FluentPlex

قىستىماق

Latin: qistimaq verb B2
  1. to shove (in), to squeeze (in) · ئۇ ئارىمىزغا قىستاپ كىرىۋالدى he squeezed in among us· سەن قالايمىقان قىستاۋەرمە stop shoving
    • تامغا قىستىماق to press against the wall
  2. to close in, to get close, to press in · دۈشمەن قىستاپ كەلدى the enemy got close, pressed in
  3. to attempt to suppress (unsuccessfully), to try to restrain, to be unable to restrain · كۈلكىسى قىستاپ كۈلۈۋەتمەك to burst out laughing uncontrollably
    • كۈلكىسى قىستىماق to attempt to (but be unable to) suppress a laugh
  4. to force, to coerce · مەن بۇ ئىشنى قىل دەپ قىستاپ تۇرۇۋالىمەن! I'm insisting on its being done!· مەن ئۇنى مەن بىللە بىرگە قېلىشنى قىستىدىم I insisted on his being with me
    • قەرزنى قىستىماق to press for payment of a debt
+ Save to review

Forms

قىستايمەن
present-future · I (⁨مەن⁩)
قىستىدى
past · he, she, they (⁨ئۇ⁩)
قىستاۋاتىمىز
doing now · we (⁨بىز⁩)
قىستىمايدۇ
present-future · not · he, she, they (⁨ئۇ⁩)

In Uyghur

پ ① ئىگىلىگەن ئورنىنى تارلاشتۇرۇپ بۇلجۇيالمايدىغان قىلماق ؛ تار ، قىستاڭ يەرگە سۈرمەك ، سىغداپ قويماق : دۈشمەن ئۇلارنى ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كەلدى . ② بوش ئورۇن قويماي بىر - بىرىگە كىرىشتۈرمەك : ئۇ تارتمىدىن قىستاپ خەت يېزىلغان بىرنەچچە ۋاراق قەغەزنى ئالدى . ③ مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا قاتتىق ئۈندىمەك ، زورلىماق : كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا قىستىدى . ④ ئالدىراتماق : - سىز ئۇنى چاپسانراق توي قىلىشقا قىستايسىز ، - دېدى ۋۇشۇبىڭ ئايتىللاغا . ⑤ كۆچمە . خىجالەتچىلىكتە قويماق : - ئۇنداقتا ، سىلىنى قىستاپ قويارمەنمىكىن ، - دېدى ھەمراھ خىجىل بولۇپ . ⑥ كۆچمە . پۇرسەت ، ئىمكانىيەت بەرمەي جىددىيلەشتۈرمەك : ۋاقىتنىڭ قىستاپ كېلىشى ئۇنى ئالدىراتماقتا ئىدى . ⑦ شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كەلگەن سۆزدىن كېيىن كېلىپ ، شۇ سۆزدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە كۈچلۈك تەلىپى ، خاھىشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ : كۈلكىسى قىستىماق . تەرىتى قىستىماق .

Learn قىستىماق in real texts

With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.

Create free account
Words, meanings and examples from lughet's Uyghur–English dictionary, used with its owner's permission. Made into this dictionary by FluentPlex.