توسماق
اللاتينية الأويغورية: tosmaq فعل B1-
غَطَّى، حَجَبَ، فَصَلَ بِحَاجِزٍ
· ئۆينى ئوتتۇرىدىن توستۇم I partitioned the room down the middle· يۈزىنى گېزىت بىلەن توسۇۋالماق to cover one's face with a newspaper
- ئاپتاپنى توسماق to block the sunlight
-
سَدَّ، أَعَاقَ، قَطَعَ الطَّرِيقَ
· ئۇ مېنى ماڭغان يولۇمدىن توسالمايدۇ he can't block my way· يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلماق to commit highway robbery· ئاتنى تېز توس! quick, restrain the horse!
- ئالدىنى توسماق to block the way ahead (of smb.)
- ماشىنا توسماق to obstruct the vehicle, to block the vehicle
- يول توسماق to block the road
- كَبَحَ، مَنَعَ، قَيَّدَ، أَوْقَفَ (عَنْ فِعْلِ شَيْءٍ) · ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاراق ئىچىشىنى توسۇش كېرەك the students must be prevented from drinking
الصيغ
- توسىمەن
- المضارع والمستقبل · أنا (مەن)
- توستى
- الماضي · هو، هي، هم (ئۇ)
- توسۇۋاتىمىز
- يفعل الآن · نحن (بىز)
- توسمايدۇ
- المضارع والمستقبل · نفي · هو، هي، هم (ئۇ)
بالأويغورية
پ ① توسۇق ، قاشا ياكى توسما قاتارلىق بىرەر نەرسە بىلەن تورىماق ، قورشىماق ياكى ئىككىگە ئاجراتماق : ئۆينى توسماق . * ئۆستەڭ بويلىرىدا بورىلار بىلەن توسۇپ ياسالغان قاتار - قاتار ۋاقىتلىق ئاشخانىلار ، چايخانىلار ، ناۋايخانىلار بار ئىدى . ② دالدا قىلماق : بۇلۇتنىڭ قۇياش نۇرىنى ئانچە - مۇنچە توسۇۋالىدىغان ھادىسىسى بولۇپ تۇرىدۇ . ③ كۆچمە . ئىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى چەكلىمەك ، توختاتماق ؛ قايتۇرماق : غۇنچەم : - قىزىق گەپ قىلىسىز نۇرۇم ، باغۋەننى گۈل ئۈزۈشتىن ، مېۋە يېيىشتىن كىم توسۇپ قويىدۇ؟ - دېدى . ④ كۆچمە . مەنئىي قىلماق ، چەكلىمەك : - چېرىك قوشۇنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چېرىك ئېلىش كېرەك ، - دېدى ئىلىك ھاجىپ ، - لېكىن نامراتلاردىن ئېلىش ، بايلاردىن ئالماسلىقنى توسۇش كېرەك . ⑤ توسقۇنلۇق شەكىللەندۈرۈپ ، مېڭىش يولىنى ئەتمەك ، توسالغۇ بولماق : ئەنۋەر ئىتتىك بېرىپ ، نىجاتنىڭ ئالدىنى توستى . * دۈشمەنلەر تاش كۆۋرۈكنى توسۇۋالسا ، ئۇلار قانداق قايتىپ چىقىدۇ . ⑥ توسما ياكى توسۇق بىلەن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەك ، باشقا يۆنىلىشكە باشلىماق : ئۆرۈك قىزىلكوس ، بۇغدايغا سۇنى توس (ماقال) .
نتائج أخرى
تعلّم توسماق في نصوص حقيقية
مع حساب مجاني، مرّر المؤشر فوق أي كلمة في المكتبة لترى معناها، واستمع إليها مقروءة بصوت عالٍ، واحفظ الكلمات لمراجعتها في مواعيد تناسب ذاكرتك، واعرف مقدار ما تعرفه من كل كتاب.