توسۇق
Latin: tosuq noun B2-
a partition, division, barrier
· ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توسۇقنى ئېلىۋەتتىم I took down the partition wall in the house between the rooms
- ئاۋاز توسۇقى a sound barrier, accoustic barrier, accoustic partition
-
an obstacle, barrier, hindrance, obstruction
· توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلىماق to remove hindrances
- توسۇق تام a partition, partition wall
- توسۇقتا توختا stop at the barrier
- توسۇقلاردىن ئۆتمەك to overcome an obstacle
- سىم توسۇق a (barbed) wire fence
-
a protective screen, shield
- دەرەخ توسۇق a tree barrier, tree belt
- تەبىئىي توسۇق a natural protection
- resistance, drag
Forms
- توسۇقلار
- plural
- توسۇقى
- his, her, their
- توسۇقۇمغا
- my · to (-غا)
- توسۇقتا
- in, at (-دا)
In Uyghur
ئى ① ئارىلىقنى توسۇش ، ئاجرىتىش ۋە ئىھاتە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان قۇرۇلما ، تام ، قاشا : ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش بەش - ئالتە ياش بىلەن سۇ يار ئېلىپ كەتكەن يەرگە قويۇلغان توسۇقنى مۈرىلىرى بىلەن يۆلەپ تۇراتتى . ② مېڭىش ، كىرىش - چىقىشنى مەنئى قىلىش ئۈچۈن ، ئىشىك - دەرۋازىلارغا قويۇلغان توسما ياكى توغرا ياغاچ ؛ مۇشۇنداق جايلاردىكى قاراۋۇللۇق : ئۇ ساتما ئالدىدىكى توسۇقتىن سەكرەپ چىقتىدە ، بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۇچقاندەك يۈگۈردى . ③ توي كۆچۈرگەن قىز - يىگىتلەردىن بىرەرىنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى ياكى بېرىلىدىغان تارتۇق قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىپ تۇتۇلغان ئارغامچا ياكى باشقا نەرسىلەر : ئىككى جايدا قىز-يىگىتلەر توسۇق توستى . گۈللەيلى ئۇلارغا تەڭگە چاچتى . ④ كۆچمە . توسقۇنلۇق ، قىيىنچىلىق ؛ قارشىلىق : قاتمۇقات توسۇق ۋە داۋاندىن ئۆتتۈڭ ، ئىزلىگەن پەرھاتتەك ئۆز دىلدارىنى .
Learn توسۇق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.