قارلۇق
Latin: qarluq noun C2- the Karluke, a branch of the Turkish (Tujue) people in ancient China
Forms
- قارلۇقلار
- plural
- قارلۇقى
- his, her, their
- قارلۇقۇمغا
- my · to (-غا)
- قارلۇقتا
- in, at (-دا)
In Uyghur
ئى <ئىرق> قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى . Ⅳ ،Ⅴ ئەسىرلەردە ئالتاينىڭ غەربىدە ، چارىش دەرياسى بويلىرىدا ياشىغان ، Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىملىرىغا ، زەيسان كۆلى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن . Ⅵ ،Ⅶ ئەسىرلەردە تۈرك خاقانلىقى تەركىبىگە كىرگەن ، Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەتتىسۇ تېررىتورىيىسىگە كېلىپ جايلىشىپ ، Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ يەردە قارلۇق دۆلىتىنى قۇرغان . Ⅹ ئەسىردە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىن ئورۇن ئالغان . قاراخانىيلار Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ماۋەرائۇننەھرىنى ئىگىلىگەندە ، قارلۇقلار تاشكەنت ، فەرغانە ۋە زەرەپشان دەريا ۋادىلىرىغا كۆچكەن . Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرلىك تۈركىي خەلقلەر تەركىبىگە سېڭىپ كەتكەن .
Learn قارلۇق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.