قادىماق
Latin: qadimaq verb B2-
to sew on, nail on, attach, to pin (on)
· ئۇلار قۇلاقچىلىرىغا ئاق بۈركۈت بەلگىسىنى قادىۋېلىشىپتى they all stitched on white eagles to their kulakchas· تامغا ئېسىلغان ئۆلكە خەرىتىسىگە قىزىل ۋە قارا بايراقچىلار قاداپ قويۇلغانىدى red and black flags were pinned to the provincial map hung on the wall
- دوپپىغا قاداق قادىماق to fix a popper to a doppa
- تۈگمەنى قادىماق to sew a button
-
to mend with clamps, to clamp
· ئامۇت قاداقچى بىر چىنىمىزنى قاداپ بەردى Amut the bowl-mender fixed one of our bowls
- چىنىنى قادىماق to clamp a cracked bowl
- to fasten onto, to hang upon · ئۇ تاپانچىلىرىنى بۇ ئادەمنىڭ مەيدىسىگە قادىدى he hung the guns on this man's chest
-
to set up, to put up, to set upright
· قەبرىلىرىگە قاداپ قويۇلغان خاتىرە تاختايلار the memorial plaques set up on their graves· ئۇ شامدانلارغا شام قاداپ يېقىپتۇ he put candles into the candlesticks and lit them
- بايراق قادىماق to set up a flag
- to fasten, to fix (one's gaze, eyes) · ئۇ كۆزىنى ماڭا نەشتەردەك قادىدى he fixed his eyes like a dagger upon me
Forms
- قادايمەن
- present-future · I (مەن)
- قادىدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- قاداۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- قادىمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ①سانجىماق ، تىقماق ؛ سالماق : پىدائىيلار تۆمۈرچىلەرگە نەيزە ياسىتىپ ، ئۇنى چەنزىلەرنىڭ ئۇچىغا قادىۋېلىشقانىدى . ②تىرىمەك ، تاقىماق ، تىركىمەك : «نامازشام خىزىرى» بىلەن چېقىر كۆز تەڭلا ۋاقىتتا تاپانچىلىرىنى بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ مەيدىسىگە قادىدى . ③تىكلەپ ئورناتماق ، تىك قىلىپ جايلاشتۇرماق ، تىكلىمەك : ئۇلار سېپىل ئۈستىدىكى جەڭدە قۇربان بولغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە تۆنۈگۈن كەچتە قاداپ قويۇلغان خاتىرە تاختايلىرىنى كۆردى . ④چاپلاپ ، مىخلاپ ، تىكىپ ياكى باغلاپ ئورناتماق ، چاپلىماق ، تاقىماق : بالىنىڭ قىشلىق كىيىملىرى پۈتتى ، تۈگمىلىرىنى قاداپ بەرسەكلا بولىدۇ . ⑤تىكمەك ، ئۇدۇللىماق ، توغرىلىماق (كۆز ھەققىدە) : ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ ، كۆزىنى ماڭا نەشتەردەك قادىدى . ⑥سۇنغان فارفور بۇيۇملارنى قاداق مىخ بىلەن ياسىماق ، قاداق سالماق : ئاۋۇت قاداقچى بىر چىنىمىزنى قاداپ بەردى .
Learn قادىماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.