FluentPlex

يالىڭاچ

Latin: yalingach noun C2
  1. the naked man is not afraid of water - nothing to lose, so not afraid
+ Save to review

Forms

يالىڭاچلار
plural
يالىڭاچتا
in, at (⁨-دا⁩)

In Uyghur

سۈپ ① ئۈستىۋېشىغا كىيىم كىيمىگەن ، كىيىمسىز : ياغ يەپ يالىڭاچ يات (ماقال) . * ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ تۇغۇلغان (ماقال) . ② كۆچمە . يوپۇرماقسىز ، قاقشال : گۈللەرمۇ شۇ چاغ بولۇپ يالىڭاچ ، نومۇسچان قىزدەك ئۇيۇلۇپ قالدى . ③ كۆچمە . گىياھسىز ، گىياھ ئۈنمىگەن : باشقا باي - غوجىلار يېرى «دەنلىك يەر» دېيىلەر تۆككەچكە ئۆز ئالدىغا باج . قالغان تىڭ يەرلەرنى ئاتايتتى «خام يەر» ، تۇراتتى قىش - يېزى جىمجىت ، يالىڭاچ . ④ كۆچمە . كەمبەغەل ، يوقسۇل : بۇ پۇل ئۆز ۋاقتىدا بىزدەكلەرنى بوسۇغىسىغا يولاتمايدىغان ، لېكىن بىزدەك يالىڭاچلارنىڭ قان - تەرى بىلەن پۈتكەن ھەشەمەتلىك باي قورۇسىنىڭ پۇلى . ⑤ كۆچمە . ئوچۇق - ئاشكارا ، ئېنىق ؛ روشەن : بۇرژۇئازلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يالىڭاچ ھالدىكى پۇل مۇناسىۋىتى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ھېسسىياتى پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ . ⑥ كۆچمە . قىن ، غىلاپلاردىن سۇغۇرۇۋېلىنغان ؛ غىلاپقا سېلىنمىغان ، ئوراقسىز : ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن مەسرۇر بىلەن يىگىرمە كىشى قىلىچلىرىنى يالىڭاچ ھالدا تۇتۇپ كىرىپ ، شەمسۇنناھارغا سالام بېرىپتۇ . ⑦ كۆچمە . قۇپقۇرۇق ، ھېچ نەرسە يوق : بايقىسام قېلىپتۇ يالىڭاچ ئۆي ئىچى ، ھەرقاچان بىر ئوغرى ئالغان دەپتىمەن .

Other matches

Learn يالىڭاچ in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.