توغرا
拉丁字母:toghra 名词 C2- (马鼻袋)
词形
- توغرىلار
- 复数
- توغرىسى
- 他的、她的、他们的
- توغرامغا
- 我的 · 向格(-غا)
- توغرىدا
- 位格(-دا)
维吾尔语释义
① سۈپ . مەلۇم يۆنىلىشكە قارىمۇقارشى ، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئورۇنلاشقان ، ئالدىنى توسۇپ تۇرىدىغان : توغرا قىر . توغرا تام . ② رەۋ . مەلۇم بىر نىشانغا قاراپ ، ئۇدۇل : بىرنەچچە ئون ئاتلىق نەۋكەرلەر ھەممىنىڭ ئالدىدا كىرىپ كەتتى ، سادىر ئارقىدىن ئېتىنى قامچىلاپ ، توغرا تاشقى سېپىلنىڭ ئىچىگە كىردى . ③ ئى . كەڭلىك ، ئەن : بۇ ئېتىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 66 مېتىر ، توغرىسى 11 مېتىر بولۇپ ، دەل بىر مو كېلەتتى . ④ رەۋ . ئارتۇق ياكى كېمى يوق ، دەلمۇدەل : - سىلى ئاغرىغاندىن باشلاپ ، بۇ يىل توغرا يەتتە يىل بولدى ، - دەپتۇ تۇردىقارى . ⑤ سۈپ . خاتاسى يوق ، ناتوغرا ئەمەس ؛ ھەقىقىي ، راست : ئەگەر توغرا جاۋاب بېرەلمىسەڭ ، تىللانى شاھىمىزنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىڭ كېرەك . * ھاشىم : - بىر ھېسابتا كادىرلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى توغرىكەن جۇمۇ ، ئۆزى ، - دېدى . ⑥ سۈپ . مۇۋاپىق ، ئورۇنلۇق ، يولىدا ، لايىقىدا : ئىجادىيەتكە ئاپتورلارمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىشى ، تەھرىرلەرمۇ توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . ⑦ سۈپ . قۇۋلۇق ، ئالدامچىلىقنى بىلمەيدىغان ، پاك ، دىيانەتلىك : سىزدەك توغرا ، ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىڭىزغا ، ئىشىنىمەن . ∥ بىر توپ كىشى تۇتماق بولۇپ ئوغرىنى ، داۋراڭ سېلىپ چىقتى چېلىپ ناغرىنى . «ئوغرى قاچتى» دېگىنىچە ۋارقىراپ ، كېلىپ مەھكەم تۇتتى ئوغرى-توغرىنى . ⑧ يۈك «دۇرۇس ، دەرھەقىقەت» دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ : توغرا ، مەن بىر قېتىملا ئەمەس ، بىرنەچچە قېتىم بۇ ھەقتە ئۆز ئىرادەمنى بىلدۈرگەنىدىم . ⑨ تىر . شەخس بىلەن تۈرلەنگەن شەكلىگە ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ كېلىپ «ھەققىدە ، ئۈستىدە» دېگەن مەنىدە تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ : كىمدۇر بىرى خاسىيەتكە چاقچاق قىلىپ ، مېنىڭ توغرامدا بەزى گەپلەرنى قىلىپ ، سىناپ باققان ئوخشايدۇ .
其他结果
在真实文章中学习توغرا
注册免费账号后,在图书馆中把鼠标悬停在任何单词上即可看到意思,还能听朗读、收藏单词并按你的记忆安排复习,看到每本书你已经认识多少。