
- شۆخسىي نەپسىدىن كەچمەك to give up one's selfish desires
- بېخىل جېنىدىن كېچەر، مېلىدىن كەچمەس (prov.) the miser may give up his life, but he'll never give up his possessions
- جاندىن كەچمىگۈچە جاھانغا يەتمەس (prov.) you'll never see all there is to see in this world
-
to forgive
· ئۇنىڭ گۇناھىدىن كەچتىم I've forgiven (him) his sin
- جاندىن كەچمەك to lay down oneغ s life
- گۇناھىدىن كەچمەك to forgive someone's wrongs
- to be, to be found · قاراڭغۇ لەھەت ئىچىدە، نە كەچتى ھالىم مېنىڭ؟ in the curse of darkness, where is my strength (gone)?
Forms
- كېچىمەن
- present-future · I (مەن)
- كەچتى
- past · he, she, they (ئۇ)
- كېچىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- كەچمەيدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① سۇغا ئوخشاش سۇيۇق ياكى قار ، قۇمغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەرنى يېرىپ ماڭماق ، شۇنداق نەرسىلەر ئۈستىدىن دەسسەپ ئۆتمەك : قاتمۇقات ئېدىرلار ئارىسىدا ئىككى كىچىك يولۇچى قار كېچىپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى . ② كۆچمە . پەيدا بولماق ، ھاسىل بولماق ؛ ئۆتمەك (خىيال ، كۆڭۈل ، مېڭە ، پىكىر قاتارلىقلاردىن) : ئابدۇرېھىمنىڭ كۆڭلىدىن «ئەمدى مۇسا تاغامغا نېمە دەيمەن؟» دېگەن ئاچچىق پۇشايمان كەچتى . ③ كۆچمە (پىكىر ، نىيەت ، مېھىر ، جان ، مەنپەئەت قاتارلىقلاردىن) ئۈمىدىنى ، ئالاقىسىنى ، مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەك ، تەرك ئەتمەك ، ئايرىلماق : بېخىل جېنىدىن كېچەر ، مېلىدىن كەچمەس (ماقال) . * جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس (ماقال) . ④ ئۆتمەك ، ئەپۇ قىلماق ، سالاۋات قىلماق (خاتالىق ، گۇناھ قاتارلىقلار ھەققىدە) : - گۇناھىمىزدىن كەچسىلە ئىكەن ، - دەپتۇ كېنىزەكلەر يەرنى سۆيۈپ . - كەچتىم ، - دەپتۇ پادىشاھ بېشىنى لىڭشىتىپ . ⑤ كۆچمە . بولماق ، يولۇقماق ، ئۇچرىماق : بارغانلاردىن ، يانغانلاردىن سېنى سورايمۇ؟ سېنىڭ ھالىڭ نە كەچتى دەپ ئۆزۈم بارايمۇ؟
Learn كەچمەك in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.