يەتمەك
拉丁字母:yetmek 动词 A2- 到达,抵达(某地) · يېتىپ كەلدۇق we've arrived· بۇ خەۋەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا يەتتى this news has reached many people· بىز لەنجۇغا قاچان يېتىپ بارىمىز؟ when will we reach Lanzhou?
- 影响(某人) · بۇ ئىشنى قىلساق بىزگە زىيان يېتىدۇ if we do this, we will lose out
-
到来(时间)
· راھەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە as the sabbath day began,...
- ۋاقىت يېتىپ قالدى it's nearly time!
- ۋاقىت يەتتى! it's time! the time has come!
- ۋاقىت يېتىپ بولدى it's time! the time has come!
- ئون يىل يەتمەيلا،.. ten years had not passed,. within ten years,..
- 达到,获得 · چوقۇم تىلىكىنىڭگە (تىلىكىڭگە) يېتىسەن you will certainly receive your request
-
足够
· ئالغان سېيىمىز بىر قىشقا يېتىدۇ we've bought enough vegetables to last a winter· يېمەك-ئىچمىكى تولۇپ يېتىپتۇ their food supplies were more than enough· بۇ ئىشنى بىز قىلساق، زىيان يېتىدۇ if we do this, we will incur loss(es)
- يېتىپ كەتمەك to be enough, sufficient (for)
-
达到极限,过分
· تاماقنى يەتكۈچە يېدىم I had my fill· سېنىڭ مۇتەھەملىكىڭمۇ يېتەر ئەمدى، چىق ئۆيدىن! your bad behaviour is quite enough , get out of my house! you've gone far enough, get out of my house!· ئۇ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جاپانى يەتكۈچە تارتقان in these recent years he has suffered to the limit, unbearably
- يېتىپ ئاشقۇدەك beyond the pale, too much, too far, beyond expression
-
to realise, to come to know, to understand
· بىز بۇ كىتابنىڭ قەدرى-كىممىتىگە يەتتۇق we realised the worth of this book
- گەپنىڭ تېگىگە يەتمەك to underand the implication of the words
- to catch up with, to catch · مۇسابىقىدە ئالىم ئادىلغا يېتىۋالدى Alim caught up with Adil in the race
- as an auxiliary verb, expressing attainment, completion, fulness · ئۇنى تونۇپ يەتتىم I realise who he is, I recognised him· سىزنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ يېتەلمىدىم I just cannot (could not) figure out what you are wanting to say· ئۇلار كۆزلىگەن نىشانىغا بېرىپ يەتتى they reached their intended goal
词形
- يېتىمەن
- 现在将来时 · 我(مەن)
- يەتتى
- 过去时 · 他、她、他们(ئۇ)
- يېتىۋاتىمىز
- 现在进行时 · 我们(بىز)
- يەتمەيدۇ
- 现在将来时 · 否定 · 他、她、他们(ئۇ)
维吾尔语释义
پ ① كۆزلىگەن نىشانغا ، ماكانغا ، مەنزىلگە ئۇلاشماق ؛ بارماق : مەنزىلگە يەتمەك . قوغلاپ يەتمەك . ② ئويلىغىنى ، مۆلچەرلىگىنى ۋاقىت ، سان ، مىقدار جەھەتتە باپ كەلمەك ، تەڭ بولماق : رەھبەرلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، بۇ ناھىيىدە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىش نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يەتتى . ③ كۇپايە بولماق ، تەمىن ئەتمەك ، قامدالماق : تۇرمۇشقا يەتمەك . ئېھتىياجغا يەتمەك . * كۆپ بولسا كېتەر ، ئاز بولسا يېتەر (ماقال) . ④ ھاسىل بولماق ، ئەمەلگە ئاشماق ، ئورۇندالماق : ئارمىنىغا يەتمەك . مۇرادىغا يەتمەك . * ئەزمە ئويلانغىچە ، تەۋەككۈلچى مەقسىتىگە يېتىپتۇ (ماقال) . ⑤ ھۇزۇر - ھالاۋەت ، پايدا - مەنپەئەت ، پۇرسەتكە ئېرىشمەك ، ئۇلاشماق : ئۇلار بۇرۇنقى ئاچ - يالىڭاچ تۇرمۇشتا ئۆلۈپ كەتمەي ، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنگە يەتتى . ⑥ كۆچمە . توسالغۇغا ، دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماق : مۇشۇ ئارىدا ئالتە مىنۇتتىن ئارتۇق ماشىنا توختاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، ئىسمىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكەن . ⑦ مەلۇم چەك ، مەلۇم نۇقتا ، مەلۇم دەرىجىگە بارماق ، تاقالماق : بالاغەتكە يەتمەك . ۋايىغا يەتمەك . * ھۆرمەتلىك دوستۇم ، نېمە دېسەم بولار؟ مەن ھازىر ساڭا ئوخشاش بەش - ئالتە كادىرغا مائاش بەرگۈدەك ھالغا يەتتىم . ⑧ كۆچمە . ئاڭلانماق ، مەلۇم بولماق : بىر كۈنلىرى بۇ سۆز بېرىپ شاھزادىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ . ⑨ كۆچمە . ئېسىگە كەلمەك ، ئويلاپ تاپماق ، ھېس قىلماق : يادىغا يەتمەك . ⑩ يېيىلماق ، تارقالماق ، ئاڭلانماق : بۇ ۋەقە ئەمدى شەھەرگە يېتىپتۇ . * قەدىم يىپەك يولى پەقەتلا بارغان بولسا ئىرانغا ، رومغا ، يەتتى ھازىر بىزنىڭ بۇ گىلەم دېڭىز ئاتلاپ ۋاشىنگىتونغا . ⑪ بەزى تۇرغۇن سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئانالىتىك پېئىللاشتۇرىدۇ : ئەجەل يەتمەك . قازا يەتمەك . ئازار يەتمەك . ⑫ بىلمەك ، چۈشەنمەك : كىمكى ئۆزىنى تونۇسا ، ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتسە ، ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن ، جەمئىيەت ئۈچۈن ، تۇرمۇش ئۈچۈن كېرىكى بارلىقىنى ھېس قىلسا ، بۇ كۈن — ئۇنىڭ ئەڭ شاد ، ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنىدۇر . * دوختۇر بولۇپ خەلقنىڭ شىپا بېرىپ دەردىگە ، ئىشلەش ئۈچۈن يېتىمەن ، ئىلىم - پەننىڭ قەدرىگە .
在真实文章中学习يەتمەك
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。