ئىمىش
拉丁字母:imish 小品词 B2- 表示怀疑、不确定的助词
维吾尔语释义
① مەلۇم پاكىتلارغا ياكى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسەن كېيىن بىلگەن ياكى يېڭىدىن بىلگەن تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ، يەنى «ئىكەن» مەنىدىكى ياردەمچى سۆز : كارىز سۈيى تاتلىق بولار ئىمىش . * ئاق ئەتىرگۈل بوغىنىم ، بولدى ئېغىر جىنايەت . چۈنكى ئىمىش ئاق رەڭگىم گۈزەللىككە خىيانەت . ② جۈملىدىكى ئىشنىڭ باشقىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتىلغانلىقىنى ھەم بۇ ئىشنىڭ سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ : بۈگۈنكى كىنو بەك ياخشى ئىمىش . * سەن بەك ھاكاۋۇر ئىمىشسەن ، ئۇ سەندىن قورقار ئىمىش . ③ ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدىكى جۈملىلەردە خەۋەرنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ ، باشقىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى مەنسىتمەسلىك ، مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ : - بۇنداق دەيدىغانلار يەنە خېلى كۆپ ئىمىش ، - دېدى خوتۇنى ئادىلنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ .
在真实文章中学习ئىمىش
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。