ئۆزلەشمەك
Latin: özleshmek verb C1-
to get used to, adjust to
- يېڭى شارائىتقا ئۆزلەشمەك to adjust to new conditions
- to be acquired, learned · بۇ بىلىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەشتى the students have acquired this knowledge
- to be assimilated, absorbed · بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن this word has been assimilated into Uygur
Forms
- ئۆزلىشىمەن
- present-future · I (مەن)
- ئۆزلەشتى
- past · he, she, they (ئۇ)
- ئۆزلىشىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- ئۆزلەشمەيدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① ئۆز كىشىسى بولۇپ قالماق ، ناھايىتى ئىناق ، يېقىن بولۇپ كەتمەك : شائىر دۇكاندارنىڭ سەمىمىي پۇزىتسىيىسىگە قاراپ ئوڭايلا ئۆزلىشىپ قالدى . ② يەرلىشىپ قالماق ، سىڭىشمەك : ئۇ ھاردۇقى چىقىپ ئۆزلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدى . ③ ئېڭىغا كىرمەك ، مېڭىسىگە ئورناشماق ، چۈشىنەرلىك بولماق ؛ سىڭمەك ، سىڭىپ كىرمەك : دەرس ئۆزلەشمەك . * ئىسلام ۋاسىتىسى بىلەن تىلىمىزغا نۇرغۇنلىغان ئەرەبىي- پارسىي سۆزلەر ئۆزلەشتى . ④ خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك بولۇپ كەتمەك ، كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشماق ، سىڭىشمەك : گۈلقىزنىڭ ئەسلىي ئېتى گۈلسۈمئاي ئىدى . ئۇ تولىمۇ چىرايلىق بىر بالا بولغىنى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۇنى «گۈلقىز» دەپ ئەركىلىتىپ ، بۇ ئىسىم ئۆزلىشىپ قالغانىدى . ⑤ كۈچ قىلماق ، قۇۋۋەت بولماق ، سىڭمەك : بەزى تائاملار كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسىمۇ ، لېكىن بەدەنگە ئۆزلىشىدىغان قىسمى ئاز ، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ . ⑥ ئۈنۈمدارلىقى ئېشىپ مۇنبەتلەشمەك . دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىقلاشماق (بوز يەر ھەققىدە) : يەر ئۆزلىشىپ قاپتۇ . * ئۈچ يىلدىن بېرى يېزىمىزدا 100 مو بوز يەر ئۆزلەشتى . ⑦ تاۋلانماق (يەر ھەققىدە): باھار ئەتىگىنى . ئوسىسى تازا ئۆزلىشىپ قالغان چوڭ بىرپارچە سالا ئېتىزدا يەنە بىر كۈنلۈك جۇشقۇن ھايات باشلاندى .
Learn ئۆزلەشمەك in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.